مائىن ئارىلى

مائىن ئارىلى ئاپتونومىيىسىنىڭ بايرىقى

غەربىي ياۋروپادىكى ئەنگلىيە بىلەن ئېرلاندىيە ئارىلىقىدىكى ئېرلاندىيە دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئارال.

نامى مائىن ئارىلى
دۆلىتى ئەنگلىيە
نوپۇسى 80,058 (2006-يىلى)
خەنزۇچە نامى 英属马恩岛
يەر مەيدانى 572 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Isle of Man

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مائىن ئارىلىغەربىي ياۋروپادىكى ئەنگلىيە بىلەن ئېرلاندىيە ئارىلىقىدىكى ئېرلاندىيە دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئارال. بۇ ئاراللار 1828-يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ھازىر ئەنگلىيىگە قاراشلىق بىر ئاپتونومىيە بولۇپ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 572 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئارالنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تاغلىقنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 620 مېتىر، ئارالنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا بولغان ئۇزۇنلۇقى 48 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. مائىن ئارىلىنىڭ ئاھالىسى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ. 

مائىن ئارىلىمائىن ئارىلى ئاپتونومىيىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا بايرىقى، قانۇنى، پوچتا ماركىسى، پۇلى بار. ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن دىپلوماتىيىسىنى ئەنگلىيە باشقۇرىدۇ. مائىن ئارىلىدىكى ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 7-ئايدا ئۈستى ئوچۇق مەيداندا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. گراژدانلار يىغىنغا قاتنىشىپ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن ىەۋەردار بولىدۇ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ. مائىن ئاراللىرى كىچىك بولسىمۇ قوغۇشۇن، سىنك، مىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. ئارالنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ياخشى، شۇڭا ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئارالدا 700 دىن ئوشۇق مېھمانخانا، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار. ئارالدا ھەممە كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پۇلسىز داۋالاش يولغا قويۇلغان. قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى كىشىگە بىردىن كىچىك ماشىنا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي كىرىمى ساياھەتچىلىكتىن بولىدۇ. بىر قىسىم خەلق ئاشلىق زىرائەتلىرى، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي بىلەن سۈتلۈك كالا ئاساس قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#