پولو بولسا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك ياختۇرىدىغان ئالاھىدە تاماق تۈرىنىڭ بىرى ،ئاساسلىق ماترىيالى بولسا قوي گۆشى، سەۋزە، پىياز، سۇ مېيى، گۈرۈچ ،قوي مېيى قاتارلىقلار، ئېتىش ئۇسۇلى بولسا قوي گۆشىنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا پارچىلاپ سۇ يېغىغغا سېلىپ پىشۇرىۋالىمىز، ئاندىن كېيىن پىياز ۋە سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز،ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ تۇز ۋە سۇ قويىمىز، تەخمىنەن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يۇيۇپ تەييارلاپ قويۇلغان گۈرۈچنى قازانغا سالىمىز ،ئارلاشتۇرۋەتمەيمىز ،تەخمىنەن 40 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن پولۇ پىشىدۇ ،ئاندىن كېيىن پۈتۈن ئارلاشتۇرىمىز ، پىشىپ تەييار بولغان پولو ئىنتايىن مايلىرى ئىنتايىن پارقىراق بولۇپ، ھەم ئىنتايىن يېيىشلىك بولىدۇ . پولو ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ئېسىل تامىقى بولۇپ ،ھېيت-بايراملاردا ،توي- تۆكۈنلەردە،ئۇرۇق –تۇغقانلار يىغىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تاماق تۈرى.

ئۇيغۇرچە نامى پولو
تەمى مېزىلىك ، يېيىشلىك
سورتى ئالىي دەرىجىلىك ئېسىل تاماق
ئىتىش تەسمۇ بىر قەدەر تەس
خەنزۇچە نامى 抓饭
ئاسالىق ماتېرىياللىرى قوي گۆشى ،سەۋزە ،پىياز ، سۇ مېيى ،گۈرۈچ ،قوي مېيى
پىشىش ۋاقتى 30 مىنۇت ئەتراپىدا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  پولو توغرىسىدا ئادەمنى تەسىرلەندۈرگىدەك بىر  رىۋايەت بار ،رىۋايەت قىلىنىشچە مىڭ يىلدىن كۆپرەك ئىلگىرى ،بىر ئابۇئەلى ئىبۇسىنا ئىسىملىك دوختۇر بولۇپ ،ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە بەدىنى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ ،نۇرغۇن دورىلارنى يېگەن بولسىمۇ پەقەت ئۈنۈمى بولماپتۇ ،كېيىن ئۇ بىر خىل تاماق تۈرىنى كەشىپ قىلىپتۇ ،ئۇ گۈرۈچ بىلەن سۇنى ئارلاشتۇرپ قاينىتىپ ئۈستىگە گۆش ،پىياز سەۋزە سېلىپ دۈملەپتۇ ،ئاندىن كۈندە ئەتىگەن بىر قاچىدىن ئىچىشكە باشلاپتۇ ،ئۇزاققا قالماي سالامەتلىكىمۇ ئەسلىگە كېلىپتۇ ،بۇ ئەھۋال ئەتراپتىكى كىشلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىپتۇ ،ھەممىسى قانداق سېھىرلىك دورا يېگەندۇ دەپ ئويلاپتۇ ، كېيىن ئۇ بۇ مەخپىي رىتسپنى باشقىلارغا ئىېيتىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىرى ئونغا دەپ ئونى يۈزگە دەپ ، شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئالاھىدە تامىقى بولغان پولو پەيدا بولۇپتۇ ،بۇرىۋايەت راسمۇ يالغان بۇ مۇھىم ئەمەس ،لېكىن پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئېسىل تاماق ئىكەنلىكى راست ،ياغ ،پىياز ،سەۋزە ،گۈرۈچ ،ھەممىسىدە ۋىتامىنلار كۆپ ، قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى ئىنتايىن يۇقىرى .

    كېرەكلىك ماتىرياللار؛ سەۋزە ،پىياز ،قوي ياكى كالا گۆشى ،گۈرۈچ ،زىرە ،تۇز ،جياڭيۇ،ماي ،زەنجىۋىل ،كاۋاۋىچىن قاتارلىقلار .

   بىرىنچىدىن؛ ئاۋال سەۋزە ،پىياز ،زەنجىۋىل قاتارلىق ماتىرياللارنى يۇيۇپ مۇۋاپىق چوڭلۇقتا توغرىۋالىمىز .كاۋاۋىچىن قاتارلىق تېتىتقۇلارنىنىمۇ تەييارلىۋالىمىز .

   ئىككىنچىدىن؛ گۈرۈچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويىمىز .

