تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى قىسقارتىلىپ يۇقۇملۇق مېڭە كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مېڭە پەردە ياللۇغى شارچىسىمان باكتېرىيە قوزغىغان يىرىڭلىق مېڭە پەردە ياللۇغى بولۇپ، يىرىڭلىق مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى جەريانىدا قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەل تىپىغا كىرىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق
قىسقارتىلما نامى يۇقۇملۇق مېڭە كېسىلى
جۇڭيى تىبابىتى نامى تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىسۆزلۈك تۈرىنى بېكىتىڭ
يۇقۇملىنىش يولى مۇشۇ ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە يۇقۇملانغان بىمار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىتارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى قىسقارتىلىپ يۇقۇملۇق مېڭە كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مېڭە پەردە ياللۇغى شارچىسىمان باكتېرىيە قوزغىغان يىرىڭلىق مېڭە پەردە ياللۇغى بولۇپ، يىرىڭلىق مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى جەريانىدا قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەل تىپىغا كىرىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل كېسەلگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تونۇشقا ئىگە بولۇشى كېرەك، ھەرقانداق ياشتىكى كىشىلەر بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن، تۇغۇلۇپ ئىككى-ئۈچ ئايلىق بولغاندىن باشلاپ تاكى ئىككى ياشقا كىرگۈچە بولغان ۋاقىت كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ۋاقىت بولۇپ، كېيىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئانا تېنى ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنگەن باكتېرىيىگە قارشى تۇرغۇچى ماددىلار كۆپ بولغاچقا، بۇ خىل كېسەللىك ئاز كۆرۈلىدۇ. 

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىبۇ خىل كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە ئىككى-ئۈچ كۈن بولىدۇ، كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بوشراق قىزىش، كاناي ئاغرىش، يۆتىلىش ۋە بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئارقىدىنلا ناھايىتى تېزلا قاتتىق غالىلداپ تىترەش، قاتتىق قىزىش، قاتتىق باش ئاغرىش، ئاندا-ساندا ياندۇرۇش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار ئاغرىش، ئىشتىھا ناچارلىشىش، روھى چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر ۋە تېرە، كۆز، ئېغىز بوشلۇقى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىلمۇخىل قاپارتقۇلار پەيدا بولۇپ، دەسلەپتە قېنىق رەڭدە، كېيىن قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. بوۋاقلاردا بولسا ئالدى لىپىلداق يوغىناش، قاتتىق چىرقىراپ يىغلاش، خۇددى ئېسىنى يوقاتقاندەك ھاڭۋېقىپ قاراش، تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلاردا يۇقىرىقى ئالامەتلەر پەيدا بولغاندىن سىرت، پۈتۈن بەدەندىكى تېرە ۋە شىلىمشىق پەردىلەردە خىلمۇخىل داغلار پەيدا بولىدۇ ۋە ناھايىتى تېزلىكتە چىرايى سارغىيىش، كالپۇك ئەتراپى ۋە بارماق ئەتراپى بىنەپشە رەڭگە كىرىپ، پۇت-قولى مۇزلاش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، ھەتتا قان بېسىمىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولماسلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىبۇ خىل كېسەلنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى مۇشۇ ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە يۇقۇملانغان بىماردىن ئىبارەت، بىمار كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىدىن باشلاپ تاكى پەيدا بولغۇچە بولغان ئون كۈن ئىچىدە يۇقۇملىنىدۇ. كېسەللىك سەۋەبىنى پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەر بىماردا ياكى باكتېرىيىنى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىدا تۇرۇپ، ھاۋا بوشلۇقى ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرىدۇ. شۇنداقلا بىللە ئۇخلاش، قۇچاقلاش، ئېمىتىش، سۆيۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل كېسەل كۆپىنچە قىش ۋە باھار پەسلىدە كۆپ كۆرۈلۈپ، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە تارقىلىشى تۆۋەنلەيدۇ.

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىبۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ئوبدان باشقۇرۇش. بىمارنى ئىمكانقەدەر بالدۇر بايقاش ۋە ئايرىپ داۋالاش، ئايرىپ داۋالاش ۋاقتى كېسەللىك ئالامىتى يوقىلىپ، ئۈچ كۈنگىچە بولسا بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ كېسەل بولۇپ يەتتە كۈن ئىچىدە يوقىلىدۇ، ئۆزئارا قويۇق ئالاقىدە بولىدىغانلارغا نىسبەتەن دوختۇر يەتتە كۈن كۆزىتىش كېرەك.

2. يۇقۇملىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش. ئۆينىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاشقا دىققەت قىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ھەم كىيىم ۋە يوتقان-كۆرپىنى دائىم ئاپتاپقا سېلىش، ئاپتاپقا سالغاندا، ئىمكانقەدەر ئادەم ئاز، ئاممىۋى سورۇنلاردىن يىراق جايلارغا سېلىش.

3. ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. قەرەللىك ھالدا ئالدىنى ئېلىش ئوكۇلىنى ئۇرۇپ، يېقىن مۇناسىۋەتتە تۇرۇپ ئۇچرىشىدىغانلار چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئانتىبىئوتىك دورىلار ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىمېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلغاندا ئادەتتە بەك چوڭ رېئاكسىيە بولمايدۇ. ئەملەنگەن ئورۇندا قىزىرىش، باسسا ئاغرىش كۆرۈلۈپ، كۆپىنچىسى ئەملىنىپ 24 سائەت ئىچىدە ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىدۇ. ئايرىم بوۋاقلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قىزىش يۈز بېرىدۇ، بۇ كۆپىنچىسى ئەملىنىپ ئالتە ~ سەككىز سائەتتە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5℃ دىن تۆۋەن بولسا، بوۋاققا كۆپرەك قايناق سۇ ئىچكۈزۈش ھەمدە ئازراق سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىك بېرىشكە بولىدۇ. ئادەتتە قىزىش ئالامىتى ئىككى كۈن ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر قىزىتما 38.5℃ دىن يۇقىرى ھالدا داۋاملاشسا ياكى ئىككى كۈندىن كېيىنمۇ ساقايمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئايرىم بوۋاقلاردا يەنە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئەملىنىپ ئون نەچچە سائەتتە تېرىدە قاپارتما كۆرۈلسىمۇ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىبۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىماردىن خەۋەر ئالغاندا، ئالدى بىلەن دائىم ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كىيىم، يوتقان-كۆرپىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ، ۋاقتىدا ئاپتاپقا سېلىش، ئۇنىڭدىن باشقا، بىمار ياندۇرغاندا چوقۇم بىمارنىڭ بەدەن قىياپىتىگە دىققەت قىلىپ، ياندۇرغان نەرسىلەرنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىپ، دېمى سىقىلىشنىڭ ياكى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ۋە ئېغىز بوشلۇقى يېپىشقاقلىقنىڭ، كۆكىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تېرىنىڭ قۇرغاق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر تېرىدە داغ پەيدا بولسا، دەرھال ۋاقتىدا دورا سۈرتۈپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىمارغا ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇقى مول بولغان شىرنىلەرنى ۋە شىرنىلىك يېمەكلىكلەرنى بېرىش، بىمار قاتتىق قىزىپ كەتسە، كۆپرەك سۇ بېرىش، ھوشىدىن كەتكەن بىمارنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بىخەتەرلىكىنى قوغداش شۇنداقلا بىمارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، نورمالسىز ئەھۋالنى بايقىغان ھامان دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#