مېلبۇرنى

مېلىبۇرنى

مېلبۇرنى ئاۋستىرالىيىنىڭ ۋېكتورىيە شىتاتىنىڭ مەركىزى ، ئاۋسترالىيەنىڭ سېدنىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر ، ئاۋسترالىيەنىڭ مەدەنىيەت ، سانائەت مەركىزى ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك شەھەر .

ئىسمى مېلبۇرنى
ئىنگىلىسچە ئىسمى Melbourne
مەمۇرى رايون تۈرى مەركىزى شەھەر
نوپۇسى 2 مىليون 600 دىن ئاشىدۇ
خەنزۇچە نامى 墨尔本
تەۋەلىكى ئاۋستىرالىيە
يەر مەيدانى 800 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ مەركىزى، ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنې شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر، ئەڭ چوڭ پورتنىڭ بىرى. مېلبۇرن شەھىرى فىلىپ قولتۇقىغا قويۇلىدىغان ياررا دەريا ئاغزىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 600 دىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەرنى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى «شىن جىڭشەن يېڭى ئالتۇن تاغ» دەپ ئاتايدۇ.

1835 - يىلى بۇرۇن مېلبورنىدا ئاساسەن ھېچكىم ئولتۇراقلاشمىغان . 1840 - يىلى ، مېلبورنى ئاۋاتلىشىشقا باشلىغان نوپۇسى ئون مىڭ ئادەم . 1851 - يىلى ، مېلبورن ئالتۇن كان بارلىقىنى بايقالغاندىن كىيىن نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ( ئاساسلىقى ئامېرىكىلىقلار ) مېلبۇرن ئالتۇن چايقاش ئۈچۈن كەلگەن يەنە نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئىشچىلارمۇ بار  . ئالتۇن چايقاش قىزغىنلىقى يۇقۇرلىشىشقا ئەگىشىپ ، نوپۇس تېز ئاشتى ھەمدە تەدرىجىي بىر باي چوڭ شەھەرگە ئايلاندى . شۇڭا مېلبۇرنى يەنە جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن يېڭى ئالتۇن تاغ دەپ ئاتىلىدۇ ، ھازىرغا قەدەر شۇ جايدىكى يەنە نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئاچقان مەكتەپلەر بولۇپ ، ماگىزىن ، شىركەت نامى قاتارلىقلارغا 新金山 دىگەن نامنى ئىشلىتىدۇ (يېڭى ئالتۇن تاغ دىگەن مەنىدە ) . چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مەنچىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى لى گىنومون « شەرققە يۈرۈش خاتىرىسى » دە تىلغا ئېلىشچە ، جۇڭگودىن باشقا ئىككىنجى جۇڭگولۇقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ، ئامېرىكا سان فىرانسىسكو ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبورنى شەھىرى دىيىلگەن .

دېڭىز ساھىلى

  ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان ئايدا ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس ، ئەڭ تۆۋەن ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 14 سېلسىيە گىرادۇس ، ئەڭ سوغۇق بولىدىغان ئايدىكى 3 سېلسىيە گىرادۇسدىن  15 - سېلسىيە گىرادۇس قىچە ، يىل بويى كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ ، مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز - ئوكيان كىلىماتىغا تەۋە . قاراپ تۇرغان سۇبتروپىك بەلباغنىڭ ئۆتكۈنچى بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ ، ياز پەسلىدە ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيەگە يىتىدۇ . يازدا كىشىلەر دېڭىز ياقىسىغا بېرىپ سۇغا چۈمۈلىشىدۇ ، ئىسسىق يازدا ، كۈندۈزلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سىلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ .

شەھەر

مېلبورنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مەركىزى بولغان شەھەرلەرنىڭ بىرى . كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى شىركەتلەرنىڭ باش شىتابى مېلبورنىغا جايلاشقان . 

مېلبۇرنى  ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم سانائەت بازىسى ، سىدنېي بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، سانائەت بىر قەدەر روناق تاپقان ، سانائەت زامانىۋىلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ، سانائەت بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان ، ئېغىر تىپتىكى سانائەت ئۇرۇنلىرى ئاساسلىقى توقۇمچىلىق ، قەغەز ، ئېلېكترون ، خىمىيە سانائىتى ، مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەتلىرى بار ، ئاپتوموبىل ، كىيىم - كېچەك ، يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى روناق تاپقان . مېلبورىنغا بارىدىغان سودا ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى ، قاتناش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان . 

ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم سانائەت، سودا ۋە قاتناش مەركىزى. شەھەردە ئېغىز ماشىنىسازلىق، ئاپتونوبىل ئىشلەپچىقىرىش، ئايروپىلان يااش، نېفىت ئايرىش، قوغۇشۇن تاۋلاش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى تەرەققىي قىلغان. مېلبۇرن پورتىنىڭ 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پاراخوت توختايدىغان پرىستانلىرى بار، ئۇ مۇھىم خەلقئارا سودا پورتى. بۇ جاي ئارقىلىق ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونلىرىدىكى قوي يۇڭى، گۆجش، مېۋە، ئاشلىق قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە 1853-يىلى قۇرۇلغان مېلبۇرن داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، خان جەمەتى ئۆسۈملۈك باغچىسى، دېڭىز قىرغاقلىرىدا نۇرغۇنلىغان دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار. 

مېلبۇرنى خان جەمەتى ئۆسۈملۈك باغچىسى

خان جەمەتى ئۆسۈملۈك باغچىسى 1845 - يىلى ياسالغان ، ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ كۆلىمى 40 گېكتار شەھەر مەركىزى جەنۇبىدىن تەخمىنەن 5 كىلومېتر كىلىدۇ . باغچىدا  19 - ئەسىردىكى باغ - ئورمان سەنئىتى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ، ئىچىدە نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئاۋسترالىيە يەرلىك خاس ئۆسۈملۈكلەر بار ، ئالدىنقى ئەسىردىكى ئىمارەت ۋە قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئاجايىپ - غارايىپ ئۆسۈملۈكلەر 30 مىڭ خىلدىن ئارتۇق يىغىلغان بولۇپ ، دۇنيا بويىچە لايىھىسى ئەڭ ياخشى ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ بىرى .

مېلبۇرندا خان جەمەتى كۆرگەزمىخانىسى

مېلبۇرندا خان جەمەتى كۆرگەزمىخانىسى 1880 - يىلى ياسالغان 1880 - 1881 - يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ يىغىن مەيدانىغا ، مېلبۇرنى كۆرگەزمىخانىسى تۇنۇشتۇرۇلغان نام چىقارغان ۋە شۇ يىلى 8 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا 1 مىليون 300 مىڭ نەپەر ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالغان . 1888 - يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ، كۆچمەنلەر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش سانىدىن تېخىمۇ كۆپ بولغان. 2004 - يىلى 6-ئايدا ، مېلبۇرندا خان جەمەتى كۆرگەزمىخانىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن  ، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ مىراسلىرى  ھازىرغىچە بىردىنبىر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ، بۇنىڭدەك  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس .

كونا پارلامنېت

كونا پارلامېنت 1856 - يىلى ياسالغان ، —  ۋېكتورىيە ئۆلكىسىنىڭ ھازىرقى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ، بىناكارلىق ھەشەمەتلىك ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە . كونا پارلامېنت جايلاشقان جاي مېلبۇرندا نىكاھ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇرنى يىراق بولمىغان بىر كوچىدا ، دائىم توي قىلغان ئەر - ئايال ۋە توي مۇراسىمىغا قاتناشقان مېھمانلار بۇ يەردە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدۇ . 

پىنگىۋىن ئارىلى

پىنگىۋىن ئارىلى فىلىپ مېلبۇرنى  شەرقىي جەنۇب 124 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز ئارىلى جايلاشقان ، بىر تەبىئىي ھايۋانلارنى قوغداش رايونى بۇلۇپ  ، ئەتىۋارلىق قۇشلار ۋە ئاجايىپ ھايۋانلار ۋە غەلىتە ئۇماق ھايۋانلار بار ، بۇلۇپمۇ بۇجايدا نۇرغۇنلىغان پىنگۋىنلار بار ، مېلبۇرنىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان ساياھەت ئۇرۇنىنىڭ بىرى يپىنگۋىن ئارىلى، مېلبۇرن زىيارەت قىلغاندا چەتئەلىك ساياھەتچىلەر چوقۇم باردىغان چىرايلىق جاي  ، ئۇ يەردە  نۇرغۇنلىغان چوڭ -كىچىك پىنگۋىنلار بۇلۇپ يېتىلگەن پىنگىۋىنلار بويى ئېگىزلىكى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر .


موناش ئۇنىۋېرسىتېتى ( University ) ئاۋىسترالىيە بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىرى ، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ، ئاۋسترالىيە بەش يۇلتۇزلۇق ئالىي مەكتەپ بولۇپ باھالانغان . سەككىز چوڭ داڭلىق مەكتەپنىڭ بىرى .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#