5.12 ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتى

5.12 ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتى

5.12 ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتى 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى (دۈشەنبە) سائەت 14 تىن 28 مىنۇت 04 سىكونت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ سانلىق ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى 8 بال بولغان. جۇڭگونىڭ يېرىمى دېگۈدەك رايونلار، شىمالدا لياۋنىڭ، شەرقتە شاڭخەي ، جەنۇبتا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تايلاند، ۋىيتنام، غەربتە پاكىستانغىچە بولغان رايونلار تەۋرىنىشنىڭ تەسىرىنى ھىس قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى 5.12 ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتى
ۋاقتى 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى
كوردىناتى شىمالىي كەڭلىك 31.01 شەرقىي ئۇزۇنلۇق 103.42
ئۈلۈش-يارلىنىش 69227 ئادەم قازا قىلغان، 374643 يارىلانغان، 17923 ئادەم يوقاپ كەتكەن
ئىقتىسادىي زىيان 845.215 مىليارد
خەنزۇچە ئاتىلىشى 5·12 汶川地震
ئورنى سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېنچۈەن ناھىيەسى
دەرىجىسى 8 بال
داۋاملاشقان ۋاقتى 2 مىنۇت
ئېنگلىزچە ئاتىلىشى 2008 Sichuan earthquake

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

5.12 ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتى2008-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى (دۈشەنبە) سائەت 14 تىن 28 مىنۇت 04 سىكونت ئۆتكەندە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىچۈەن  ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋېنچۈەن ناھىيەسى دە يۈز بەرگەن، يەر تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 31.01 شەرقىي ئۇزۇنلۇق 103.42 ، بىۋاستە ئىقتىسادي زىيان 845.215 مىليارد يۈەن بولغان .








ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايونلار

ۋېنچۈەن ناھىيەسى

ماۋشيەن ناھىيەسى

بېيچۈەن ناھىيەسى

ئەنشيەن ناھىيەسى

پىڭۋۇ ناھىيەسى

ميەنجۇ شەھىرى

شىفاڭ شەھىرى

دۇجياڭيەن شەھىرى

پېڭجۇ شەھىرى

چىڭچۈەن ناھىيەسى

قاتارلىق ناھىيە شەھەرلەردە ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان ، بۇندىن باشقا يەنە 41 نەھىيە شەھەردە ئاپەت ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر،

 186 ناھىيە شەھەردە ئاپەت ئەھۋالى يىنىكرەك بولغان.

خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 10:00 دا ئېلان قىلغان سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا ، سىتاتىسكا ئېلان قىلىنغان ۋاقىتقىچە 69227 ئادەم قازا قىلغان، 374643 يارىلانغان، 17923 ئادەم يوقاپ كەتكەن . سىتاتىسكا ئېلان قىلىنغان ۋاقىتقىچە قوتقۇزىۋېلىنغان، يۆتكەلگەن ئادەم سانى 1,486,407 بولغان .

2008-يىلى 10-ئايدىن 2010-يىلى 9-ئايغىچە قايتا قۇرۇش تۈرىنىڭ 85.2 پىرسەنتى پۈتۈپ ، مەركەزنىڭ 3يىلدا قايتا قۇرۇپ چىقىش،

2 يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش دېگەن نىشان ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما يېڭى ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىردى، ئاممىۋى 

ئۇل-ئەسلىھەلەر بۇرۇنقىدىن ياخشىلاندى.

2009يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى «ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپەتنى ئازايتىش كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#