ئالار شەھىرى

ئالار شەھىرى
ئالار شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، شىمالدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى تاغلىق، جەنۇبتا تەكلىماكان قۇملۇقى بويىغىچە، شەرقىي تەرىپى شايار ناھىيەسى، غەربتە كەلپىن ناھىيىسى، ئەتراپى ئاقسۇ دەرياسى، تارىم دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، دولان دەريا سۈيى سىستېمىسىغا تۇتىشىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئالار شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر
يەر مەيدانى 5266 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق چۆل كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿拉尔市
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
نوپۇسى 298 مىڭ ( 2013 - يىلى )
ئالىي مەكتەپ تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالار شەھىرىئالار شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، شىمالدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى تاغلىق، جەنۇبتا تەكلىماكان قۇملۇقى بويىغىچە، شەرقىي تەرىپى شايار ناھىيەسى، غەربتە كەلپىن ناھىيىسى، ئەتراپى ئاقسۇ دەرياسى، تارىم دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، دولان دەريا سۈيى سىستېمىسىغا تۇتىشىدۇ. جۇغراپىيەلىك كوئوردىناتى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′30°80 تىن ′58°81  غىچە، شىمالىي پاراللېل ′ 22°40 دىن ′57°40 ئارىلىقىدا. شەرقىي تەرىپى شايار ناھىيەسى، غەربىي ساي ئاۋات ناھىيىسى، جەنۇب، شىمالىي تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، شەرقىي شىمال ئۇلاش توقسۇ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرق - غەرب ئارىلىقى 810 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئارىلىقى 180 كىلومېتىر كېلىدۇ. قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، پاكىستان بىلەن ھىندىستان بولغان ئارلىقى يېقىن، بىر قەدەر مول بولغان چېگرا ئېغىزى ۋە چېگرا سودىسى بايلىقىغا ئىگە. ئالار ئۇيغۇر تىلىدا « يېشىل ئارال» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 

ئالار شەھىرىئالار شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قوللىنىدۇ. 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئالار  شەھىرىنى  قۇرۇشقا  رەسمىي قوشۇلغان، 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغان.

ئالار ئەسلىدە بىر پارچە ئادەم ئاياغ باسمىغان چۆل-باياۋان بۇلۇپ، 1957-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1-شى بۇيرۇققا بىنائەن ئالار بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش-چېگرانى قوغداشقا كىلىدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1-شىسى يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ماۋ زېدۇڭغا ئەگىشىپ جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى ئاچقان؛ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، 359-لۈي بولۇپ تەشكىللەنگەن، نەننىۋەندە بوز يەر ئاچقان؛ ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ ، يەنئەننى قوغداپ، شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق چېگرىنى قوغدىغان. يېزا ئىگىلىك 1-شىسى ئالاردا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن، كەڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، 120 مىڭ مو بوز يەرنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرغان، 10 دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق تۇەن-مەيدانى قۇرۇپ « چېگرا بوستانلىقى » دەپ ئاتالغان، ئادەم قۇمنى چېكىندۈرىدىغان سۈنئىي بوستانلىق بەرپا قىلىپ تەڭداشسىز مۆجىزە ياراتقان. « جىڭگاڭشەندە تۇغۇلۇپ، نەننىۋەندە ئۆسۈپ يىتىلىش، نەچچە تۈمەن چاقىرىم جەڭ، تەڭرىتاغدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش  » يېزا ئىگىلىك 1-شىسىنىڭ  شانلىق مۇساپىسى، ئۇ ئالارنى ناھايىتى مول بولغان ھەربىي ئىشلار ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخىي جۇغلانمىسىغا ئىگە قىلغان. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا، پېشقەدەم پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ۋاڭ جېن ، ۋاڭ ئېنماۋ « شىمالدا شىخەنزە، جەنۇبتا ئالار، ئىككى تال مەرۋايىت نۇرلىنىپ تۇرۇش » بىڭتۇەن شەھەر قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، كېيىنكى مەزگىللەردە تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشماي قالغان.

