مۇستېلا ئاغمىخىنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مۇستېلا ئاغمىخىنى ئاغمىخانلار ئائىلىسى ئاغمىخان ئۇرۇقدىشىدىن بولغان كىچىك يۇڭلۇق ھايۋان، تېنى سېرىق ئاغمىخانغا ئوخشاپ كېتىدۇ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30-45 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 11-20 سانتىمېتىر. تۇمشۇقى دىقماق، بوينى سەل يوغان، پۇتى قىسقا بۇلۇپ، ئالدى پۇتى ئارىسىدىكى تۈكلىرى قىسقا، دۈمبىسىنىڭ تۈكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە سەل ئەگرى، قۇيرۇقى سەل چۇۋالچاق، بەدەننىڭ يان تەرىپى سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.
باش سۆڭىكى
مۇستېلا ئاغمىخىنىباش سۆڭىكى سەل ياپىلاق ھەم كەڭ بولۇپ، چوڭ ھەم مۇستەھكەم. تۇمشۇقى قىسقا ۋە كەڭ، چاسا شەكىلدە. بۇرۇن سۆڭىكى تار ھەم ئۇزۇن، بېشى ئۇچلۇق سوقىچاقراق. چاناق ئارقىسى ئۆسۈكچىسى يوغان، قوپال، چاناق ئارىلىق قىسمى روشەن، سترېلكىسىمان قىر ۋە ئاچا پۇتلۇق قىرى روشەن، ئىلمەك ئۆسۈكچە سۆڭىكى كۆرۈنەرلىك. مەڭزى يايسى كۈچلۈك بولۇپ، تاڭلاي سۆڭىكى كەڭرەك، قاناتلىق ئارىلىق تۆشۈكى ئالدى ئۇچى يۇمىلاق. ئاستىنقى جېغى تۆۋەن گىرۋىكى تۈز، تەكشى.
چىشى
چىشى: 34 = 3.1.3.1/3.1.3.2 شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. ئۈستۈنكى چىشىنىڭ بىر قاتار تۇرغان بۇلۇپ، ئارقا تەرىپى قىيپاش چاسا. قوزۇق چىشى ئۇچلۇق ھەم ئۇزۇن، مەسىلەن: 1-ئالدى ئېزىق چىشى قىيپاش بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن گىرۋەكلىرى ئىچىگە قايرىلىپ، ئىككىنچى ئېزىق چىشى سەل تېپىلغان يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. كەسكۈر چىشى كەڭ، گىرۋىكى سىرتقى قىسمى چوڭ ، ئىچىدە قىسمى سەل كىچىك، چىش تاجى سەل-پەل ئېلپىسسىمان بولۇپ، چوققا شەكلىدە، لېكىن ئۇرۇنما گىرۋەكلىرى بىر قەدەر گال بولىدۇ. ئېزىق چىشى توغرىسىغا يېرىلىدۇ، سىرتقى قىسمى سەل يۇقىرى، ئىككى كىچىك ئۇچلۇق، ئىچكى قىسمى بىر قەدەر تۆۋەن، پەقەت بىر كىچىك ئۇچلۇق ئۇچى بار.
ئۇيغۇرچە نامى | خەنزۇچە نامى | لاتىنچە نامى | |
1. | مۇستېلا ئاغمىخىنى چىفېڭ كەنجى تۈرى | 艾鼬赤峰亚种 | Mustela eversmanni admirata |
2. | مۇستېلا ئاغمىخىنى شەرقىي شىمال كەنجى تۈرى | 艾鼬东北亚种 | Mustela eversmanni dauricus |
3. | مۇستېلا ئاغمىخىنى شىزاڭ كەنجى تۈرى | 艾鼬西藏亚种 | Mustela eversmanni larvatus |
4. | مۇستېلا ئاغمىخىنى شىمالىي شىنجاڭ كەنجى تۈرى | 艾鼬北疆亚种 | Mustela eversmanni michnoi |
5. | مۇستېلا ئاغمىخىنى جىڭنىڭ كەنجى تۈرى | 艾鼬静宁亚种 | Mustela eversmanni tiarata |
مۇستېلا ئاغمىخىنى دېڭىز يۈزىدىن 300 مېتىر تۆۋەن كەڭ تاغلىق، ئوتلاق، ئورمانلىق، چاتقاللىق ۋە كەنت ئەتراپلىرىغا تارقالغان بۇلۇپ شۇنداق جايلارنى ماكان قىلىپ ياشايدۇ. قاش قارايغاندا ۋە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاساسلىقى چاشقان تىپلىق غاجىلىغۇچى ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ۋەھشىي، ھەرىكىتى چاققان كېلىدۇ. سۇ ئۈزۈش ۋە قىرغا يامىشىشقا ماھىر. كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئاساسلىقى چاچقان قاتارلىق غاجىلىغۇچى ھايۋانلار بىلەن شۇنداقلا قۇشلار، قۇش تۇخۇمى، بېلىجان، قوش ماكانلىقلار، قاسراقلىق ھايۋانلار ھەمدە بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى، قاتتىق شاكاللىق مېۋە دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئوزۇقلىنىدۇ.
مۇستېلا ئاغمىخىنى چاشقاننىڭ كۈشەندىسى بۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك، كۆپ چارۋىچىلىق رايونىلىرىدا چاشقان ئاپىتىنى تىزگىنلەش جەھەتتە ناھايىتى زور پايدىسى بار.
مۇستېلا ئاغمىخىنىمۇستېلا ئاغمىخىنى ھەر يىلى 2 __ 3-ئايلاردا كۈيلەپ جۈپلىشىدۇ. ئۆزى ئۆڭكۈردىن ئۇۋا قېزىپ ۋە چاشقان، سۇغۇر قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى كولاپ ئۇۋا ياسايدۇ. بوغاز بولۇش مەزگىلى 35-40 كۈن. ئادەتتە 4-5 ئايلاردا تۇغىدۇ. ھەر قېتىمدا 3-5 نى تۇغىدۇ. 40-45 كۈن ئېمىتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ بەدىنىدە شالاڭ تىۋىتلىق تۈكى بار، كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان. 2 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ مۇستەقىل ياشايدۇ. 9 ئايلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ.
مۇستېلا ئاغمىخىنىجۇڭگو دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى 2000-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى «دۆلەت قوغدايدىغان پايدىلىق ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەتكە، ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار نامى مۇندەرىجىسى دە ئېلان قىلغان.
"دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى« 2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكگە كىرگۈزۈلگەن. ver 3.1 ____ خەتىرى تۆۋەن (LC). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.