ئاق لەيلى

ئاق لەيلى

ئاق لەيلى تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، لەيلىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاق لەيلى
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
باشقا نامى گۈلخەيرى، خۇبباز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 冬葵
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق لەيلىئاق لەيلى تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، لەيلىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى يۇمىلاق، تەمسىز. يوپۇرمىقىنىڭ ئارقا تەرىپى يىرىكرەك، گۈلى كىچىك، رەڭگى قىزىل، بىنەپشىگە مايىل. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنىڭ رەڭگى ئاققا مايىل قارامتۇل، شەكلى يۇمىلاق، بىر ئاز ياپىلاقراق، ئوتتۇرىسى چوڭقۇر كېلىدۇ.

سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، تەرەتنى يۇمشىتىش، تۇغۇتنى تېزلىتىش، بالا ھەمرىيىنى چۈشۈرۈش، سۇلۇق ئىششىقنى تارقىتىش، جاراھەتلەرنى ئېغىز ئالدۇرۇش، يۈزدىكى دانىخورەكلەرنى يوقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ سۈيىدىن 150 گرام، ئۇرۇقىدىن 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا، ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە گۈلىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

ئاق لەيلىئاق لەيلىنىڭ يوپۇرمىقىنى چايناپ تۇز قوشۇپ، كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆزدىكى ناسۇر چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئاق لەيلىنى چالا ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل چاقىنىڭ ئاغزىنى پۈتتۈرىدۇ. 

ئاق لەيلىنى يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۇنۇقنى تۇتاشتۇرۇپ، تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ. 

ئاق لەيلىنى زەيتۇن يېغى ياكى گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئوتتا كۆيگەن جاراھەت ۋە چايان چېقىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئاق لەيلىنىڭ قوۋزىقىنى ئېزىپ سۈيدۈك بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، باشنىڭ يىرىڭلىق چاقىلىرىغا مەنپەئەت قىلىپ، كېپەكنى يوقىتىدۇ. 

ئاق لەيلى شېخىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدىن 200 گرامنى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، ئىسسىقلىق ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، تال ئاغرىقى، يەرقان، قوتۇر، ئۈچەيلەردىكى يىرىڭلىق جاراھەت، تولغاق، دوۋسۇندىكى يىرىڭلىق جاراھەت، سۈيدۈكنىڭ كۆيۈشۈپ كېلىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئاق لەيلىنىڭ ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئىچ ئەزادىكى جاراھەت؛ ئىسسىق ۋە قۇرۇقتىن بولغان يۆتەل، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئاق لەيلىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئاق لەيلىنى يەككە ھالەتتە ياكى پوستى ئېلىنغان ئارپا بىلەن ئېزىپ مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان قاتتىق ئىششىق ۋە ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىلماچ ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغىتى 

http://tilmach.cn/Home/DictFormatted

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#