چىمەنتاغ يېزىسى
چىمەنتاغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى چاقىلىق ناھىيەسى قارمىقىدىكى بىر يېزا، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا دەرىجىلىك رايون.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىمەنتاغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى چاقىلىق ناھىيەسى قارمىقىدىكى بىر يېزا، كۆلىمى 656 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا دەرىجىلىك رايون، ناھىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، چياڭتاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىغا، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، چىڭخەي، شىزاڭ ئۈچ ئۆلكە تۇتاشقان چېگرا نوقتقسىغا جايلاشقان، شىمالىدىكى چىمەن تاغ تىزمىسى بىلەن جەنۇپتىكى كوئىنلون تاغ تىزمىسى ئارىسىغا جايلاشقان.
چىمەنتاغ يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، چياڭتاڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، شەرقىي كۇئېنلۇن تېغى ۋە چىمەن تاغ تىزمىسى ئارىسىغا جايلاشقان. كۆلىمى 656 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 67 ئادەم، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى ئۇيغۇر مىللىتى.
چىمەنتاغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. چىمەنتاغ ئۇيغۇر تىلىدا «گۈل-گىياھلىق تاغ» دېگەن مەنىدە، چىمەن تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.
1909-يىلى چۈ ۋاڭ يېزىسى چاقىلىق ناھىيەسىدە تەسىس قىلىنغان، چارۋىچىلىق رايۇنلىرىغا تەۋە بولغان.
1979-يىلى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئۈچ چارۋىچىلىق ئەترىتى (كوپىراتىپى) قۇرۇلغان.
1981-يىلى ئىشىكپاتى ۋە قارادوڭ ئىككى چارۋىچىلىق چوڭ ئەترىتى، كېيىن يەنە ئىشىكپاتى چارۋىچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان.
1983-يىلى چىمەنتاغ يېزىسى قۇرۇلغان، چىمەنتاغ رايۇنىغا قاراشلىق بولغان.
2005-يىلى 3-ئايدا چىمەنتاغ رايۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
چىمەنتاغ يېزىسى قاراشلىقىدا بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق چىمەنتاغ كەنتى، چارۋىچىلىق كەنتى قاتارلىقلار بار، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق بازىسىنىڭ بىرى، بىر ئامبولاتورىيەسى، بىر مال دوختۇرلۇق پونكىتى قۇرۇلغان.
يېتىمبۇلاق بازىرى بىلەن تۇتىشىدىغان چىڭخەي ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى يېزا تاشيولى ۋە تاغلىق رايوندىكى ھەرقايسى ئاددىي تاشيوللىرى بىلەن تۇتاشقان، قاتنىشى قۇلاي.
چىمەنتاغ يېزىسى قۇمكۆل قۇملۇقى ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى يېزا-بازار، ئادەم سانى كۆپ بولمىغان، 2010-يىلى 67 ئادەم بولۇپ، ھەممىسى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان 80-يىللاردا يەتتە-سەككىز يۈز نوپۇسى بولغان.
مەمۇرىي رايون بىلەن قوشنا، شەرقىي چىڭخەينىڭ گولمۇد شەھىرى، جەنۇبىي چىڭخەينىڭ كۆكشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنى، شىزاڭ شۇاڭخۇ ئالاھىدە رايونى، غەربىي چەرچەن ناھىيەسى، شىمالىي تىكەنلىك يېزىسى بىلەن تۇتاشقان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.