جويۇز
جويۇز بولسا دەرەخ جـۇيۇزنـىڭ ئۇرۇقىـدىن ئىـبارەت. خەلق ئارىسىدا جويۇزبوۋۋا ، جويۇز نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئىچى سۈرۈشنى توختۇتۇش،تاماق سىڭدۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جويۇز بولسا جويۇز ئائىلىسىدىكى ھەمىشە كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئىگىزلىكى20 مـېتىـرغا يېتىـدىـغـان دەرەخ جـۇيۇزنـىڭ ئۇرۇقىـدىن ئىـبارەت. خەلق ئارىسىدا جويۇزبوۋۋا ، جويۇز نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئۇرۇقى تۇخۇمدەك يۇمىلاق ياكى ئېلىپىىس شەكىللىك بولۇپ، سىرتقى يۈزى كۈلرەڭگە مايىل. خورما رەڭلىك ياكى كۈلرەڭ سېرىق رەڭلىك، قاتتىق بولۇپ، ئاسان ئېزىلمەيدۇ.تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس بولىدۇ. 10- ئايدىن كېيىن مېۋىسى پىشقاندا پوستىنى ئاجىرتىۋېتىپ، ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىندۇ،ئىسىق بەلباغ رايونلىرىدا ئۆستۈرىلىدۇ. ھىندىنوزىيىنىڭ مالاككا ئارىلى، مالايسىيا، ھىندىستان. سىرلانكا، غەربى ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ .
پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، بۆرەك، ئاشقازان،جىگەر، باھنى قۇۋۋەتلەش، تەبىئىي ھارارەتنى ساقلاش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سوغۇقتىن بولغان ئىششىقنى تارقىتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختۇتۇش،تاماق سىڭدۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
1.جۇيۇزنىڭ ئۆزىنى شۈمۈرۈپ بەرسە تىل ئېغىرلىق، پالەچ، لەقۋا قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ .
2.جۇيۇزدىن 5 گرام ئېلىپ ئېزىپ تالقان قىلىپ، تۇخۇم سېرىقى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ .
3.جۇيۇز، ئىگىرنى مۇئاپىق مىقتاردا ئېلىپ سىركىدە سۈرۈپ، بوغۇملارغا چاپسا، سەۋدا ۋە بەلغەم خىلىتىدىن بولغان بوغۇم ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ .
4.جۇيۇزنى مۇئاپىق مىقتاردا ئېلىپ ئېزىپ شېكەر بىلەن ئىچىپ بەرسە ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.
5. جويۇز، رىگىمايى، ئاقىر قارھا، ئەنجۈر قېقى، كۇنجۇت، تۇدەرى قاتارلىق دورىلاردىن ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ 3 گرام پېنىرمايە ۋە ئۈچ دانە تۇخۇم سېرىقى بىلەن قوشۇپ تالقان قىلىپ يىسە باھ ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدۇ
بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، ئاشقازان ئاجىزلىق، قۇرساق ئېسىلىش، باش ئاغرىش. رىماتىزىم، بوغۇم ئاغرىقى، پالەچ، تىل ئېغىرلىق، جىگەر، تال قېتىۋېلىش كېسەللىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.