زىرىق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زىرىققا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 2 ~ 1.5 مېتىر كېلىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يىلتىزى توم ۋە ئۇزۇن، رەڭگى سېرىق، تەمى ئىنتايىن قېرىق؛ يوپۇرماقلىرى قىسقا، شاخلىرىغا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، تولۇق گىرۋەكلىك، كىچىك ۋە قىسقا كېلىدۇ، شاخ تۈۋىنىڭ تاشقى تەرىپىدە ئۈچ ئاچىلىق تىكىنى كۆپ، ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن، ئىككى تەرىپىدىكىلىرى قىسقا بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى كىچىك، سېرىق؛ مېۋىسى شىرنىلىك، شار شەكلىدە بولىدۇ، پىشقاندا قارىيىدۇ. مېۋىسى «زىرىۋ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
مېۋىسى
ئۆت، جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى راۋان قىلىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە قان خىلىتىنى تەڭشەش، قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قۇرۇق ھۆنى يوقىتىش، سەپرانى پەسەيتىش.
جىگەر، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ياللۇغى، ئىچى سۈرۈش، ھەزىمنىڭ ناچالىشىشى، ئۇسسۇزلۇق، ۋىتامىن C نىڭ يېتىشمەسلىكى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، كالپۇك يېرىلىش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، قۇرۇق ھۆ بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. ئىشتىھانى ئاچىدۇ، قىزىتما ياندۇرىدۇ.
2. باكتېرىيىگە قارشى تۇرىدۇ ۋە تورمۇزلايدۇ.
3. قاننىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
4. ئۆت سۇيۇقلۇقىنى راۋان قىلىدۇ.
5. ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى ئۆرلىتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.