 1997-يىلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ « جۇڭگو 17 [ 1997 ]- نومۇرلۇق » ھۆججەتنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق، بىڭتۇەن پارتكومنىڭ شەھەر خىزمىتى« ئورنى توغرا بولۇش، پىلان ياخشى، قۇرۇلۇش تېز بۇلۇش، باشقۇرۇش قاتتىق، ئىدىيە يېڭى بۇلۇش » يوليورۇقىغا ئاساسەن، شى، شەھەرلىك پارتكوم، ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ تەييارلىق خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغان. 2002- يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئالار شەھىرىنى قۇرۇشقا رەسمىي قوشۇلغان. 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئالار شەھەرلىك 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلغان، ئارال شەھەرلىك 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن بويىچە سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن. 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئارال شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، خەلق ھۆكۈمەتلىرى فۇنكسىيىسىنى ئەتراپلىق ئادا قىلىشقا باشلىغان. 

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 802.733 كۋادرات كىلومېتىر، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 474.208 كۋادرات كىلومېتىر، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ 61.798 كىۋادرات كىلومېتىر ( جەمئىي 1338.739 كۋادرات كىلومېتىر )رايونىنى ئالار شەھىرى ئايرىپ باشقۇرۇشقا قوشۇلغان ۋە جىنيىنچۈەن بازىرى تەسىس قىلىنغان، بازارلىق ھۆكۈمەت 1-شىسىنىڭ1-تۈەننىڭ شىتابىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئارال شەھىرىنىڭ شەھەر رايونى كۆلىمى 5200 دىن كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئالار شەھىرى2013-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆججەت تارقىتىپ بىڭتۇەن بىر شىسى دائىرە ئىچىدە شەھەر سىرتىدىكى ئىشتاتلىق بازار - جىنيىنچۈەن بازىرى قۇرۇشنى تەستىقلىغان،بۇ بازارنى ئالار شەھىرى باشقۇرىدۇ.

ھازىرغىچە، ئالارشەھىرى تەۋەلىكىدە تۆت كوچا، بىر يېزا، بىر بازار : بەخت يولى كوچا باشقارمىسى، جىنيىنچۈەن  يولى كوچا باشقارمىسى، چىڭسۇڭ يولى كوچا باشقارمىسى، جەنۇبىي كوچىسى، توقاي يېزىسى،جىنيىنچۈەن بازىرى، جەمئىي 17 مەھەللە، سەككىز كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار. يەنە ئۇنىڭ قارىمىقىدا 1-، 2-، 3-، 7-، 8-، 9- ، 10-، 11-، 12-، 13-، 14-، 15-، 16-تۇەن قاتارلىق تۇەن-مەيدان بار. 

بەخت يولى كوچا باشقارمىسى

ناھىيىگە قاراشلىق مەھەللە: 2-مەھەللە، 2-مەھەللە، 3-مەھەللە،4-مەھەللە، ئالىي مەكتەپ-مەھەللە. 

 جىنيىنچۈەن يولى كوچا باشقارمىسى

ناھىيىگە قاراشلىق مەھەللە : 2-مەھەللە، 2-مەھەللە، 3-مەھەللە،4-مەھەللە،4-مەھەللە. 

چىڭسۇڭ يولى كوچا باشقارمىسى 

قارىمىقىدا ئۈچ مەھەللە : 2-مەھەللە، 2-مەھەللە، 3-مەھەللە. 

جەنۇبىي كوچىسى

قارىمىقىدا تۆت مەھەللە : ياشلار يولى مەھەللىسى، جىنشىڭ يولى مەھەللىسى، چاڭئەن يولى مەھەللىسى، مەدەنىيەت يولى مەھەللىسى.

توقاي يېزىسى 

قارمىقىدا سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى : قارادۆڭ كەنتى، ناغرىخانا كەنتى، كۆككۆل كەنتى، توپاققاچتى كەنتى، خەلق قۇدۇقى كەنتى، ياسۇق كەنتى، دەريا ئېغىزى كەنتى، كۆكچۆل كەنتى كەنت. 

