قۇمتاغ مەنزىرگاھى

قۇمتاغ مەنزىرگاھى

گۈزەل ۋە سىرلىق پىچان ‹‹ قۇمتاغ مەنزىرگاھى ›› تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى پىچان ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە جايلاشقان.

نامى قۇمتاغ مەنزىرگاھى
خەنزۇچە نامى 库姆塔格
قاراشلىق رايون شىنجاڭ پىچان ناھىيەسى
باشقا نامى قۇمتاغ قۇملۇقى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇمتاغ مەنزىرگاھىگۈزەل ۋە سىرلىق پىچان ‹‹ قۇمتاغ مەنزىرگاھى ›› تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى پىچان ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە جايلاشقان. ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپمۇ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك قۇم بارخانلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى بىردىن بىر شەھەر بىلەن تۇتىشىدىغان قۇملۇق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ نوقتىلىق مەنزىرگاھلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 

قۇمتاغ مەنزىرگاھى‹‹ قۇمتاغ مەنزىرگاھى ›› دىكى قۇملۇقنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 62 كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغا كەڭلىكى 40 كىلومېتىر، ئۇمۇمىي كۆلىمى 1880 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇمتاغنىڭ شەھەرگە يۈزلەنگەن شىمالىي باغرىدا بۇلاق سۇلىرىدىن شەكىللەنگەن بىر ئېقىن ئويناقلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئېقىن ‹‹ قۇمتاغ مەنزىرگاھى ›› نىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن باشلىنىپ، قۇمتاغنى بويلاپ غەربكە قاراپ ئېقىپ ئىدىقۇت تاغ تىزمىسىنىڭ باش قىسىمى بىلەن قۇمتاغ ئوتتۇرسىدا شەكىللەنگەن جىلغىغا قۇيۇلىدۇ. باتۇر، ئەمگەكچان پىچان خەلقى مانا مۇشۇ ئېقىن بويىغا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مېھنەت تەرىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىر قانچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يېشىل بەلۋاغنى بەرپا قىلغان. بۇ بەلۋاغدىكى دەل-دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر قۇمنى تىزگىنلەش رولىنى ئويناپ، قۇمنىڭ شەھەر رايونىغا قاراپ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، ھەيۋەتلىك قۇمتاغ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ جەلپ قىلارلىق مەنزىرىنى، جۈملىدىن ئۆزگىچە ‹‹ قۇمتاغ مەنزىرگاھى ›› نى شەكىللەندۈرگەن. 

قۇمتاغ مەنزىرگاھىقۇمتاغنىڭ جەنۇپ تەرىپى بولسا ئېگىز بولمىغان تاغ چوققىلىرى ۋە ئېدىرلىقلاردىن شەكىللەنگەن چۆللۈك. قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ بىر لىنىيىسى _ ‹‹ چۆللۈك يولى ›› دەل قۇمتاغنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىن بويلاپ ماڭغان. قۇملۇقنقڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا پىچان ناھىيەلىك ساياھەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدا : پىچان قۇمتاغ مەنزىرگاھىدىكى قۇمتاغ ئاساسلىقى تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى يەتتە قۇدۇق شامال ئېغىزىدىن كېلىدىغان كۈچلۈك شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن ھازىرقى قۇمتاغنىڭ ئورنىدا ئۇچرىشىپ ۋە تىنىپ ئىگىز چوققىلىق قۇمتاغنى ھاسىل قىلغان. مىڭ يىللاردىن بۇيان شامال يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى ۋە پىچان خەلقىنىڭ قۇمتاغ بويىنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى قاتارلىق تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپلەردىن قۇملۇق شەھەر رايونىغا قاراپ بىر مېتىرمۇ كېڭىيەلمىگەن. 

قۇمتاغ مەنزىرگاھىياز كۈنلىرى قۇمتاغنىڭ شىمالىي باغرىدىكى يېشىللىقنىڭ نەمخۇش، سالقىن ھاۋاسى كىشىگە راھەت بېغىشلايدۇ. لېكىن قۇمتاغدىكى قۇم يۈزىنىڭ تېمپۇراتۇرسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 80 سىېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا قۇمتاغ باغرىدىكى يېشىللىق كىشىلەرنىڭ تۇمۇزدىن پاناھلىنىدىغان، ھەرخىل بايرام ۋە ئارام كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئارامگاھقا ئايلانغان. قۇمتاغ بولسا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھارارىتى، تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئېلىمېنىتلارنىڭ موللىقى بىلەن سۇغۇقتىن بولىدىغان رېماتىزىم قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك شىپا بېرىدىغان ئۈستى ئۇچۇق ‹‹ تەبئىي شىپاخانا ›› غا ئايلانغان. ھەر يىلى يازدا ئاپتونۇم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ۋە بىمارلار ئېكىسكۇرسىيە ياكى قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش ئۈچۈن قۇمتاغ مەنزىرگاھىغا كىلىدۇ.

قۇمتاغ مەنزىرگاھىيېقىنقى يىللاردىن بويان، پىچان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پىچان قۇمتاغ مەنزىرگاھىنى بىر تەبئىي ئەۋزەللىك دەپ تونۇپ مەنزىرە رايونىنى ئېچىش ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، مەنزىرگاھنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلىكنى ئۇنۋېرسال ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. 2004-يىلى دۆلەتنىڭ قەرز پۇل ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قۇمتاغ مەنزىرگاھىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇپ، مەنزىرگاھ ئىچىنىڭ ئالاقە، مېھمان كۈتۈش زالى، راۋاق، يول، كۆۋرۈك، زامانىۋەي ھاجەتخانا، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق قۇرلۇش تۈرلىرىنى تاماملاش بىلەن بىرگە، يەنە قۇم ئويما ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، تۆگە ۋە ئاپتوموبىل بىلەن قۇم كېزىش، قۇم تېيلىش، قۇم ۋالىبولى، قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيىسى قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى يولغا قۇيۇپ، قۇمتاغ مەنزىرگاھىنىڭ جەلپكارلىقىنى، شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە، پىچان قۇملۇق مەنزىرگاھى سىرلىق تارىخى، زامانىۋىي گۈزەل قىياپىتى، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان بىردىن بىر مەنزىرىسى بىلەن دۆلەتنىڭ تۆت  ‹‹ A ›› دەرىجىلىك مەنزىرگاھىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.   [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#