ۋاڭ چىشەن
ۋاڭ چىشەن ئەر، خەنزۇ، 1948-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، سەنشىنىڭ تيەنجېندىن، 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋاڭ چىشەن ئەر، خەنزۇ، 1948-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، سەنشىنىڭ تيەنجېندىن، 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن. غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئىقتىسادچى. ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.
ۋاڭ چىشەن 1969-يىلدىن 1971-يىلغىچە شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن ناھىيەسى فېڭجۇاڭ كوممۇناسىدا زىيالىي ياش بولغان؛
1971-يىلدىن 1973-يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك موزىيىدا خىزمەت قىلغان؛
1973-يىلدىن 1976-يىلغىچە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان؛
1976-يىلدىن 1979-يىلغىچە شەنشى ئۆلكىلىك موزىيىدا خىزمەت قىلغان؛
1979-يىلدىن 1982-يىلغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېقىنقى زامان تارىخ تەتقىقاتخانىسىدا پىراكتىكانت تەتقىقاتچى بولغان؛
1982-يىلدىن 1986-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتى يېزا سىياسىتى تەتقىقاتخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىدە باشقارما باشلىقى، مۇئاۋىن ئىدارە دەرىجىلىك تەتقىقاتچى، ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن؛
1986-يىلدىن 1988-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتى يېزا سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىدا ئىدارە دەرىجىلىك تەتقىقاتچى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېزا تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە مەملىكەتلىك يېزا ئىسلاھاتى سىناق رايونى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېزا تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى، باشلىقى بولغان؛
1988-يىلدىن 1989-يىلغىچە جۇڭگو يېزا ھاۋالىلىك مەبلەغ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولغان؛
1989-يىلدىن 1993-يىلغىچە جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئارىلىقتا 1992-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 11-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆلكە مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان؛
1993-يىلدىن 1994-يىلغىچە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
1994-يىلدىن 1996-يىلغىچە جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان؛
1996-يىلدىن 1997-يىلغىچە جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان؛
1997-يىلدىن 1998-يىلغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
1998-يىلدىن 2000-يىلغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان؛
2000-يىلدىن 2002-يىلغىچە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان؛
2002-يىلدىن 2003-يىلغىچە خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2003-يىلدىن 2004-يىلغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان؛
2004-يىلدىن 2007-يىلغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان؛
2007-يىلدىن 2008-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2008-يىلدىن 2011-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2010-يىلى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛
2011-يىلدىن 2012-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2012-يىلدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16-17-18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سېكرېتارى بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.