مەقئەت قىچىشىش

مەقئەت قىچىشىش

مەقئەت قىچىشىش-ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقئەت ئەتراپى ۋە مەقئەت پۈرمە مۇسكۇللىرىنىڭ تۇتقاقلىق قاتتىق قىچىشىپ، قاشلاش نەتىجىسىدە تېرىلەر يىرىكلىشىش، زېدىلىشىش، قىچىشىپ بىئارام قىلىپ ئازابلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

غەرب تېبابىتى نامى مەقئەت قىچىشىش
خەنزۇچە نامى 肛门瘙痒症
تەۋە بۆلۈم مەقئەت - ئۈچەي بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى pruritus ani
ئاساسلىق ئالامىتى تېرە زېدىلىنىش، يىرىكلىشىش،قىچىشىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 20~40 ياشتىكى ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان ئەرلەر
كېسەللىك ئورنى مەقئەت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

肛门瘙痒症دەسلەپكى مەزگىلى:دەسلەپتە بىمارنىڭ مەقئەت ساھەسىدە يەڭگىل دەرىجىدە قىچىشىش سېزىمى بولىدۇ، بارا –بارا ئېغىرلاپ بارىدۇ. ئەگەر مەددە قۇرت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، مەقئەت ساھەسىدە بىر نەرسە مىدىرلىغاندەك، بىر نەرسە غىدىقلىغاندەك سېزىم پەيدا بولۇپ، قاشلىغاندىن كېيىن مەلۇم دەرىجىدە پەسەيگەندەك قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال كېچىسى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ، لېكىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە قوزغىلىدۇ. دەۋر قىلىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىدە قىچىشىش سېزىمى بولۇش بىلەن بىللە يەنە مەلۇم دەرىجىدە كۈيۈشۈش ۋە ئېچىشىش سېزىمى بولىدۇ. مەقئەت ساھەسىدە قاتتىق چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىچىشىش بولغاندا، بىمارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت كۈچلۈك قاشلىشى سەۋەبىدىن مەقئەت شىللىق پەردىلىرى ياكى مۇسكۇل توقۇلمىلىرى زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىش، شەلۋەرەش، ھەتتا يارا بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە مەقئەتتە تەمرەتكىمۇ پەيدا بولىدۇ. [0]

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوڭ ئەتراپىغا ئۆتكۈر خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى، ھەرخىل روھىي ئامىللار ۋە مەددە سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

غىدىقلاش خۇسۇسىيەت كۈچلۈك بولغان، زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك –ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش (لازا، ئاچچىقسۇ، لازا بىلەن قورۇلغان توخۇ قورۇمىلىرى، ھەر خىل تەييار چۆپلەر ) ؛ ھەر خىل روھى ئامىللار (ھەددىن زىيادە ئاچچىقلىنىش، قايغۇرۇش، زىيادە چارچاش) نىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. مەقئەت ئەتراپ تېرە ياللۇغى بىۋاسىتە مەقئەت قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەقئەت ئەتراپىدىكى ھۆل تەمرەتكە، كوندىلوما (نەم مەڭ)،نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، مەقئەت-تۈز ئۈچەي ئۆسمىسى، مەددە قۇرت قاتارلىقلارمۇ مەقئەت قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

肛门瘙痒症مەقئەت قىچىشىشنىڭ خەتىرى :غىدىقلاش خۇسۇسىيەت كۈچلۈك بولغان، زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك –ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش مەقئەت قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ناچار بولغان تازىلىق ئادىتى، مەقئەتنى پاكىز تۇتماسلىق قاتارلىقلار مەقئەت قىچىشىشنى ئېغىرلاشتۈرۋىتىدۇ. مەقئەت ۋە ئۈچەي ئەتراپىدىكى ياللۇغ ئاياللاردا ناھايىتى ئاسانلا كۆپىيىش ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. [0]

ئالامىتى: تېرە زېدىلىنىش، يىرىكلىشىش، بەزىدە تەمرەتكە ھاسىل بولۇش، قىچىشىپ بىئارام قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

مەقئەت ئەتراپى تۇتقاقلىق ھالدا قاتتىق قىچىشىدۇ. ئۇزاق قاشلاش نەتىجىسىدە تېرە زېدىلىنىدۇ، تېرە قېلىنلىشىپ يىرىكلىشىدۇ. تەمرەتكە پەيدا بولۇپ قېچىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بولۇپمۇ يىغىلىش، زىياپەت قاتارلىق ئادەم كۆپ يىغىلغان سورۇنلاردا، ھاۋا ئىسسىق جايلاردا بەكرەك قىچىشىپ بىئارام قىلىدۇ، بىمارنىڭ ئۇخلىشى، ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ بەك ئازابلايدۇ. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: گۈل يېغى 12 گىرام، تۇخۇم بىر تال، يۇمغاقسۈتنىڭ سىقىلغان سۈيى 30 مىللىلىتىر، كۆكنار ئۇرۇقى 10 گىرام، سەمغى ئەرەبى، نىشاستە ئۈچ گىرامدىن، گۈڭگۈرت ئىككى گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، يۇمغاقسۈت سۈيىگە سېلىپ، گۈل يېغى بىلەن ياغلاپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە، ئەنگۈر شىپا، خەشخاش، شاھتەررە 15 گىرامدىن، ئۆشبە، چۆچچىنى بەش گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم مەقئەت سىرتتىن يۇيۇلىدۇ.

3-رېتسېپ

肛门瘙痒症تەركىبى: چىلان 20 گىرام، سەرپىستان، شاھتەررە 15 گىرامدىن، گاۋزىبان ھىندى، پىرسىياۋشان، ئۈستقۇددۇس، بادرەنجى بۇ، بىخسۇس مۇقەششەر 10 گىرامدىن، بەدىيان ئالتە گىرام، تەرەنجىبىن 60 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: چىلاننى سۇدا قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە باشقا دورىلارنى سېلىپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بولمىغان يېمەك-ئىچمەكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

خەۋەر تورىدىن ئېلىندى. 

http://hawar.cn/news/2013/08/25/18301.shtml

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#