جىنيىنچۈەن بازىرى 

بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي 1-تۇەننىڭ تۇەن شىتابىدا،1-تۈەن،2-تۈەن، 3-تۈەن، شۇنىڭدەك يېقىن ئەتراپتىكى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 474.208 كۋادرات كىلومېتىر، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ 61.798 كۋادرات كىلومېتىر رايونى بۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى جەمئىي 1338.739 كۋادرات كىلومېتىر بولغان رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئورنى

ئالار شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە، ئاقسۇ دەرياسى ۋە خوتەن دەرياسى، يەكەن دەرياسىنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان، جۇغراپىيەلىك ئورنى، شەرقىي مېرىدىئان ′30°80 دىن ′58°81 غىچە،شىمالىي پاراللېل ′22°40 تىن′57°40 قىچە بولغان ئارىلىقتا بولىدۇ.

كىلىماتى 

ئالار شەھىرى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، مۇتلەق ماكسىمۇم تېمپېراتۇرا ℃35، شوتا قۇدۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ھەر 5 ~ 10 يىلدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40قا دۇچ كېلىدۇ)، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى ℃28- ( 4 - تۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃33.2- ). بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قىممىتى 146.3~133.7كىلوكالورىيە \ كۋادرات سانتىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2991.8~2556.3سائەت، كۈن نۇرى چۈشۈش نىسبىتى %5869. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا ھۆل-يېغىن ئاز، قىش پەسلىدە قار ئاز، يەر يۈزىنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 82.5-40.1 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2558.9~1876.6 مىللىمېتىر.

سۇ رايى 

ئالارشەھەرلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى سۇغىرىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىق قۇمئېرىق دەرياسى، قارا يۇلغۇن دەرياسى،ئاقسۇ دەرياسى، دولان دەرياسى ۋە يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسى قاتارلىق دەريا سۈيىدىن پايدىلىنىدۇ.

كان  بايلىقى 

ئالار شەھىرىئالار شەھىرىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كان تۈرى 20 خىلغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى 10 مىليارد توننىغا يېتىدۇ، تۆمۈر رۇدىسى3.7 مىليارد توننا، فوسفور رودىسى،مىس كان، مانگان رۇدىسى زاپاس مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3680 مىڭ توننا،200 مىڭ توننا، 105 مىڭ توننا. ھالبۇكى، نافېلىن سىئېنىت، تاش مۇم، تاشتۇز،ھاك تاش، دولومىت قاتارلىقلارنىڭ زاپاس ساقلاش مىقدارى  100 مىليون توننىغا يېتىدۇ.

ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقى 

ئالار شەھىرىدە ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا، يۇلغۇن، توغراق، قاپاق توغراق، ئىككىلەمچى توغراق ئورمىنى، جىگدە دەرىخى، جىغان، توشقان زەدىكى، شىقىلداق، تارىم ياۋا توشقىنى قاتارلىقلار بار. 

سۇ - تۇپراق بايلىقلىرى 

ئالار شەھىرىنىڭ سۇ - تۇپراق بايلىقى مول، سۇغىرىش سۇ مەنبەسى ئاساسلىق ئاقسۇ دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسى. يەنە دولان، غەلىبە، يۇقىرى ئېقىن قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرى ياسالغان، ئومۇمىي سۇ يۈزى 248.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ،سۇ ئامبىرىنىڭ  سىغىمى 5.18 مىليون كۇب مېتىر.

نوپوس 

2012-يىلى، ئالار شەھىرىنىڭ  نوپۇسى 298 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە : ئەرلەر 159600 كىشى بولۇپ، % 53.6 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئاياللار 138400 كىشى بولۇپ، % 46.4 ئىگەللىگەن. پۈتۈن ئاھالە ئىچىدە خەنزۇلار 270700 ئادەم بۇلۇپ،ئومومىي نوپۇسنىڭ  % 90 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەت 372 مىڭ بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ% 9.2 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا  نوپۇسى 133100 ئادەم بۇلۇپ ، ٪ 44.7 نى ئىگىلەيدۇ؛ بىر يىل ئىچىدىكى كۆچمە نوپۇس 22 مىڭ ئادەم بۇلۇپ % 7.4 نى ئىگىلەيدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانىدا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر 192100 ئادەم بۇلۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 64.5ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە : تۈەن-مەيدان تۇەن شىتابىغا ئولتۇراقلاشقان نوپۇس 106700 ئادەم بۇلۇپ، تۈەن-مەيدان ئاھالىسى نوپۇسنىڭ % 55.5 نى ئىگىلەيدۇ. يىل ئاخىرىدىكى  ئومۇمىي ئائىلە سانى 102800 ئادەم، 1636 ئادەم تۇغۇلغان، تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰ 5.5 ؛ ئۆلگەن ئادەم 1447، ئۆلۈش نىسبىتى % 48؛ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰ 0.64.

