كىت باشلىق لەيلەك

كىت باشلىق لەيلەك

قۇشلار دۇنياسىدىكى «خاپان باش» توغرىسىدا سۆز بولۇنغاندا، كىت باشلىق لەيلەكنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ بەدىنى ئىنتايىن بەستىلىك بولۇپ، ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر، ئېغىرلىقى 4 كىلوگرامدىن 7 كىلوگرامغىچە بولىدۇ. لەيلەككە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ قۇشنىڭ ئىككى قانات ئۇچىنىڭ ئارىلىقى 2.6 مېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كىت باشلىق لەيلەك
ئىنگلىزچە نامى Shoebill, Whale-headed Stork
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى كىت باشلىق لەيلەك ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鲸头鹳
تارقالغان رايونلار ئوتتۇرا ئافرىقا ، كونگو، تانزانىيە قاتارلىق رايونلار
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى لەيلەكسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى كىت باشلىق لەيلەك ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىت باشلىق لەيلەككىت باشلىق لەيلەكنىڭ ئاق لەيلەكنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان غايەت زور چوڭلۇقتىكى بېشى بار. كىت باشلىق لەيلەكنىڭ چىرايى تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، ئوماق يۈزى ۋە «خاپان بېشى» ئۇنى تېخىمۇ ھەجۋىي كۆرسىتىدۇ. كىت باش لەيلەكنىڭ تۇمشۇقى ھەم يوغان ھەم بەستىلىك بولۇپ، تۇمشۇقىنىڭ كەڭلىكى 12 سانتىمېتىر كېلىدۇ. تۇمشۇق ئۇچى تۆۋەنگە ئېگلىپ ئىلمەك شەكىلنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ تۇمشۇقىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ ئۆتكۈر ئۇچلۇق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى تىمساھنىڭ قېلىن تېرىسنىمۇ تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. كىت باشلىق لەيلەكنىڭ تۇمشۇقى خۇددى ئامبۇر بىلەن قىسىپ قويغاندەكلا كۆرۈنىدۇ.

كىت باشلىق لەيلەك يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن «ئاياغ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بۇنداق غەلىتە ئىسمىنىڭ بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئاياغ ياسىيالىغانلىقىدىن ۋە ياكى ئۇنىڭ ئاياغنى كەشىپ قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تۇمشۇقى بىر ئاياغقىلا ئوخشايدۇ. كىت باشلىق لەيلەك تىمساھقا «ھۇجۇم» قىلىپلا قالماي، يەنە سۇ تاشپاقىسى، ھەتتا تاشپاقا قېپىنىمۇ بىمالال يۇتىۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى شۇنچىلىك يۇقىرى، بىراق چەكچىيىپ قارىغاندىكى ھالىتى ئادەمنى سەل قورقىتىدۇ. بارلىق پەيلىرى كۈلرەڭ، دۈمبە قىسمى يېشىل، پارقىراق، قۇيرۇقى قىسقىراق، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىدە  قىسقا پۆپۈكى بار. سىرتقى شەكلىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ناھايىتى يوغان بېشى ۋە قېلىن ھەم يوغان ئېغىزى بار. ئۇنىڭ ئېغىزى قارىماققا ناھايىتى ئېغىردەك كۆرىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى يېنىك. ئەركىكى بىلەن چىشسىنىڭ پەيلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ، پەقەت بەدەن شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە پەرق بار، چىشى قۇش سەل كىچىك. ياش قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى قوڭۇر رەڭدە بۇلىدۇ، دۈمبە قىسمى يېشىل، پارقىراق. قۇش تۇمشۇقىنىڭ رەڭگى سارغۇچ يېشىل، پۇتى قارا.

كىت باشلىق لەيلەككىت باشلىق لەيلەك ئاساسلىقى نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە شەرقىي ئافرىقا ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدىكى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان كۆل، سازلىق يەرلەردە ياشايدۇ. ئادەتتە يالغۇز ياكى جۈپ بولۇپ ياشايدۇ، ھەممىسى كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ، كۈندۈزى ئوت-چۆپ ئارىسغا يۇشۇرۇنىۋالىدۇ، گۇگۇم چۈشكەندە چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قىلدىغانلىقىنى بايقىغان. ئادەملەر لەيلىمە ئارال ئەتراپىدا ئارام ئېلۋاتقان ۋاقتىدا كىت باشلىق لەيلەك ئاسماندا پەرۋاز قىلىدۇ، ئۇچقاندا قىياپىتى خۇددى ساقىيقۇشقا ئوخشاش ئېگىلىدۇ. Z شەكىللىك ئۇچىدۇ. سايراش نەيچىسى چېكىنىپ كەتكەن بولغاچقا، مۇسكۇلى يۇشۇرۇنۇۋېلىپ سايرىمايدۇ، لېكىن لەيلەپ ئۇچۇش داۋامىدا چوڭ ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئاساسلىقى ئۆپكە بېلىقى، ئالتە بۇرۇتلۇق سوم بېلىقى قاتارلىق بېلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، كىچىك تىمساھلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، سۇ تاشپاقىسى، سۇ يىلىنى، قۇلۇلە، پاقا قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، بەزىدە كەسلەنچۈك، تاشپاقا، چاشقان، چۈجە ياكى بالا تىمساھ قاتارلىقلارنىمۇ تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇلار قويۇق ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا يۇشۇرىنىۋېلىپ، ئولجىنى تۇتالايدۇ. قۇرغاقچىلىق پەسلى يېتىپ كەلگەندە، سازلىق قۇرۇپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا لاي-لاتقىلاردىكى ئۆپكە بېلىقى، قوپال تۇمشۇق بېلىق ۋە يېشىل پاقا قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. بۇلۇپمۇ  ئۆپكە بېلىقى ۋە ئامورسوم بېلىقىنى بەكرەك تۇتۇپ يەيدۇ.  

