مۇز يارار كېمە

مۇز يارار كېمە

مۇز يارار كېمىنىڭ تۇمشۇقى ئالدىغا يانتۇ بولغاندىن سىرت، گەۋدىسىمۇ كەڭ، قۇرۇلمىسى پۇختا، يەنە مۇز قاتلىمىنى يانجىش ئۈچۈن، ئات كۈچى زور ماتور ھەم كېمىنىڭ تۇمشۇق ۋە قۇيرۇقىنىڭ چۆكۈپ مۇز قاتلىمىنى يانجىشىنى تەڭشەيدىغان قۇۋۋىتى زور پومپا ئورنىتىلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى مۇز يارار كېمە
خەنزۇچە نامى 破冰船

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇز يارار كېمەمۇز قاپلىغان دېڭىزدا يۈرۈش ئۈچۈن، روسىيىلىك برتىنېۋ ئادەتتىكى بىر كېمىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇردى. ئۇ كېمىنىڭ تۇمشۇقىنى يانتۇ قىلىپ، كېمە تۇمشۇقى مۇزغا بىۋاسىتە ئۇرۇلماي، گۈرجەككە ئوخشاش تېيىلىپ مۇز ئۈستىگە چىقىپ كېتىدىغان، كېمىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن مۇزنى بېسىپ پارچىلايدىغان قىلدى. بۇ، دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى «شوپۇر» ناملىق مۇز يارار كېمىدۇر. 1864-يىلى «شوپۇر» ناملىق مۇز يارار كېمە مۇز قاپلىغان فىنلاندىيە قولتۇقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرۈپ، مۇز يېرىپ يۈرۈش تارىخىنى باشلىدى. 

مۇز يارار كېمىنىڭ تۇمشۇقى ئالدىغا يانتۇ بولغاندىن سىرت، گەۋدىسىمۇ كەڭ، قۇرۇلمىسى پۇختا، يەنە مۇز قاتلىمىنى يانجىش ئۈچۈن، ئات كۈچى زور ماتور ھەم كېمىنىڭ تۇمشۇق ۋە قۇيرۇقىنىڭ چۆكۈپ مۇز قاتلىمىنى يانجىشىنى تەڭشەيدىغان قۇۋۋىتى زور پومپا ئورنىتىلغان. 

1959 -يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى «لېنىن» ناملىق يادرو ئېنېرگىيىلىك مۇز يارار كېمىنى ياسىدى. ئۇ «يېقىلغۇ» ئىشلەتمەي، ئۇدا 2 ~3 يىل يۈرەلەيدۇ؛ ئاتوم مۇز يارار كېمىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى زور، كېمە گەۋدىسىدىكى پولات تاختا قېلىنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇز يېرىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغانىدى. 

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كېيىن يەنە «شىمالىي قۇتۇپ» ناملىق دۇنيادا ئەڭ زور ئاتوم مۇز يارار كېمىسىنى ياسىدى، لېكىن يادرو ماتورىنى ياساش تەننەرخى قىممەت، يۈرۈش خىراجىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تەرەققىياتى تېز بولمىدى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#