لومپا يېزىسى
لومپا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 8.7 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لومپا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 8.7 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي شەھەر ئەتراپى بازار يېزىسى، شەرقىي شىمال بىلەن چولپان يېزىسى، جەنۇب تەرىپى ئۇچا يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي ئەگۈس يېزىسى، شىمالىي تەرىپىئاقتۇ ناھىيەلىرى بىلەن چېگىرلىشىدۇ. يەر شەكلى شەرقىي شىمالىي پەس، غەربىي جەنۇب يۇقىرى بولۇپ، يانتۇ يەر يۈزى، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 440 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى پۈتۈن يېزىدا 1336 ئائىلە، 6163 ئادەم، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 5926 ئادەم، غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 237؛ ئۇيغۇرلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان مىللىي يېزا بۇلۇپ، يەنە خەنزۇ، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرمۇ بار.
مىنگونىڭ 2-يىلى (1913-يىلى)، لومپا بىلەن چولپان — يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ بىر رايونى بۇلۇپ، 1950-يىلى لومپا بىر يېزا بولغاب، 1958-يىلى لومپا گۇڭشې قۇرۇلغان. 1966-يىلى نامىنى ئىتتىپاق گۇڭشېسى قىلىپ ئۆزگەرىتكەن. 1978-يىلى يەنە لومپا گۇڭشې قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1984-يىلى لومپا يېزىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
1998-يىلى يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 11 مىليون 163 مىڭ 200 يۈەن (1990-يىلىدىكى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلانغان)، تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمى 22797 مو، ئاشلىق كۆلىمى 15700 مو (بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمە يەر 500 مو)، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 4430 توننا، يىلىدىكىدىن %4.2 ئاشقان؛ كېۋەز كۆلىمى 10 مىڭ مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 511 توننا، يىلىدىكىدىن %6.5 ئاشقان؛ يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋىلارىن 19340 تۇياق. ئورمان كۆلىمى 614.4 گېكتار، يىللىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 54.4 گېكتار كۆچەت يېتىشتۈرۈلگەن.
يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى 370 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن پايدا يەتكۈزگەن، 37 كارخانا، كەسىپكارى 75 ئادەم. 17 دانە ھەر خىل تىپتىكى تىراكتور، يۈرۈشلەشكەن ماشىنىلارنىڭ 23.
لومپا يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيەلىرى بولسا: بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، يەتتە سىنىپ، ئوقۇتقۇچى 19 نەپەر، ئوقۇ[0]غۇچى 283 نەپەر؛ 4 باشلانغۇچ مەكتەپ، 41 سىنىپ، ئوقۇتقۇچى 38 نەپەر، ئوقۇغۇچى 1306 نەپەر. بىر شىپاخانا، تىببىي خادىملار 16 نەپەر، كېسەل كارىۋىتى ئالتە خىل. كىنو قويۇش ئەترىتى، مەدەنىيەت پونكىتى، تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسى بار بۇلۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن يېڭىلانغان. كەنت تاشيولى 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. 12 ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىلغان.
1998-يىلى خەلقنىڭ تۇرمۇشى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 775.54 كىلوگرام، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 656 يۈەنگە يەتكەن. دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھەر خىل ئاپتوموبىللىرى 13 كە، ھەرخىل تىپتىكى تېرەكتۇرلار 78 گە، يۈرۈشلەشكەن ماشىنىلارنىڭ سانى 39 دانە، يېزا قاتناش پروگرامما ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان تېلېفونلار ئورنۇتۇلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.