كىت باش لەيلەك ئافرىقا مەركىزىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق قىسىمىدىكى رايونلارغا تارقالغان، ياشايدىغان ۋە كۆپ ساندىكى تارقالغان ئاساسلىق جايى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، رۋاندا، جەنۇبىي سۇدان، تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، ئۇگاندا، زامبىيە قاتارلىق جايلار. 

كىت باشلىق لەيلەككىت باش لەيلەك ئادەتتە يالغۇز ياشايدۇ، ياشايدىغان يەر كۆلىمى تەخمىنەن ئۈچ كىۋادرات كىلومېتىر، ئۇۋا ياساش مەزگىلى ئادەتتە قۇرغاق پەسىلدىن باشلىندۇ، زېمىن ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بۇلۇپ كۈشەندە ياكى يوشۇرۇن رىقابەتچىسىنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ . يامغۇرلۇق پەسلىدە كۆپىيىش ئېلىپ بارىدۇ، يامغۇرلۇق پەسلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇخۇم تۇغىدۇ. ئەركەك-چىشى قۇش ئوت- چۆپلۈك، سۇلۇق، نەم يەرلەردە ياكى كىچىك ئارالنىڭ يېقىن جايلىرىدا دەرەخ شېخى ۋە قومۇشتىن چاڭگا ياسايدۇ. ئۇۋا دىئامېتىرى تەخمىنەن 1 مېتىر، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە چىشى قۇش بالىسىنى ئۇۋىدا كۆپەيتىدۇ ۋە باقىدۇ. ئۇۋا دەۋرىنىڭ داۋاملىشىشى تەخمىنەن 7 ئاي بۇلۇپ، ئۇۋىنىڭ ئويمان دىئامېتىرى تەخمىنەن 1 مېتىر كېلىدۇ. تۇخۇمى خۇنۈك ئاق رەڭدە، چىشى قۇش بىر چاڭگىغا 1 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ ،تۇخۇم بېسىپ چۈجە چىقىرىدۇ، تۇخۇم بېسىش ۋاقتى تەخمىنەن 30 كۈن بولىدۇ. ئەركەك-چىشى قۇش بالىسىنى بىرلىكتە باقىدۇ، تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئەتراپىدا باقىدۇ، قۇشنىڭ باچكىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، يېتىلگەن قۇشلاردەك قوش قانات چىقىرىدۇ. قۇرغاق پەسىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، پەيلىرى تولۇق يېتىلدۇ، تەخمىنەن 60 كۈن، 95 كۈندىن كېيىن ئۇۋىسىدىن  ئۇچۇپ چىقىدۇ، 140 كۈندىن كېيىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بۇلۇپ ياشايدۇ.  

كىت باشلىق لەيلەككىت باشلىق لەيلەكنىڭ سانى جەنۇبىي سۇداندىكى ئومۇمىي مىقدار سانىنىڭ 50 ~ 80% ىنى ئىگلىگەن، ئومۇمىي سانى 5000 دىن ئاشىقان. زامبىيەدە 500 تۇياقتىن ئاز؛ تانزانىيەدە 200 ~ 500 تۇياق؛ ئۇگاندا 100 ~ 150 تۇياق؛ رۋاندا 50 تۇياقتىن ئاشىدۇ. يىلدىن-يىلغا ئومۇمىي سانى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتكەن. خەلقئارا قۇش تۈرلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقى ئۇنى ئاسان قىلىپ، خەتەرلىك تۈرلەر بار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەر شۇكى، يېزا ئىگىلىك جەھەتتىكى سۇغىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ياشاش ماكانى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر كىت باش لەيلەكنى دۆلەت گۆھىرى دەپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھايۋانات باغچىسىغا تەقدىم قىلغان، ھەمدە پوچتا ماركىسى تارقىتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ خاس بولغان ھايۋىنىنى نامايەن قىلغان. بۇ تۈر قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ دەپ بېكىتىلگەن.  

ۋاشىنگىتون ئەھدىنامىسىنىڭ  يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قوغداش دەرىجىسىگە  كىرگۈزۈلگەن. 

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» نىڭ 2013-يىلىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر ئىچىدىكى خەتەرلىك قىزىل تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#