جىم كەرى

جىم كەرى

كانادا–ئامېرىكىلىق كومىدىيە ئارتىسى، قىزىقچى، سىنارىيە يازغۇچىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى جىم كەرى 1962-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كانادا ئونتارىئودا تۇغۇلغان، تولۇق ئىسمى جامىس ئېۋگېنى كەرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جىم كەرى
باشقا نامى كەرى
يۇرتى كانادا ئونتارىئو
يۇلتۇز تۈركۈمى كاپرىكورنۇس يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى A تىپ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 金·凯瑞
دۆلەت تەۋەلىكى كانادا–ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1962-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 90 كىلوگىرام
كەسپى كومىدىيە ئارتىسى، قىزىقچى، سىنارىيە يازغۇچىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىم كەرىكانادا–ئامېرىكىلىق كومىدىيە ئارتىسى، قىزىقچى، سىنارىيە يازغۇچىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى جىم كەرى 1962-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كانادا ئونتارىئودا تۇغۇلغان، تولۇق ئىسمى جامىس ئېۋگېنى كەرى. جىم كەرىنىڭ دادىسى مۇزىكانت ۋە بوغالتىر، ئاپىسى ئائىلە ئايالى. جىم كەرىنىڭ ئۈچ ئاچىسى بار. كەرى ئائىلىسى فىرانسىيە، شوتلاندىيە، ئىرېلاندىيە ۋە شوتلاندىيە ئارىلاش قان.

جىم كەرى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ كەسپىي كومىدىيە ئارتىسى بولغان، لېكىن دەسلەپكى يىللاردا ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەنلىكىتىن ۋە ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن كۈنلىرى ناھايىتى جاپالىق بولغان ۋە كەسپىتىن بىر مەزگىل چېكىنگەن.

ېينچە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن جىم كەرى كەسپىنى قايتىدىن باشلىغان ۋە ناھايىتى تېزلا مۇقىم سەھنە خىزمىتىگە ئېرىشكەن ۋە نام چىقىرىشقا باشلىغان. كانادادىكى داڭلىق قىزىقچى دانگېرفىلىدە ئۇنى ئۆزىنىڭ سەييارە قىزىقچىلىق كېچىلىكىگە ياللىغان ھەمدە جىم كەرىنى ئېلىپ لاس ۋېگاسقا بارغان. بۇ يەردە جىم كەرى سەھنە قىزىقچىلىق ساھەسىدە بارا-بارا داڭ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا جىم كەرى ھوللىۋودقا كىرىشنى قارار قىلغان ۋە بىرقانچە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە تېلېۋىزىيە كومىدىيە پروگراممىلىرى ۋە كىنولاردا رول ئېلىپ كەسپىي ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان.

شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە جىم كەرىنىڭ فىلىملىرىنىڭ بېلەت كىرىمى ئەھۋالى 90-ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئارىلاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك فىلىملەرمۇ چىقىپ تۇرغان.

بەزى داڭلىق ھوللىۋود چولپانلىرىغا بىراقلا ئەخلەت فىلىمى دۇنياسىغا پېتىپ قالىدىغان ئىش بولمىدى. جىم كەرى يەنىلا بېلەت كىرىمى چاقىرىش ئىقتىدارى خېلىلا يۇقىرى كىنو چولپانلىرىنىڭ بىرى.

ھازىر جىم كەرىنىڭ مۇبالىغە قىلىنغان چىراي ئىپادىسى ئۇسلۇبىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولغاچقا جىم كەرى ئۆزىدە جىددىي ئۇسلۇب ئۆزگەرتىشكە ئېھتىياجلىق. لېكىن ئۇ ئىزچىل كومىدىيەلىك فىلىملەردىن باشقا تۈردىكى فىلىملەرنى ئىشلەشنى سىناپ كۆرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىدە «جىم كەرىچە ئۇسلۇب» ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن «ترۇمان پروگراممىسى»دىن باشقا فىلىملىرى دېگەندەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. جىم كەرى ھازىر كەسىپ جەھەتتە قايمۇقۇش، تىرىشىپ بېقىش لېكىن كونا ئۇسلۇبتىن ھالقىيالماسلىقتەك ھالەتكە كىرىپ قالغان. 

بىرقانچە يىللىق تىرىششىش ئارقىلىق ھاياتىدىن كېيىن 1994-يىلى جىم كەرى كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى يۈكسىلىشنى كۈتىۋالغان. بۇ يىل ئۇ رول ئالغان ئۈچ فىلىم «Ace Ventura: Pet Detective» ،«The Mask » ،«Dumb and Dumber» قاتارلىقلار ھەممىسى ياخشى باھاغا ۋە يۇقىرى بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن.