  ئۈچىنچىدىن؛گۆشنى ،زەنجىۋىلنى مۇۋاپىق چوڭلىقتاتوغراپ قازانغا سۇ قويۇپ گۆش ۋە زەنجىۋىلنى سالىمىز ،قاينىغاندىن كېيىن كۆپۈكچىللىرنى سۈزۈپ ئېلىۋاتىمىز ،ئاندىن جياڭيۇ، تۇز ،زىرە ،كاۋاۋىچىن سېلىپ تۇۋاقنى ئېتىپ سۇس ئوتتا 15 -20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينتىممىز .  

  تۆتىنچىدىن ؛ساپلىق قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن پىياز سېلىپ رەڭگى ئۆزگەرگەن چاغدا سەۋزىنى سېلىپ 2 مىنۇت ئەتراپىدا قورۇيمىز .

  بەشىنچىدىن؛ئاۋال يەنە بىر قاازانغا گۆشنى سېلىپ ،ئاندىن قورۇۋالغان  پىياز ۋە سەۋزىنى سالىمىز ،ئاندىن چىلاپ قويۇلغان گۈرۈچنى ئۈستىگە تەكشى يېيىتىمىز ،ئاندىن تۇۋاقنى ئېتىپ سۇس ئوتتا دۈملەيمىز ،پىشىپ بولغاندىن كېيىن ئارلاشتۇرساق بولىدۇ.

   ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ ۋە يېيىش ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن يېيىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپىنچە چوڭراق لېگەن ياكى تەخسىلەردە قولدا بىۋاستە يېيىلىدۇ ،قوشۇق ياكى چوكا ئارقىلىق يېسىمۇ بولىدۇ .

   ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پولۇنىڭ تۈرلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ ،ئىشلىتىدىغان ماتىرياللارمۇ كۆپ ،ئۆسۈملۈك يېغىنى ئىشلىتىشتىن سىرت يەنە سېرىق مايلارنىمۇ ئىشلىتىدۇ،ئەلۋەتتە سېرىق مايدىن ئېتىلگەن پولۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ ، گۆش ئىشلىتىش جەھەتتىن قوي ۋە كالا گۆشىدىن سىرت تۇخا گۆشى ،ئۆردەك گۆشى ،قىرغاۋۇل گۆشى ،ئالار گۆشى، قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلىتىدۇ  ،بىراق بەزىدە گۆش سالماي قۇرۇق ئۈزۈم ،ئۈرۈك قېقى ،نۇقۇت قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپمۇ پولو ئېتىدۇ ،ئوخشاشلا تەمى ئىنتايىن ياخشى ،يەنەياز كەلگەندە پولۇغا ئىشلىتىدىغان ماتىرياللارنىڭ تۈرىمۇ كۆپىيىدۇ ،يەنى تۇخۇم ھەرخىل سەيلارنى سېلىپ يەيدۇ ،يەنە تېخى ئازراق قېتىق قوشۇپ ئىستىمال قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار بۇنىڭ ياز پەسلىدە ئىسسىق سوغۇقنى تەڭشەش رولى بولىدۇ ،بىراق ھازىر ئۇغۇرلار ئەڭ ئىتبار بېرىدىغىنى ئاشمانتا يەنى مانتا پولو ،،ھەربىر قاچا پولونىڭ ئۈستىگە 5،6   پېتىر مانتىلارنى قويىدۇ ، پولو ،مانتا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل تامىقى بولۇپ ،كۆپىنچە ئەزىز مېھمانلار ، دوس –يارەنلەر كەلگەندە ،ساھىبخان بولغۇچى بۇ خىل تاماقنى ئېتىپ كۈتۈۋالىدۇ .

      

  پولو رەڭ جەھەتتىن چىرايلىق ،شەكىل جەھەتتىن كۆركەم ، تەم-پۇراق جەھەتتىن مېزىلىك بولۇپ ،كىشلەرنى ئۆزىگە تارتالايدىغان ئېسىل تاماق ،پىشىپ تەييار بولۇنغان پولۇ مايلىرى پارقىراپ تۇرىدۇ ،پۇراق تەم جەھەتتىن ئۆزگىچە يېيىشلىك ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئېسىل تاماقلىرىنىڭ بىرى .

1. قوي گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل ،قىش پەسلىدى دائىم قوي گۆشى يېگەندە  ھەزىم قىلىش فېرمىنتىنى ئاشۇرىدۇ ،ئاشقازان دىۋارىنى قوغدايدۇ ،ھەم ياخشىلايدۇ ،يەنە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار .  

2.قوي گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ ئۆپكە تۇبېركۇليوز،كېكىردەك ياللۇغى ،دەم سىقىلىش ،قان ئازلىق ،تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن ئاجىزلىق ،قان ئازلىق ،قورساق ئاغىرىش ،تەن ئاجىزلاش ،ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ،قاتارلىقلارغا ئالاھىدە مەنبەئەت قىلىدۇ ،بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ ،ئەرلەرنىڭ دائىم ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/40962.htm

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#