دۆربىلجىن بازىرى
دۆربىلجىن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسى گە تەۋە، دۆربىلجىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى، ناھىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە قاتناش تۈگۈنى. ناھىيەنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئېمىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا، شەرقتە ئۇرۇقچىلىق مەيدانى، غەربىي شەھەر ئەتراپى ئارشات كەنتى، جەنۇبتا مارالسۇ يېزىسى، شىمالىي شەھەر ئەتراپى يېزىسىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆستىڭى بار، كۆلىمى 10.86كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۆربىلجىن بازىرى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مىلادىدىن ئىلگىرى 1654-يىلى، جۇڭغار پادىشاھى دۆربىلجىنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، موڭغۇل قوشۇنى ئىچىدە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئابدۇللا مۇنارى (ئۇيغۇر) گازارمىغا باش بۇغا بولغان، نەچچە مىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەر باشلاپ سېپىل ياساتقان، سېپىل تېمى چاسا شەكىللىك بولۇپ، ھەممىسى لۇ فۇتسۇ دەپ ئاتالغان. مىلادىيە 1764-يىلى، دۆربىلجىن بازىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە 1-رايون دەپ ئايرىپ بېرىلگەن، 1950-يىلى دۆربىلجىن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1-رايون تەۋەلىكى يېزىغا ئۆزگەرتىلگەندە، بازارلىق خەلق گۇڭشېسى، شەھەرگە قاراشلىق مەھەللە باشقارمىسى، تۆت كوچىسى، ئالتە ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئەترىتى ۋە بىر بىۋاسىتە قاراشلىق دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلغان؛ 1966-يىلى بازار بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئايرىش، بازارلىق خەلق كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، مەھەللە ئىش باشقارمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، قارىمىقىدا تۆت ئاھالە كومىتېتى بار؛ 1981-يىلى دۆربىلجىن ناھىيە بازارلىق ئىنقىلابىي كومىتېت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن؛ 1983-يىلى دۆربىلجىن بازىرى دەپ ئاتالغان، 1986-يىلى دۆربىلجىن بازىرى قارىمىقىدا تۆت ئاھالە كومىتېتى بار ئىدى؛ 1986-يىلى، شەھەر-بازار ئاھالىسى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى 3 ئاھالە كومىتېتى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى، ئاھالىلەر كومىتېتى نامى ئۆزگەرتىلىپ كوچا نامى بىلەن ئاتالغان. 2002-يىلى يەتتە ئاھالىلەر كومىتېتى ئاساسىدا يەنە ئىككى ئاھالە كومىتېتى ۋە مەھەللە ئۆزگەرتىلگەن. بازارغا قاراشلىق توققۇز مەھەللە، ئىككى كەنت بار.
دۆربىلجىن بازىرى تەۋەسىدە ئارشات يولى مەھەللىسى، چۆچەك يولى مەھەللىسى، شاڭخۇ يولى مەھەللىسى، قىزىل گۈللۈك يولى مەھەللىسى، مەركىزىي يول مەھەللىسى، ئاغىلىق يولى مەھەللىسى، كۆۋرۈك غەربىي مەھەللىسى، كۆۋرۈك شەرقىي مەھەللىسى، «چاۋياڭ» يېڭى كەنت مەھەللىسى، غەربىي شەھەر ئەتراپى مەھەللىسى 9 مەھەللە؛ تاسىرقاي كەنتى، چياۋنەن كەنتى بىلەن يېڭىئاۋات ئىككى كەنتى. ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى كونا بازار يولى.
دۆربىلجىن بازىرى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 10763 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 12 مىڭ مو؛ ئوتلاق كۆلىمى مو، ئورمان كۆلىمى 1200 مو.
دۆربىلجىن بازىرى ئاھالىلەر ئومۇمىي ئائىلە سانى 10978 گە، نوپۇس 40693 ئادەم، 22 مىللەتتىن تەركىب تاپقان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.