كەتمەن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كەتمەن - تۆمۈر قاتارلىق مېتاللاردىن ياسىلىدىغان، يۈزى چوڭ ۋە يۇمىلاق، ئارقا تەرىپىگە دەستە بېكىتىش ئۈچۈن كوزا چىقىرىلغان، يەر چېپىش سايمىنى.
كەتمەن يۈزى، كەتمەن بىسى، كەتمەن چولدىسى، كەتمەن كوزىسى ۋە كەتمەن دەستىسىدىن ئىبارەت تەركىبلەردىن تۈزۈلىدۇ. كەتمەنلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىكى ئىشلىتىش ئورنى ۋە رولى ناھايىتى مۇھىم.
كەتمەن خەلقىمىزنىڭ چەبدەسلىك ۋە ئەمگەكچانلىق روھىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «كېلىدىكەن يىراق كەتكەنلەر، كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر»، «كەتمەننى مەن چاپسام، يېتىپ يەيدۇ خېيموزا»، «قىزىل گۈلۈم قات-قات ئېچىل، ياڭزاڭنى كۆرسەت. يىگىت بولساڭ كەتمەن ئېلىپ، بىڭساڭنى كۆرسەت»، «دولاڭدىكى كەتمەنمۇ، ئۇچاڭدىكى چەكمەنمۇ، ناخشا ئېيتسام يىغلايسەن، سەنمۇ مەندەك دەرتمەنمۇ؟» دېگەندەك ماقال ۋە قوشاقلارمۇ كەڭ تارقالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.