تىم كۇك

تىم كۇك

تىم كۇك ئامېرىكىلىق، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تىم كۇك
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1960-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئائۇبۇرن ئۇنىۋېرىستېتى، دۇك ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蒂姆·库克
يۇرتى ئالاباما شتاتى
كەسپى ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى
چەتئەلچە نامى Timothy Donald Cook

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىم كۇكتىم كۇك ئامېرىكىلىق، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى. 1998-يىلى ئالما شىركىتىگە كىرگەن، ئەڭ دەسلەپتە ئامبار ۋە تەمىناتنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىنى باشقۇرغان. 2005-يىلى، كۇك ئالما شىركىتىنىڭ باش تىجارەت باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى سېتىپ چىقىرىش ۋە تىجارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 2011-يىلى 8-ئايدا، تىم كۇك جوبىسنىڭ ئورنىغا ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان.

تىم كۇك ئالاباما شتاتىدىكى (Alabama) ئائۇبۇرن ئۇنىۋېرىستېتى (Auburn University) دا سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ئوقۇغان، كېيىن دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدا (UniversityDuke) كارخانا باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

تىم كۇك1994-يىلىدىن ئىلگىرى، ئۇ IBM دا 12 يىل خىزمەت قىلىپ، IBM نىڭ PC بۆلىمىنىڭ شىمالى ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پارچە سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. كېيىن ئۇ Intelligent Electronics توپ تارقىتىش شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر سېتىش بۆلىمىنىڭ باش تىجارەت باشقۇرغۇچىسى بولغان. ئالما شىركىتىگە كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالتە ئاي كومپاك (Compaq) شىركىتىنىڭ ماتېرىيال يىغىش ۋە مەھسۇلاتنى ساقلاشنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئالما شىركىتىگە كىرىش

1998-يىلى ئالما شىركىتى تىم كۇكنى ئالما كومپيۇتېرىنىڭ ياسىلىشىغا مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئالما شىركىتىدە، تىم ئامبار بىلەن تەمىناتنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىنى باشقۇرغان، ھەمدە ئالمىدىكى جوبىس تىن كېيىن تۇرىدىغان ئىككىنچى شەخىسكە ئايلانغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كۇك 16 يىللىق IT كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخىغا ئىگە.

2004-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، جوبىس ئوپىراتسىيە سەۋەبىدىن خىزمەتتىن ئايرىلغان مەزگىلدە، كۇك ئالما شىركىتىنى ئىككى ئاي ۋاكالىتەن باشقۇرغان. كېيىن، جوبىس پۈتۈن يەر شارىدىكى سېتىش ئىشلىرىنى كۇكقا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

2005-يىلى كۇك ئالما شىركىتىنىڭ COO سى بولغان.

2009-يىلى، جوبىس يەنە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىپ داۋالانغاندا، كۇك يەنە جوبىس نىڭ خىزمىتىنى ۋاقىتلىق ئۆتكۈزۈۋالغان. جوبىس يوق چاغلاردا، جوبىس ئالما شىركىتىنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىنى باشقۇرۇپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى، كۇكنىڭ مائاشى 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئۇنىڭغا يەنە 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات ۋە 52 مىليون 300 مىڭ قەرەللىك ھوقۇق پۇلى قوشۇلۇپ، ئومۇمىي مائاشى 59 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالما شىركىتى جوبىسنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى، ئالما شىركىتىنىڭ COO سى تىم كۇكنىڭ ۋاقىتلىق CEO ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئالما شىركىتى ستېۋ جوبىسنىڭ CEO لىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى، شىركەتنىڭ COO سى تىم كۇكنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كۇكنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. تىم كۇك يەنە ئالما شىركىتىنىڭ بىر مىليون پايچىكىگە ئىگە بولغان.

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى تىم كۇكنىڭ 2011-يىلىدىكى ئومۇمىي مائاشى 2010-يىلىدىكىدىن %2 ئاشقاچقا، ئۇ يەر شارىدىكى مائاشى ئەڭ يۇقىرى باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ 2011–يىللىق ئومۇمىي مائاشى تەخمىنەن 37 مىليون 780 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

كۇكنىڭ «بىر سائەتلىك قەھۋە» نى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشى

ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى تىم كۇك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش خەيرى-ساخاۋەت تورى ityBuzz دا ئالما شىركىتىنىڭ باش بۆلىمىدە ئۆزى بىلەن بىر سائەت قەھۋە ئىچىش پۇرسىتىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان، رىقابەتچىلەر ئىچىدىكى بىر نامى ئاشكارلانمىغان سېتىۋالغۇچى 14 كۈنلۈكنى 610 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان.

تىم كۇكتىم كۇك بىر بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارى، ئۇ بەدەن چېنىقتۇرۇپ ئۆيىگە بېرىشنى، تاغقا يامىشىشنى ۋە ۋېلىسىپىت مىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇمۇ جوبىس قا ئوخشاش خىزمەت تەلۋىسى، ئۇ ئادەتتە ئەتتىگەن سائەت تۆت يېرىمدىن باشلاپ ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى يوللاشقا باشلايدۇ، كېيىنكى بىر ھەپتىلىك ئىشلار ئۈچۈن، ھەر يەكشەنبە كەچتە تېلېفون يىغىنى ئاچىدۇ. [2]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#