شاكال بەدىيان دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. شاكال بەدىيان (ئۆسۈملۈك)
  2. شاكال بەدىيان (دورا)
ئۆسۈملۈك

شاكال بەدىيان

شاكال بەدىيان

شاكال بەدىيان ماگىنولىيە ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، ئېگىزلىكى 10 ~14 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان چاتقال دەرەخنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، تەمى ئاچچىق، پۇراقلىق كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى شاكال بەدىيان
تارقالغان رايونلار فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، گۇيجۇ، يۈننەن،
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى شاكال بەدىيان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى شاكال بەدىيان ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 八角茴香
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى شاكال بەدىيان ئائىلىسى
تۈرى شاكال بەدىيان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاكال بەدىيانشاكال بەدىياننىڭ يۇپۇرماقلىرى رەتلىك ئەمەس ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ ،  يۇپۇرمىقى قېلىن (خۇرۇمسىمان) بولۇپ، دۈم تېمىنە شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ ، ئۇزۇن5-15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2-5 سانتىمېتىر، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق ياكى قىسقا، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان ياكى شىناسىمان كېلىدۇ، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن 8-20 مىللىمېتىر، گۈلى ھال رەڭدىن باشلانغان قېنىق قىزىل رەڭلىك، يوپۇرماق قولتۇقىدا ياكى ئۇچىدا ئۆسىدۇ ، گۈل سېپى ئۇزۇن 15-40 مىللىمېتىر؛ ئەڭ چوڭ گۈل يېپىنچا ياپراقچىسى كەڭ سوقىچاق، ئۇزۇنلىقى 9-12 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 8-12 مىللىمېتىر؛

مېۋە ساپىقى ئۇزۇن 20-56 مىللىمېتىر،8-9 تال مېۋىسى توپ بۇلۇپ، بىر غۇنچىسىمان مېۋە تەركىب تاپىدۇ . 

دىئامىتىرى 3.5 - 4 سانتىمېتىر، سەككىز قىرلىق بولۇپ ، ئۇزۇنلىقى 14-20 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 7-12 مىللىمېتىر، قېلىنلقى 3-6 مىللىمېتىر، ئالدى ئۇچى دىقماق ئۇچلۇق. ئۇرۇقى ئۇزۇن 7-10 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 4-6 مىللىمېتىر. 3-5-ئايدا چېچەكلەپ، 10-9 -ئايلاردا مېۋىسى پىشىدۇ .

شاكال بەدىيانشاكال بەدىيان جەنۇبىي ئاسىيا ئىسسىق بەلباغ دەرەخ تۈرى بۇلۇپ، قىشتا ئىسسىق ، يازدا سالقىن تاغلىق كىلىماتىنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇۋاپىق بولغان تېرىلغۇ تۇپراق قاتلىمى چوڭقۇر ، سۇ چىقىرىش شارائىتى ياخشى ، مۇنبەت ، نەم، سەل كىسلاتالىق بولغان قۇمساڭ ئەت تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ؛ قۇرغاق، ئۈنۈمسىز ياكى ئويمان سۇ يىغىلغان جاي ئۆسۈشى ياخشى ئەمەس. 

ياش ھەم يىتىلگەن دەرىخى كۈن نۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ. كۈچلۈك نۇر ، قۇرغاقچىلىق ۋە كۈچلۈك شامالدىن قورقىدۇ. تۇپراق قاتلىمى چوڭقۇر، چىرىندى ماددا مىقدارى مول ، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان سەل كىسلاتالىق بولغان تۇپراق ياكى قۇمساڭ ئەت تۇپراق ئۆستۈرسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

ھەر يىلى ئىككى قېتىم يىغىۋېلىنىدۇ. 2-، 3-ئايدا پىشقان مېۋىسى ئاز چىقىدۇ. 8-، 11–ئايلار بولسا يىغىۋېلىشنىڭ مول–ھوسۇل پەيتى. يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا ياكى بوش ئوتتا قاقلىتىپ قۇرۇتىلىدۇ. قۇرۇق-سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.  

شاكال بەدىيانشاكال بەدىيان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سوغۇقتىن بولغان قۇسۇش، قورساق ئاغرىقى، بۆرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇچۇچان ماي تەركىبىدىكى ئانتول غىدىقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرۇپ، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ. شاكال بەدىيان قايناتمىسى ئىنسانلاردىكى سىل تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە سىبلىس تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.

1. شاكال بەدىياننى قارا چاي بىلەن قوشۇپ دەملەپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، يەل تارقىتىدۇ.

 2. پىننە، بەدىيان، زىرە، شاكال بەدىيانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، دارچىن، لاچىندانە، سۇمبۇللارنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ، چاي دەملەپ ئىچسە ئاشقازاننى قىزىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، سوغۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ.

 3. شاكال بەدىيان ۋە سۆئلەپتىن 10 گرام، شاقاقۇلدىن 5 گرام، دارچىندىن گرام ئېلىپ ، قائىدە بويىچە سوقۇپ، جايلىق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#