قاتناش 

ئالارشەھىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1000  كىلومېتىر، قەشقەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 600 كىلومېتىر، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 120 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئاۋىياتسىيە: ئاقسۇ ئايرودرومىغا 130 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

تۆمۈريول : ئاقسۇ شەھىرى پويىز ئىستانسىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 120 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

تاشيول : پۈتۈن رايون بويىچە تاشيول تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، ئۆلكە يولى ۋە « 314 » دۆلەت يولى ئۆزئارا تۇتاشقان.

ئىقتىساد 

2012- يىلى،ئالار شەھىرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 161.39 مىليون يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 12 ئاشقان. بۇلار ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 88.55 مىليون يۈەن، % 10.9 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى41.40 مىليون يۈەن بولۇپ، % 9.3 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 31.44 مىليون يۈەن بولۇپ، % 19.4 ئاشتى. 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 54.9:25.7:19.4. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54267 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 10.9 ئاشقان. دۆلەت ئىلكىدىكى ۋە دۆلەت پېيىنى كونترول قىلىدىغان سانائەت، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى 13 بۇلۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ۋە دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد يۈەن. بىر يىلدا تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى ٪ 1.4 ئېشىپ، ئاھالە ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى % 2.2 ئاشقان، مۇلازىمەت تۈرى باھاسى % 3 ئاشقان.

ئىلىم - پەن ۋە مائارىپ 

ئالار شەھىرى2012 - يىلى ئالار شەھىرى پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا تەرەققىيات ئاپپاراتى 4 كە ، بىر يىلدا پەن - تېخنىكا تۈرى 67 ، 15 پەن - تېخنىكا تۈرى بىڭتۇەن شىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . بۇلار ئىچىدە , بىڭتۇەننىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈر 2 ، 13 تۈرلۈك ئېرىشكەن شىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۆلەت پاتېنت ھوقۇقى ئېرىشكىنى  22 تۈر . شى 3 خىل زىرائەت يېڭى سورتى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن .شەھەر بويىچە ھەر خىل مەكتەپ 32، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 3437 نەپەر ،بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن  ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪ 0.2 تۆۋەنلىگەن. مەكتەپتىكى  ئوقۇغۇچى 44100 بولۇپ، % 6.1 تۆۋەنلىگەن، يېڭى ئوقۇغۇچى 10700 بولۇپ، % 4.4 تۆۋەنلىگەن؛ پۈتتۈرگەنلەر 12300  ئادەم بولۇپ، % 1.0 ئاشقان. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 7900 بولۇپ ، % 7.7 تۆۋەنلىگەن؛ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى 7900بولۇپ، % 15.4 كە تۆۋەنلىگەن؛ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار3100  ئادەم ، % 21.1 ئاشقان. ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 13200 مىڭ بولۇپ ، % 10.2 تۆۋەنلىگەن؛ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى4600 ئادەم، %9.7 تۆۋەنلىگەن؛ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 4400 بولۇپ ، % 13 تۆۋەنلىگەن. ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى2200 ئادەم ، % 6.37 تۆۋەنلىگەن؛ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى 3700 بولۇپ،%2.7 ئاشقان؛ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 4600 بولۇپ، % 1.9 ئاشقان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن. 

