قارلەيلىسى

قار-بورانغا پىسەنت قىلماي، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئېگىز تاغ قارلەيلىسى قەيسەرلىكنىڭ سىمۋولىدۇر. مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان تەڭرىتېغى ۋە شىزاڭنىڭ مېدوگ ئەتراپلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن  4500 ~5000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى تىك يانباغىرلاردىكى تاش دۈمبەللەر قارلەيلىسىنىڭ ئۆسىدىغان جايلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جايلاردا تاش پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ كەتكەن، تاغ شامىلى كۈچلۈك، كىلىماتى بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، يەنە كېلىپ ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك بولغاچقا، ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەر زادىلا ئۆسەلمەيدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قار لەيلىسى
تارقالغان رايونلار جۇڭگو چىڭخەي ، گەنسۇ ، سىچۈەن ، يۈننەن ، شىزاڭ قاتارلىق جايلار
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر يىپى
تۈركۈمى پلاتىكودىن تۈركۈمى
تۈرى قار لەيلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 雪莲
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

    قارلەيلىسى مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۆسۈملۈك تۈپى بىرقەدەر پاكار بولۇپ، ئاران  15 ~25 سانتىمېتىر كېلىدۇ، غولى قىسقا توم، يوپۇرماقلىرى يەرگە يېپىشىپ ئۆسىدۇ، ئۈستىنى ئاق رەڭلىك تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرغان بولۇپ، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ، شامالغا قارشى تۇرالايدۇ ھەم ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ رادىئاتسىيىسىدىن ساقلىنالايدۇ. بوتانىكلار يەرگە يېپىشىپ ئۆسىدىغان بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ياتما ئۆسۈملۈكلەر(يېيىلىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر) دەپ ئاتايدۇ. قارلەيلىسىنىڭ ئوق يىلتىزى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تاشلارنىڭ ئاراچ-قىسىلچاقلىرىغىچە كىرىپ، يېتەرلىك سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئالالايدۇ، ئېگىز تاغلاردىكى يىرىك شېغىل، پارچە تاشلارغا ۋە سوغۇق، قۇرغاق مۇھىتقا ماسلاشقان. 

قارلەيلىسىنىڭ گۈلى چوڭ ھەم كۆركەم، ھەر يىلى ئىيولنىڭ ئوتتۇرىلىرى چېچەكلەش مەزگىلى بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدىن چوڭ بىر گۈل تەخسىسى ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئۈستىدە  10 ~12 تال باشسىمان گۈل رېتى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل تاجلىرى ئوچۇق بىنەپشە رەڭلىك. گۈل تاجلىرىنىڭ سىرتىدا بىرقانچە قەۋەت ئاق رەڭلىك، پەردە ماددىلىق ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرى بولۇپ، ھەم سوغۇقتىن مۇداپىئە قىلالايدۇ، ھەم سۇنى ساقلاپ قالالايدۇ ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيىسىنى قايتۇرۇۋېتەلەيدۇ. ھەر قېتىم ھاۋا ئوچۇق، قۇياش نۇرى تولۇق چۈشكەندە، قارلەيلىسىنىڭ يوپۇرماقلىرى ۋە ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرى ئېچىلىپ تېخىمۇ كۆپ قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ، بۇلۇت-تۇمانلار بولسىلا يۇمۇلۇۋالىدۇ.

  قارلەيلىسىنىڭمۇ ئوخشىمىغان خىللىرى بولىدۇ. ئورىغۇچى يوپۇرماقلىق قارلەيلىسى كاپوستىغا(قاتكۆككە) ئازراق ئوخشايدۇ، ئۆسۈملۈك تۈپى ئېگىزرەك، ياشايدىغان ئورۇنلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئۈچ بارماقلىق قارلەيلىسىنىڭ ئۆسۈملۈك تۈپى يەرگە يېتىۋالغان ھالەتتە ئۆسىدۇ، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى  5000 مېتىردىن ئارتۇق بولغان، قار سىزىقىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى يىمىرىلىۋاتقان تاش دۈمبەللەردە ياشايدۇ.

 

   قارلەيلىسى گۈلىنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. خۇشبۇي پۇرىقى شامالغا ئەگىشىپ نەچچە ئون مېتىر يىراقلارغىچە بارىدۇ. قارلەيلىسى يەنە قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇنىڭ غولى، يوپۇرمىقى، گۈللىرىنىڭ ھەممىسىنى رېماتىزم، قان ئازلىق كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان تەڭرىتېغى ۋە شىزاڭنىڭ مېدوگ ئەتراپلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4500 ~5000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى تىك يانباغىرلاردىكى تاش دۈمبەللەر قارلەيلىسىنىڭ ئۆسىدىغان جايلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    80%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    20%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#