ئۆرۈك دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئۆرۈك (خام دورا)
  2. ئۆرۈك ()
خام دورا
ئۆرۈك

ئۆرۈك ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئۆرۈككە ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى كەڭ، تۇخۇم شەكىللىك، گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، ئاق ياكى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، مېۋىسى ئۈچكىلىك دۈگىلەك، پىشقاندا سارغىيىدۇ، تەمى تاتلىق. مېۋىسى ۋە مېغىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئۆرۈك
پارسچە نامى Armeniaca vulgaris Lam.
تەمى تاتلىق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 杏子
شەكلى يۇمىلاق
چىقىش ئورنى شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆرۈك ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئۆرۈككە ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى كەڭ، تۇخۇم شەكىللىك، گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، ئاق ياكى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، مېۋىسى ئۈچكىلىك دۈگىلەك، پىشقاندا سارغىيىدۇ، تەمى تاتلىق. مېۋىسى ۋە مېغىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

دورىغا بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى ۋە مېغىزى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ ئۈچكىسىنى چېقىپ مېغىزىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، سەپرانى سۈرۈش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش.

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆرۈكنىڭ ئوبدان پىشقان، تاتلىق مېۋىسىنى مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلسا، تەبىئەتنى (ئىچىنى) يۇمشىتىدۇ. ئۆرۈكنىڭ قۇرۇقىنى قاينىتىپ ياكى قايناق سۇغا چىلاپ ئىچىپ بەرسە، تەبىئىتىنى يۇمشىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، قان ۋە سەپرانى پەسەيتىدۇ. ئۆرۈكنىڭ يېڭى پىشقىنىنى ئىستېمال قىلىپ، ئۈستىدىن قايناق سۇ، ھەسەل ئىچىپ قەي قىلسا، سەپرا خاراكتېرلىك تەپ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىپ، ئاشقازاندىكى زەھەرلىك بۇزۇق خىلىتلارنى تازىلايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#