مەدەنىيەت

2012 - يىلى ئالار شەھەرلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئاپپاراتى 22 گە يەتكەن، بۇلار ئىچىدە، بىر ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن مەيدانى رادىيو - تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئاپپاراتى 21 گە يەتكەن. سىملىق تېلېۋىزىيە ئابۇنېنتى 38000 ئائىلە، رادىئو بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 60 كە، تېلېۋىزىيىنىڭ قاپلاش نىسبىتى 90 % كە يەتكەن. ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى 3 كە يەتكەن، يېڭىدىن 2000 كۋادرات مېتىر ئۇنىۋېرسال پائالىيەت مەركىزىدىن بىرى قۇرۇلۇپ، 4 مىليون  يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

سەھىيە

2012-يىلىئالار شەھەرلىك سەھىيە ئاپپاراتى 420 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بىر ؛ تۇەن - مەيدان دەرىجىلىك مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى 18. يىل ئاخىرىدىكى ھەر خىل سەھىيە خادىمى 1858 ( ليەندۈي ۋە پايدا ئالىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملار ) ئادەم، كەسپىي ۋە كەسپىي ياردەمچى دوختۇر 521، رويخەتكە ئېلىنغان سېسترا 876 ئادەم، يۇقۇملۇق كېسەل دوكلات قوزغىلىش نىسبىتى 348.3 / 10 مىڭ، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %2.14 بولغان. 

ئالار شەھىرىشنجاڭ ئالار شەھىرى قەدىمدە كۈنگاڭ دەپمۇ ئاتالغان، تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە  ئىلگىرى، كۈسەن، ئۇدۇن يولنىڭ  ئۆتەر يولى ئىدى. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا  شەھەر - بازار ۋە مەھەللە يۇلتۇزدەك تارقالغان، قاتناش لىنىيىسى گىرەلىشىپ كەتكەن، كۈسەن، ئۇدۇن يولى بۇ رايوندا كېسىشىدۇ. بۇنىڭغا ئائىت خاتىرىلەر تارىخىي كىتابلاردا ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئىزچىل ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي ماتېرياللار تېپىلمىغان. تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى لوپ ناھىيىسى ئەتراپىدا شامپۇل قەبرىستانلىقى بايقالغان، تۆۋەنكى ئېقىندىن لوپنۇر كىچىك دەريا قەبرىستانلىقى ۋە كىرورەن قەبرىستانلىقى بايقالغان، ھەممىسى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان غايەت زور بايقاش ھېسابلىنىدۇ، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان رايوندىن ئىلگىرى پەقەت بىرقانچە پارچە - پۇرات قەدىمىي قەبرىلەر بايقالغان. ئىككى دېھقاننىڭ بايقىشى بىلەن مىڭ يىللىق تارىخى ئاخىرى ئۇلانغان.شىنجاڭ تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان ئالار شەھىرى ئەتراپىدىكى 120 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇق ئىچىدىن  بىر چوڭ تىپتىكى قەدىمىي قەبرىلەر توپى بايقالغان .نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى، تارىم دەريا ۋادىسى — ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ مۇھىم رايوننى بۇلۇپ، تارىم دەرياسىنى  بويلاپ بىر ئاۋات بازار بولغان، نۇرغۇن ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان.

2003 يىل ئىچىدە ، يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى نەپەر ياش دېھقان قۇملۇققا ئوتۇن تېرىشكە كەلگەندە، مەقسەتسىزلا ئىككى قەۋەتلىك ئېگىزلىكتىكى قۇم بارخانلىرىدا جەسەت ساندۇقىنى بايقىغان. شىنجاڭ تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر ئاڭلىغاندىن كېيىن، 2005-يىلى-يىلى 3-ئايدا ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم كېلىپ بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى يەنە شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار ئەۋەتكەن مۇتەخەسسىسلەر 2005-يىلى يىل ئىچىدە بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقتا دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.   

بۇ قەدىمىي قەبرىلەر توپى ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئېگىزلىكىدە بۇلۇپ، نەچچە چاقىرىم دائىرىسىدە چوڭ تىپتىكى قەدىمىي قەبرە توپى بار. قەدىمىي قۇرۇلۇش بىر ئېگىزلىككە قويۇلغان بۇلۇپ، ئېگىزلىك نۇرغۇن گىرەلەشمە دۆۋىلەنگەن توغراق ياغىچىدىن ياسالغان. قەبرە سىرتىغا  ئاق جەسەت سۆڭەكلىرى ۋە  تېرەك ياغىچى ئارقىلىق ياسالغان جەسەت ساندۇقى تارقالغان، قەبرە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە ئوغرىلانغان. قەدىمىي قەبرە ئەتراپىدا  كەنتنىڭ قالدۇق ئىزلىرى ساقلانغان، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا يەنە قۇرۇپ كەتكەن تارىم دەرياسىنىڭ كونا ئىزلىرى بار.

