ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ ئېگىز ياغاچ مۇنار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا جۇڭگوغا بۇددا دىنى تارقالغاندىن كېيىن، جۇڭگودا بۇددا دىنىنىڭ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى بارلىققا كەلدى. ياغاچ مۇنار جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس راۋىقىنى ئاساس قىلىپ، ھىندىستان بۇددا مۇنارىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ياسالغان. دەسلەپكى ياغاچ مۇنارلار پاكارراق بولۇپ، چاسا شەكىلدە تەكشى يۈزلۈك قىلىپ سېلىنغانىدى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە كەلگەندە، ئېگىز قەۋەتلىك ياغاچ قۇرۇلما تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە بۇددا دىنىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ياغاچ مۇنارلارمۇ بارغانسېرى چوڭىيىپ، ئېگىزلىكى نەچچە ئون مېتىرغا يەتتى، ئۇلار سەككىز بۇرجەكلىك قىلىپ ياسىلىدىغان بولدى. 

بۇددا مۇنارلىرىدىن ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەنلىرى جەمئىي 100 دىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يىڭشەن ناھىيىسىدە ياسالغان ياغاچ مۇنار ئەڭ گەۋدىلىك مۇنار ھېسابلىنىدۇ. (بۇ مۇنار بۇددا ئوردا ئىبادەتخانىسى) ساكيا مۇنارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ مۇنار كۆلىمى چوڭ، قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولۇپ، بىر بىنانىڭ پۈتۈن گەۋدىسى سۈپىتىدە ناھايىتى ھەشەمەتلىك، سالماق ۋە ماسلاشتۇرۇپ سېلىنغان. بۇ مۇنار ئەينى زاماندا بۇددا دىنىغا چوقۇنىدىغان ھۆكۈمران لياۋ شىڭزۇڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سېلىنغان بولۇپ، چىڭنىڭنىڭ 2-يىلى(مىلادى 1056-يىلى) پۈتكەن. ياغاچ مۇنارنىڭ تەكشى يۈزى سەككىز بۇرجەكلىك بولۇپ، جەنۇبىي تەرىپى ۋە ئاستىنقى قەۋىتىدىكى قوشۇمچە پەلەمپەي(سىرتقى كارىدورى) ئالدىنقى لەمپە تۆۋرۈكىنىڭ قارشى تەرىپىگىچە تەخمىنەن 25 مېتىر كېلىدۇ، مۇنار گەۋدىسى، سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بەش قەۋەتلىك ئالتە لەمپىلىك(ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتى قوش لەمپىلىك) بولۇپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى قەۋەتلىرى تەكشى قوش قەۋەتلىك كەلگەن. يەر يۈزىدىن مۇنارنىڭ ئۇچىغىچە ئېگىزلىكى 67.31 مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 11 مېتىر كېلىدىغان ساكيا بۇتى تىك تۇرغۇزۇلغان، ھەر بىر قەۋىتىنىڭ ئارىلىقىلىرىغا بۇتلار قويۇلغان.

بۇ ياغاچ مۇنار ئېلىمىز مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئىپتىخارى، گوۋۇيۈەن بۇ مۇنارنى مەملىكەت بويىچە قوغدىلىدىغان نۇقتىلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#