تاغارما يېزىسى
تاغارما يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا 32 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دۇنيانىڭ ئۆگزىسى"مۇزتاغ چوققىسى"دەپمۇ ئاتالغان."314" دۆلەت يولىنىڭ بويىدا، غەربىي تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمالىي كۆكيار قىرغىز مىللىي يېزىسى، جەنۇبتا تىزناپ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 7351 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3024 مېتىردىن 8163 مېتىرغىچە، چېگرا ئىچىدىكى قارلىق چوققىلار تۇتىشىپ كەتكەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تاغارما يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا 32 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دۇنيانىڭ ئۆگزىسى"مۇزتاغ چوققىسى"دەپمۇ ئاتالغان."314" دۆلەت يولىنىڭ بويىدا، غەربىي تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمالىي كۆكيار قىرغىز مىللىي يېزىسى، جەنۇبتا تىزناپ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 7351 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3024 مېتىردىن 8163 مېتىرغىچە، چېگرا ئىچىدىكى قارلىق چوققىلار تۇتىشىپ كەتكەن، جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ھاۋاسى قۇرغاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃3.3 بولىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى℃43، قىروسىز مەزگىل 70 كۈن ئەتراپىدا، قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ئېگىزلىك،تىپىك قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 69 مىللىمىتىر. ئاساسلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن قاتتىق بوران چىقىدۇ، قارا يامغۇر كۆپ بۇلىدۇ، قېلىن قار يېغىپ، تاشقىن يۈز بېرىدۇ.
تاغارما يېزىسى"تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تاغارما يېزىسى ئويمانلىققا جايلاشقان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئازادلىقتىن بۇرۇن، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاغارما يېزىسى بولغان، ئازادلىقتىن كېيىن 1950-يىلى 3-ئايدا بىر رايون تۇرۇشلۇق جاي بولغان. 1958 يىلى نامى" مۇزتاغ خەلق گۇڭشېسى" قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1959-يىلى تاغارما گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن، تاغارما گۇڭشې 1966-يىلى يۆجىن گۇڭشېغا ئۆزگەرتىلگەن، تاغارما گۇڭشې 1975-يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن؛ 1985-يىلى تاغارما يېزىسىغا ئۆزگەرتىلىپ ھازىرغىچە مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
تاغارما يېزىسىدا كان بايلىقلىرى مول بۇلۇپ، ئالتۇن، ئارىشاڭ سۈيى، كرىستال، پىرىت، مىس ،تۆمۈر قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق كان بايلىقلىرى بار، 14 چوڭ تۈر ئەلا سۈپەتلىك كان بايلىقلىرى ھېساپلىندۇ. ھازىرغىچە بايقالغان، ئېچىشقا بولىدىغان ئەلا سۈپەتلىك كان بايلىقلىرىدىن مۇزلۇق سۇ بىلەن ئارشاڭ بار بۇلۇپ سۇ سۈپىتى ئەلا، داڭقى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تارقالغان، بۇ كان بايلىقلىرنىڭ ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. يەنە ھەر خىل ياۋايى گۈل، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى كۆپ . يىلپىز، ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، بۈركۈت، شۇڭقار قاتارلىقلار بار، بۇلار دۆلىتىمىزدىكى ئەتىۋارلىق ھايۋان. قار لەيلىسى، يەر مەدىكى، ئەڭلىكئوت، مەرزەنجۇش، قۇرۇمدۇق قاتارلىقلار قىممەتلىك جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ھېساپلىندۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.