«ئۆلۈم مېنىڭ ئاۋازىمنى جىمىقتۇرغاندا، ناخشام سېنىڭ جۇشقۇن قەلبىڭدە ھامان ياڭراپ تۇرىدۇ.» بۇ نۇرغۇن دۆلەتلەر «شېئىر پىرى» دەپ ئاتىغان ھىندىستان شائىرى تاگور (1861 -1941-يىللار) نىڭ بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆزى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ھىندىستاندا ھەممە كىشى بىلىدۇ، تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ھىندىستان خەلقى ئارىسىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تاگور
باشقا نامى رابىندرانات تاگور
تۇغۇلغان ۋاقتى 1861-يىل
كەسپى شائىر ، پەيلاسوپ
مۇھىم نەتىجىسى 1913 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
خەنزۇچە ئىسمى 拉宾德拉纳特 ·泰戈尔
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1941-يىل
چەتئەلچە نامى Rabindranath Tagore

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 تاگور كالكوتتادىكى بىر باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ۋاقتىدىلا ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ھەۋەس قىلغان، 14 ياش ۋاقتىدا ۋەتەنپەرۋەر شېئىرى «ھىندى مۇرىتلىرىنىڭ بۇتخانا سەيلىسىگە بېغىشلايمەن» نى ئېلان قىلغان. 1878-يىلى ئەنگلىيەگە بېرىپ ئوقۇغان، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەخسۇس ئەدەبىيات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 

تاگور ئۆمرىدە 60 نەچچە يىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 50 نەچچە پارچە شېئىر توپلىمى، 12 پوۋېست، رومان، 108 پارچە ھېكايە، 20 نەچچە پارچە سەھنە ئەسىرى يازغان. ئۇ يەنە ئەدەبىيات، پەلسەپە، سىياسىيغا ئائىت نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەر يازغان، 1500 پارچە رەسىم ئىجاد قىلغان، نۇرغۇن ناخشا-مۇزىكا يازغان.

 تاگورنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى رېئال تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە زىچ باغلانغان، ئۇ قويۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى پۇرىقىغا ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە. «شېئىرىي چۆچەك» ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شېئىر ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ماتېرىيالى خەلق چۆچەكلىرى ۋە دىنىي، تارىخىي رىۋايەتلەردىن ئېلىنغان بولۇپ، ھىندىستان خەلقىنىڭ مىللىي غۇرۇرى ۋە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ھىندىستان خەلقىنىڭ نامۇۋاپىق تەبىقىچىلىك تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش تەلىپى ۋە فېئوداللىق ئېزىلىشكە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسىرى «ئىككى مو يەر» ، بۇ ئەسەرنى ئۇ1894-يىلى يېزىپ، ھىندىستاندىكى فېئودال پومېشچىكلارنىڭ سوت بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دېھقانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان، ئەزگەن ئىجتىمائىي رېئاللىقنى پاش قىلغان، ئاپتورنىڭ نامرات دېھقانلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىقى ئىپادىلەنگەن. 

تاگورنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىۋى خاھىشىغا ئىگە بولۇپ، ھىندىستان خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغاش، مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى ئويغىتىش، نامۇۋاپىق ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

تاگورنىڭ ھېكايىلىرىمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئوخشاشلا ئېنىق مۇھەببەت-نەپرەت بىلەن ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن زور مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ ئەدەبىيات تارىخىدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان. 

20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «گىتەنجالى»، «ھىلال ئاي»، «باغۋەن»، «قۇشلار» قاتارلىق توپلاملارنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «گىتەنجالى» 1913-يىلى ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن، ئۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى شەرق يازغۇچىسى بولۇپ قالدى.

 تاگور جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 1915-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگوغا كىرگەن، 1923-يىلى ئۇ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئەدەبىياتىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئۇ فاشىزمنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئەيىبلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى كۈرىشىنى قوللىغان .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/link?urlfAqK6K

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#