لاۋتەي يېزىسى
لاۋتەي يېزىسى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى بىر يېزا-بازار، شەرقىي سەنتەي بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى فۇكاڭ شەھىرى زىنىچۈەنزى بازىرى بىلەن قوشنا بولۇپ، جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىي تەڭرىتاغنىڭ قار چوققىسى بولغان ئۈرۈمچى ناھىيەسى بىلەن كېسىشىدۇ، شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇق جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لاۋتەي يېزىسى تەۋەلىكىدە نەنمىن كەنتى، لاۋتەي كەنتى، لاۋخۇ كەنتى، موگۇخۇ كەنتى، ياڭ جۇاڭ كەنتى، شاڭجىيالىياڭ كەنتى، داۋان كەنتى، سۈنجۇۋاڭ كەنتى،سۆكسۆكلۈك كەنتى، لۇساۋزۇيزە كەنتى، ئەرگۇڭ دەرياسى كەنتى، فاماتاڭ كەنتى، غەربىي تەيزە كەنتى، ئاقچى كەنتى، ۋۇداۋبا كەنتى، شىدى كەنتى، ياڭبا كەنتى، شاڭدۇڭگۇ كەنتى، جۇڭگوۋ كەنتى، دافاڭجۇاڭزا كەنتى، شياشىگۇ كەنتى قاتارلىق كەنتلەر بار، 21 كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئومۇمىي ئائىلە سانى 2317 گە، نوپۇس 8593 ئادەم، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، دۇڭشياڭ مىللىتىدىن بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 1711 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %19.91، يېزا تەۋەسىدىكى رايون بويىچە يېزا نوپۇسى8090 ئادەم، شەھەر نوپۇسى 503.
لاۋتەي يېزىسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قىيسايغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5345 مېتىردىن 470 مېتىرغىچە، يەر شەكلى يېپىنچا ئۆسۈملۈك، كىلىمات قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، لاۋتەي يېزىسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونلار ئاساسەن پەس تاغ ئېدىرلىق ۋە چۆل تۈزلەڭلىكى، ئۈچ يەر شەكلى بۆلىكى، جەنۇبىي تاغلىق رايۇنى دەريالارنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدۇر، پەس تاغ ئېدىرلىقى تەبىئىي يايلاق، چۆللۈك تۈزلەڭلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى. كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى : تۆت پەسلى ئېنىق، ياز پەسلىدە قاتتىق ئىسسىق، قىش پەسلىدە سوغوق، ئەمىنىيە ، ئەتىياز، كۈز پەسلىدە كىلىمات ئۆزگىرىشى بىر قەدەر چوڭ، ھۆل-يېغىن ئاز، پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، فوتوسېنتىز ئۈنۈمى يۇقىرى، قىروسىز مەزگىلى جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندا تەخمىنەن 173 كۈن، ئېدىرلىق رايونلار 145 كۈن ئەتراپىدا، تۈزلەڭلىك رايونلارغا قارىغاندا شىمالىي ئېتەكلىرىدە 30 كۈن بولىدۇ.
لاۋتەي يېزىسى 1998-يىلى يېزا بولۇ قۇرۇلغاندىن باشلاپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت خەلقى يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، يۈكسەك سىياسىي قىزغىنلىقى ۋە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، پۈتۈن يېزا تېخىمۇ مۇقىم، ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى، 2006-يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن يېزا كىرىمى 6847.1 مىڭ يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4808 يۈەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.