يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلشى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجۇقىشى

ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن پەقەت يۈرەك ھەرىكىتىلا بولۇپ، نەپەس ئالمىسا ياكى نەپەس ئېلىش ناھايىتى قالايمىقان بولسا، شۇنداقلا بىر قاتار ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجۇقىشى دېيىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجۇقىشىھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن پەقەت يۈرەك ھەرىكىتىلا بولۇپ، نەپەس ئالمىسا ياكى نەپەس ئېلىش ناھايىتى قالايمىقان بولسا، شۇنداقلا بىر قاتار ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجۇقىشى دېيىلىدۇ. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۆلۈپ كېتىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ توغرا بىرتەرەپ قىلغاندىلا، ئاندىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئۆلۈم نىسبىتىنى ۋە كېيىنكى ئاسارىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

يەڭگىل دەرىجىدىكى تۇنجۇقۇش ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئېغىر دەرىجىدىكى تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى تۇنجۇقۇشنى ئۆز ۋاقتىدا قۇتقۇزمىسا ھامىلە ئۆلۈپ كېتىدۇ ياكى مېڭە قىسمىدىكى ئاسارەت قالدۇرۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.

1. ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قالغاندا مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنىڭ داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى تۇنجۇقىشى تۈزىتىلمىسە تۇغۇلغاندىن كېيىن نەپەسلىنىش مەركىزى تورمۇزلانغاچقا، بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجۇقىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

2. باش ئىچى قاناش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ: بالىياتقۇدا ھامىلە مېڭىسىگە ئۇزۇن ۋاقىت ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ياكى تۇغۇتقا ياردەملىشىش ئوپېراتسىيىلىرىدىكى مېخانىكىلىق زەخىملىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىنىڭ باش ئىچى قاناشنى پەيدا قىلىپ نەپەس مەركىزىنى تورمۇزلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇشى كېلىپ چىقىدۇ.

3. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەس يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قالغاندا، تۇغۇلۇش جەريانىدا بۇرۇن ئارقىلىق نەپەس ئېلىش ھەرىكىتىنى تىكلەش بىلەن باش سۈيىلگەچكە، شىللىق سۇيۇقلۇق، ھامىلىنىڭ گەندىسى ۋە قاننى نەپەسلىنىش يوللىرىغا شۈمۈرۈلگەچكە، بۇلار نەپەس يوللىرىنى توسۇپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. تۇغما كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يۈرەك پاسىل چىقىقى، ئۆپكە ياخشى يېتىلمەسلىك قاتارلىق ھامىلە يېتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇشى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇنجۇقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ناركوز دورىلىرى ۋە تىنچلاندۇرغۇچى دورىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇغۇت ۋاقتىدا ئىشلەتكەن ناركوز قىلغۇچى دورىلار ۋە تىنچلاندۇرغۇچى دورىلارنىڭ مىقدارى كۆپ ياكى قالايمىقان ئىشلىتىلگەندە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەس سىستېمىسىنى تورمۇزلاپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن يەڭگىل دەرىجىلىك تۇنجۇقۇش ۋە ئېغىر دەرىجىلىك تۇنجۇقۇش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1. يەڭگىل دەرىجىدە تۇنجۇقۇش بۇنىڭدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بىر قەدەر يەڭگىل بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى، كالپۇكلىرى كۆكىرىپ، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان چۈشۈپ، كۆز ئالمىسى سەل پولتىيىپ چىققان بولۇپ، يۈزلىرى ئىششىپ قان ئۇيۇپ قالىدۇ. مۇسكۇللار چىڭ بولىدۇ. پۈتۈن بەدىنى سەل تارتىشقان بولۇپ، كېكىردەك رېفلېكىسى مەۋجۇت بولىدۇ. يۈرەك سوقۇشى ئاستا، لېكىن كۈچلۈك بولۇپ، مىنۇتىغا 021 ~ 08 قېتىم ئەتراپىدا سوقىدۇ. نەپەسلىنىشى ئۈزە ۋە رىتىمسىز بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا ئېغىر دەرىجىدىكى تۇنجۇقۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

