GOOGLE

  زامانىۋى شىركەتلەر قاتارىدىكى مۆجىزە دەپ نام ئالغان گۇگىل شىركىتى (Google Inc) ئەسلى كالىفورنىيەدىكى ستانفورد ئۇنۋېرىستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئىككى دوكتۇر ئاسپىرانتى -يەھۇدى ئوقۇغۇچى لارى پېيج (Larry Page ) ۋە سېرگېي برىن(Sergey Brin)لارنىڭ 1996-يىلى يانۋاردىكى بىر تەتقىقات تۈرى ئاساسىدا 1998-يىلى 27-سېنتەبىر كىرىمنى جىلغىسدا قۇرۇلغان .

ئۇيغۇرچە نامى گوگىل شىركىتى
شىركەت تىپى تور تېخنىكا
باش شىتابى كىرىمنى جىلغىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1998-يىلى 27-سېنتەبىر
پاي چېكى بازىرىدىكى بەلگىسى GOOG
خەنزۇچە نامى 谷歌
كەسپ تەۋەلىكى تور تېخنىكىسى
قۇرغۇچىسى لارى پېيج (Larry Page) ۋە سېرگېي برىن(Sergey Brin)
توربېكىتى http://www.google.com/

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوگىل شىركىتىزامانىۋى شىركەتلەر قاتارىدىكى مۆجىزە دەپ نام ئالغان گۇگىل شىركىتى (Google Inc) ئەسلى كالىفورنىيەدىكى ستانفورد ئۇنۋېرىستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئىككى دوكتۇر ئاسپىرانتى -يەھۇدى ئوقۇغۇچى لارى پېيج (Larry Page ) ۋە سېرگېي برىن(Sergey Brin)لارنىڭ 1996-يىلى يانۋاردىكى بىر تەتقىقات تۈرى ئاساسىدا 1998-يىلى 27-سېنتەبىر كىرىمنى جىلغىسدا قۇرۇلغان .

شان-شەرەپلىرى

    قۇرۇلغىنىغا نەچچە يۈز يىل بولغان دۇنياۋى كۈچلۈك شىركەتلەرنىڭ ئەكسىچە قۇرۇلغىنىغا 10 يىلمۇ بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە گوگىلنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ گوگىل بېتىنىڭ زىيارەتچى سانى تۈز سىزىق شەكلىدە ئۆرلەپ كۈندىلىك زىيارەتچى 300مىلىيۇن قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.  شىركىتىنىڭ مەبلىغى 10مىليارت دوللارغا يەتتى، گوگىل تور نامىمۇ 122دۆلەت ۋە رايوندا تىزىمغا ئېلىنىپ دۇنيادىكى ئالدىنقى 3-ئورۇندا تۇرىدىغان تور بېكەتكە ئايلىنىش بىلەن بىرگە، گوگىل شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى Intel ۋە  IBM دىن ھالقىپ ئۆتۈپ دۇنيادىكى ئەڭ ياش ۋە ئەڭ چوڭ تېخنىكا شىركەتلەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 

گوگىل شىركىتى   گوگىلنىڭ 2006-يىلىدىكى تىجارەت سوممىسى 6مىلىيارت بىر يۈز مىلىيۇن دوللار، پايدىسى بىر مىلىيارت 400مىلىيۇن دوللار، مەبلىغى 10مىليارت دوللاردىن ھالقىغان بولۇپ دۇنيادىكى مەبلەغ ۋە پايدا نىسبىتىنىڭ پەرقى ئەڭ چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى.

   گوگىل قۇرۇلغان ۋاقىتلاردىكى باشقا مەۋجۇت ئىزدەش موتورلىرى تور بەتلىرىنى مەلۇم ئىزدەنگەن سۆزنىڭ ئاشۇ تور بەتلىرىدىكى ئۇچراش قېتىم سانىغا ئاساسەن دەرىجىگە تۇرغۇزغان بولۇپ، ئىزدەش نەتىجە بەتلىرى مۇشۇ دەرىجىگە ئاساسەن تىزىلاتتى.بۇ ئىككى دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار بۇنداق ئۇسۇلنى ئىلمىي ئەمەس دەپ قارايتتى ۋە تور بەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئانالىز قىلغان ئىزدەش موتورلىرى تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ دەپ قىياس قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ دەسلەپتە ياسىغان ئىزدەش موتورى دەسلەپتە BackRub (دۈمبە قاشلاش) دىگەن لەقەم بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەپ، بۇ سېستىما «ئارقا ئۇلانما» لارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۇ بەتنىڭ مۇھىملىقىنى مولچەرلەيتتى. (باشقا بەتلەردىن مەزكۇر بەتكە كەلگەن ئۇلانما backlink «ئارقا (تەتۈر) ئۇلانما» دەپ ئاتىلىدۇ.)     باشقا ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدىن مەزكۇر بەتلەرگە ئەڭ كۆپ ئۇلانمىسى بار بەتلەرنىڭ ئىزدەشكە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بەتلەر ئىكەنلىگىگە ئىشەنگەن لارى بىلەن سېرگېي بۇ ئويۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش-تەتقىقاتلىرىنىڭ بىر بۆلىكى دەپ قاراپ سىناپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىزدەش موتورىنىڭ ئاساسىنى تىكلەيدۇ.بۇ ئىزدەش موتورى دەسلەپتە google.stanford.edu دەپ ستانفورد ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تور پونكىتىنى ئىشلەتكەن. google.com دىگەن ئادرېس 1997-يىلى 14-سېنتەبىر تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، كېيىن بۇ 1998-يىلى 7-سېنتەبىردە، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ مېنلو پارك شەھرىدىكى بىر دوستىنىڭ ماشىنا قويۇش ئۆيىدە گۇگىل شىركىتى دەپ مەيدانغا چىقىدۇ. يېڭى شىركەت ئۈچۈن توپلانغان دەسلەپكى دەسمى ئاخىرى 1.1 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. بۇ پۇلنىڭ ئىچىدە Sun Microsystems (سان (قۇياش) مىكرو سېستىمىلىرى) شىركىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ يۈز مىڭ دوللار پۇلىمۇ بار ئىدى. ھازىر گوگىلنىڭ بازار قىممىتى يۈز مىليارت دوللاردىن ھالقىش بىلەنلا قالماي يەنە داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ. ئەينى چاغدا مىڭ دوللارغا گوگىلنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغانلار ھازىر مىليادىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

لارى پېيج شىركەت قۇرغۇچىسى  لارى پېيج (Larry Page)  ۋە سېرگېي برىن(Sergey Brin)لارنىڭ ھەر قايسىسى 17مىلىيارت دوللارلىق مال-مۈلكى بىلەن  ئاللىبۇرۇن  دۇنيادىكى 25-باي بولۇپ قالدى .

[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#