ئالجىر

شىمالىي ئافرىقىغا جايلاشقان ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى، دكلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى.

ئۇيغۇرچە نامى ئالجىر
چەتئەلچە نامى Algiers
ھاۋا-كېلىماتى ئوتتۇرا دېڭىز تىپى ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى 阿尔及尔
نوپۇسى ئۈچ مىليۇن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالجىرئالجىر شىمالىي ئافرىقىغا جايلاشقان ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 2 مىليون 390 مىڭدىن ئاشىدۇ(1982) ، ئالجىر شەھىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قىسمى 935-يىلى قۇرۇلغان. ئەرەبلەرنىڭ ئالدىن يۈرۈش قىلغان قىسىملىرى بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن بۇ جاينىڭ قايسى جاي ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن، بىراق دېڭىزدا ئۇششاق ئاراللارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن. شۇڭا بۇجايغا ئەرەبچە «ئەل-جەزائىر» (تاقىم ئاراللار دېگەن نمەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ نام بەرگەن. مىلادى 935-يىللىرى ئەتراپىدا دېڭىزدىكى تۆت ئارال ئۈستىگە قۇرۇلغان ئالجىر شەھىرىنيىڭ ئەڭ دەسلەپكى قىسمى 152-يىلىغا كەلگەندە دامبىلار ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان.

ئالجىر ھازىرقى ئالجىر شەھىرى يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى ئالجىر قولتۇقنىڭ غەربىدە دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ 20 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. شەھەر نۇرغۇنلىغان ئېگىز-پەس ئېدىرلىقلار ئۈستىگە جايلاشقان. ئالجىر ئالجىرىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدىكى سانائەت پۈتۈن ئالجىردىيىدىكى سانائەتنىڭ 2/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئالجىر شەھىرىدە ئالجىرىيە مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنلا بەلگىلىك سانائەت ئاساسى بار ئىدى. بۇدۆلەت يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلاتتى، 60-يىللاردىن باشلاپ نېفىت ھەم نېفىت مەھسۇلاتىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. ھازىر ئۇنىڭ سانائىتىدە نېفىت ئايرىش، نېفىت-خىمىيە، ماشىنىسازلىق، سېمونت، توقۇمىچىلىق، ھاراق ئىشلەش، كۆن-خۇرۇم سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالجىر شەھىرىنىڭ يېنىدا چوڭ تپتىكى يۈك چۈشۈرۈش، يۈك قاچىلاش ئورنى، زامانىۋىلاشقان سودا پورتى، بېلىقچىلىق پورتى بار. ئالجىر ئالجىرىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى ئاھالە ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت—مائارىپ، قاتناش ترانسپورت ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايون. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە، ماراكەش، تۇنىسلارغا بارىدىغان تۆمۈر يول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى بار. شەھەرگە 20 كىلومېتر كېلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا چوڭ تىپتىكى داربىدا خەلقئارا ئايرودروم بار.

ئالجىر 1879-يىلى قۇرۇلغان ئالجىر داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئافرىقا مىللىي سەنئەت مۇزېيخانىسى، ئادەمزات مۇزېيخانىسى، ئاتاقىلىق مەسچىتلەر، رىم دەۋرىدىكى قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلارمۇ بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#