قەدىمكى قەبرىلەر توپىئالار شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چەكسىز قۇملۇق ئىچىدىكى بىر پارچە قۇرۇپ كەتكەن توغراق ئورمىنى ئىچىگە جايلاشقان، قەبرىلەرنىڭ ئەتراپىدا يەنە قەدىمكى زاماندىكى قوي قوتىنى ۋە بىر قىسىم قوي قىغى بار. قەبرىدىكى جەسەت ساندۇقىلىرىنىڭ بىردەك تېگى قاپقىقى يوق، قۇرامىغا يەتكەن ئەر-ئايال بىللە دەپنە قىلىنغان ھەمدە ئاياللار ئۈستىدە ئەرلەر تۆۋەندە قويۇلۇپ دەپنە قىلىنغان. 

غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ بەلكىم شامان دىنىنىڭ بىر خىل دەپنە شەكلى بۇلىشى مۇمكىن. تېخىمۇ غەلىتە بولغىنى، قەبرە ئىچىدىكى قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ دەۋرى ئوخشىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىردەك چېچى سېرىق، ياڭاق سۆڭىكى ئېگىز، يۈز شەكلى تار ھەم ئۇزۇن بۇلۇپ، ياۋروپا ئىرقى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن، بۇ پاكىتلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز بۇ جايدا مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بايقاش ئالار رايونىدىكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت تارىخىنى 2000 يىل ئىلگىرى سۈرگەن. 

شياڭلوڭ كۆلى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 

ئالار شەھىرىشياڭلوڭ كۆلى مەنزىرە رايونى تارىم ئويمانلىقى،ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان،2004-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان 20مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان،ئومۇمىي كۆلىمى 300 مو دىن ئارتۇق، مەنزىرە رايون ئىچىدە قەلئە،بەش شىپاڭلىق كۆۋرۈك، دياۋيۈ ئارىلى،جيۇلۇڭ كۆلچىكى،ئىستىراھەت باغچىسى ۋە سۇ ئۈستى باغچىسى قاتارلىق ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىسى، توپلام سۇ ئىنشائاتى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى، ئەل ئارىسىدىكى ئاجايىباتلار، قىزىل ساياھەت ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى،ئىپتىدائىي تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەزەلدىن « چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانى » دېگەن نامى بار.

تارىم كۈمۈش ساۋەن ساياھەت ئارامگاھى

تارىم كۈمۈش ساۋەن ساياھەت ئارامگاھى، دۆلەتنىڭ AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى،بۇ يەردە ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ياتاق ئۆي،ياغاچ ئۆي،كىگىز ئۆي،ساھىل ۋالىبولى، سۇ تېيىلىش، سەيلە موتوتسىكىلىت مىنىش قاتارلىق ھەر خىل ئەسلىھە ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بار.

ئالار شەھىرىدە «شىننۇڭ» ماركىلىق پاختا،« تارىم دەرياسى» ماركىلىق يۈرۈشلۈك پاختا سورتى، « تەڭرىتاغ قارى» ماركىلىق گۈرۈچ،« تەڭرىتاغ قارى » ماركىلىق قىسقۇچپاقا،« قۇملۇق » ماركىلىق چىلان قاتارلىقلار بار. 14-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسىدە «شىننۇڭ» ماركىلىق پاختا ئالتۇن مۇكاپاتقا، ئاپتونوم رايوننىڭ 3-نۆۋەتلىك « شىنجاڭ داڭلىق سودا ماركىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.تارىم دەرياسى ئۇرۇقچىلىقى ئىشلەپ چىقارغان «تارىم دەرياسى» ماركىسىدىكى كېۋەز ئۇرۇقى«جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#