2. ئېغىر دەرىجىدە تۇنجۇقۇش(تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىش): يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ تېرىسى تاتىرىپ، كالپۇكلىرى كۆكەرگەن، بەدىنى يۇمشاق بولۇپ، مۇسكۇللارنىڭ تىرەڭلىكى يوقىلىدۇ. نەپەس ھەرىكىتى يوقىلىدۇ ياكى ھىق تۇتقاندەك ئاجىز نەپەس ئالىدۇ. يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 80 قېتىمغا يەتمەيدۇ، شۇنداقلا ئاجىز ھەم قالايمىقان سوقىدۇ. كېكىردەك رېفىلكىسى مەۋجۇت بولمايدۇ. تۆت مۈچە پالەچلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا قۇتقۇزمىسا ئۆلۈپ كېتىدۇ ياكى كېيىنكى مېڭە قىسمىدىكى ئاسارەت قالدۇرۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. دىئاگنوز ئاساسى: تىپىك ئالامەتلىرىگە ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنى ۋە كالپۇكلىرى كۆكىرىش، كۆز ئالمىسى پولتىيىپ چىقىش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا بولۇش، نەپەس ئۈزە ۋە رېتىمسىز بولۇش ھەمدە ئېغىرلاشقاندا مۆچىلەر پالەچلىنىش قاتارلىقلار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قېلىشى، امىلە نەپەس يوللىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ياكى تۇغما كەمتۈكلۈك ئەھۋالىنىڭ بولۇشى، ناركوز دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىق تارىخى بولىدۇ.

تۇغۇتتىن بۇرۇن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھوشىغا كەلتۈرۈش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش يەنى ئوكسىگېن، ئىسسىق ساقلاش ئۈسكۈنلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى ۋە ئەسۋابلارنى تېزدىن ياخشى تەييارلاش كېرەك.

ئىسسىق ساقلاش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئالدى بىلەن ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃30~32 ئارىلىقىدا ساقلاپ، قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئىسسىتىپ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن باش سۈيىنى دەرھال سۈرتۈپ قۇرۇتۇپ، بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىنى ئازايتقاندا ھايات قېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

نەپەس يوللىرىنى تازىلاش

بۇنىڭدا ئالدى بىلەن داكا ئارقىلىق ئېغىز ۋە بۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىللىق سۇيۇقلۇقلارنى سۈرتۈۋېتىش، ئاندىن شۈمۈرۈش نەيچىسىنى ئېغىز ۋە بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرگۈزۈپ، شۈمۈرۈش لازىم. بۇنىڭدا مەشغۇلات سىلىق ۋە ئاستا بولۇشى، زەخىملىنىش كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شەرت-شارائىت بولسا، كانايغا نەيچە كىرگۈزۈپ كاناي ئىچىدىكى شىللىق سۇيۇقلۇقلارنى شۈمۈرۈپ، ئوكسىگېن بېرىش ھەمدە سۈنئىي نەپەس ئالدۇرۇش لازىم.

كىندىك تومۇرنى ئۇزۋەتمەسلىك 

كىندىك تومۇرى سوقۇپ تۇرغاندا، كىندىك بېغىنى ئۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى كىندىك تومۇرىنىڭ سوقۇشى كىندىك قېنىنى رىتىملىق ھالدا ھامىلىنىڭ بەدىنىگە كىرگۈزۈپ تۇنجۇقۇشنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش ۋە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش

نەپەس يولىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە باش سۈيى شۈمۈرۈلۈپ تازىلانغاندىن كېيىن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئۆكچىسىنى بارماق بىلەن يېنىك چېكىش ياكى %75 لىك ئىسپىرتنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۆكرىكىگە سۈرتۈش نەتىجىسىدە بوۋاق يىغلاپ، نەپەسلىنىش تىكلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ نەپەس ئەسلىگە كەلمىسە، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئوكسىگېن بېرىش لازىم. ئوكسىگېن مىقدارى مىنۇتىغا ئىككى لىتىردىن ئاشماسلىقى، ئادەتتە سېكۇنتىغا 10 ~ 5 ھاۋا پۈۋەكچىسى بولسا بولىدۇ. ئوكسىگېن بېرىش ئۆزلۈكىدىن نەپەسلىنىشنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ بولۇپ دائىم ئۇچرايدىغىنى تۆۋەندىكىچە: 1) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، يۇقىرىغا كېرىش (نەپەس ئېلىش)، ئاندىن ئىككى قولىنى كۆكرەك ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇپ(نەپەس چىقىرىش) كۆكرەكنى يېنىك بېسىش، يۇقىرىقى ھەرىكەتنى ھەر مىنۇتىغا 61 قېتىم رىتىملىق ھالدا ئىشلەش لازىم.

سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش

سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇلى

 (1) ئىككى قولنى سوزۇپ سىرتقا كېرىش(نەپەس ئېلىش)؛

(2) ئىككى قولنى كۆكرەك ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇش (نەپەس چىقىرىش)

دۈمبىنى تىرەش ئۇسۇلى

 بىر قولنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ دۈمبىسىگە تىرەپ، ئۇنى ئۈستىگە يېنىك كۆتۈرۈش(نەپەس ئېلىش)، كۆكرەكنى ئۈستىگە تومپايتىپ، ئاندىن قولنى قويۇپ بېرىپ تۈز قىلىش(نەپەس چىقىرىش) ئۆزلۈكىدىن نەپەسلىنىش ۋۇجۇتقا چىققانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئىچكى ئەزالارنى ئاسان زەخىملەندۈرمەيدۇ.

ئېغىزنى ئېغىزغا يېقىپ نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇلى

 بىر پارچە داكىنى 4 ~ 2 قەۋەتكىچە قاتلاپ ئۇنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاغزىغا يېپىپ، بىر قولى بىلەن ھامىلىنىڭ بوينىنى سەل كۆتۈرگەندە، ئالدىنقى ئېڭىكى سەل يۇقىرىغا قاراپ بوينى تۈپ-تۈز بولىدۇ. يەنە بىر قول بىلەن قورساقنى بېسىپ ھاۋانىڭ ئاشقازانغا كىرىشىدىن ساقلىنىش لازىم. دوختۇر ئېغىزنى بوۋاقنىڭ ئاغزىغا قويۇپ يەڭگىل ھالدا پۈۋلەپ، بوۋاقنىڭ كۆكرىكى سەل-پەل كۆتۈرۈلگەندە دەرھال پۈۋلەشنى توختىتىپ، ئاندىن كۆكرەكنى يەڭگىل ھالدا بېسىش ئارقىلىق ھاۋانىڭ چىقىرىلىشىغا ھەمكارلىشىپ، بىر پۈۋلەپ بىر بېسىشنى مىنۇتىغا 30 ~ 20 قېتىم تەكرارلاش لازىم. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاتتىق پۈۋلىمەسلىك لازىم.

كانايغا نەيچە كىرگۈزۈپ سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇلى 

كانايغا نەيچە كىرگۈزۈش ئارقىلىق شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى تازىلىغاندىن كېيىن، بېسىم بىلەن ئوكسىگېن بېرىش ئەسۋابىنى ئورنىتىپ، مىنۇتىغا 03 قېتىم ئەتراپىدا بېسىم بىلەن ئوكسىگېن بېرىلىدۇ. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بېسىم زىيادە بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. باشلىنىشىغا بېسىم 20~30H2Omm بولىدۇ. لېكىن كېيىن 15~20H2Omm ئازايتىلىدۇ. ئۆزلۈكىدىن نەپەسلىنىش ۋۇجۇتقا چىققاندىن كېيىن كاناي ئىچىدىكى نەيچە تارتىۋېلىنىدۇ. 5) نەپەسلىنىش ۋە قان ئايلىنىش مەركىزىنى غىدىقلايدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش. بۇنداق بالىلارغا ئەلۋەتتە دورا ئىچكۈزۈش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا ئوكۇل ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. نىكېتامدۇدىن 0.6ml ياكى لوبىلىندىن 0.3ml نى مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىش، «كىچىك ئۈچ بىرلەشمە»نى ئوكۇل قىلىش(25% لىك گلۇكوزىدىن 10ml، ۋىتامىن C 100mg، نىكېتامدۇدىن 125mg نى ئارىلاشتۇرۇپ كىندىك ۋېناسىدىن ئاستا-ئاستا ئوكۇل قىلىنىدۇ) ياكى ئەھۋالغا قاراپ يۈرەكنى كۈچلەندۈرگۈچى دورىلارنى يۈرەك قېپى ئىچىگە ئوكۇل قىلىش كېرەك، ئەگەر كىسلاتادىن زەھەرلىنىش كۆرۈلسە، شۇنىڭغا قارىتا چارە قىلىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە بولغان چىدامچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، تۇنجۇقۇشتىن قۇتقۇزۇشنى يۈرەك ھەرىكىتى پۈتۈنلەي توختىغانغا قەدەر ئېلىپ بېرىش لازىم. ئالدىراپ توختىتىشقا بولمايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1234

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#