1995-يىلى جىم كەرى ئىككى كىنودا رول ئالغان «Batman Forever » ياخشى باھاغا ئېرىشكەن، «Ace Ventura: When Nature Calls» بولسا ئوبزورچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

جىم كەرى كېينكى كىنوسى «The Cable Guy» بىلەن 20 مىليون دوللارغا ئېرىشكەن. بۇ فىلىمدىكى جىم كەرىنىڭ ئاممىغا قالدۇرغان ئوبرازدىن كەلگەن بولۇپ، فىلىم ياخشى باھاغا ئېرىشەلمگەن بولسىمۇ لېكىن بېلەت كىرىمى ياخشى بولغان.

1997-يىلى جىم كەرى «Liar Liar» بىلەن قايتىپ كېلىپ ئوبزورچىلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ماختىشىغا ئېرىشكەن، فىلىم يەنە يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىپ، جىم كەرىنىڭ 90-يىللاردىكى بېلەت كىرىمى چاقىرىش ئىقتىدارى يۇقىرى كىنو چولپانلىق ئورنىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرغان.

1998-يىلى جىم كەرى رول ئالغان غەيرىي كومىديەلىك فىلىم «The Truman Show ترۇمان پروگراممىسى» ئىنتايىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن، جىم كەرى خەلقئاراغا تېخىمۇ تونۇلغان. نۇرغۇن داڭلىق تاراتقۇلار جىم كەرى بۇ كىنو بىلەن ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ دەپ ئىشەنگەن بولسىمۇ لېكىن ئەپسۇس ئۇنداق بولمىغان.

بۇ ھازىرغىچە ئوسكار مۇكاپاتى تارىخدىكى ناھەقچىلىكلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. بۇ فىلىم بىلەن كەرى ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «The Truman Show» يەنە كىنو مەستانىلىرىنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 60 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن 264 مىليون دوللار كىرىم قىلغان.

1999-يىلى كەرى چىقارغان فىلىم ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

2000-يىلى ئۇ «Dumb and Dumber» نىڭ رېژىسسورى بىلەن قايتا ھەمكارلاشقان فىلىم «Me, Myself & Irene» ياخشى بېلەت كىرىمى ھاسىل قىلغان. شۇ يىلى  يىلى قويۇلغان يەنە بىر   فىلىمى تارىختىن بۇيانقى ئىككىنچى بازارلىق روژدېستۋو كىنوسى بولۇپ قالغان. 2004-يىلى ئۇنىڭ فىلىمى «冒牌天神» ياخشى باھاغا ئېرىشەلمىگەن بولسمۇ لېكىن يەنىلا يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان.

كەرىنىڭ 2007-يىلىدىكى فىلىمى «نومۇر 23» ناچار باھاغا ئېرىشكەن، بۇ فىلىم جىم كەرى ئەڭ ناچار ئەر ئارتىس مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان، كېينكى يىلى ئۇ ئاۋاز بەرگەن كارتون  فىلىم «Horton Hears a Who!» مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. بۇ يىلىدىكى يەنە بىر فىلىمى «Yes Man» ياخشى بېلەت كىرىمى ياراتقان.[1]

ئەپسۇس باشقىلارغا خۇشاللىق بېغىلاشنى كەسىپ قىلغان جىم كەرى باشقا داڭلىق كومىدىيە ئارتىسلىرىغا ئوخشاش ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىپ كەلمەكتە.

جىم كەرى ئىككى قېتىم توي قىلغان. ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى ئارتىس بولۇپ، ئۇلار 1987-يىلى توي قىلىپ 1995-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ جەين ئىسىملىك بىر ئىسىملىك قىزى بار. جەين 2011-يىلى بالىلىق بولغان بولۇپ، جىم كەرى خېلى بۇرۇنلا بوۋا بولۇپ بولغان.

1996-يىلى جىم كەرى «Dumb and Dumber» دە ھەمكارلاشقان ئارتىس بىلەن توي قىلغان. لېكىن بىر يىل ئۆتمەي ئاجرىشىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن جىم كەرى ئارتىس رېنې زېلۋېگېر، جېننې مدكارتىس قاتارلىقلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن.

2015-يىلى جىم كەرىنىڭ سابىق قىز دوستى كاسورىنا ۋايت دورىنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ قازا قىلغان. جىم كەرى دەپنە مۇراسىمىدا تاۋۇتنى كۆتۈرگەن.

جىم كەرى قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە. 2004-يىلى ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن، لېكىن كانادا دۆلەت تەۋەلىكىنى ساقلاپ قالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#