مىشا يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. مىشا يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى)
  2. مىشا يېزىسى (پەيزىۋات ناھىيەسى)
يەكەن ناھىيەسى

مىشا يېزىسى

مىشا يېزىسى

مىشا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا-بازار دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن بۇلۇپ، يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا، ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى مىشا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
تېلېفۇن رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 米夏乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىشا يېزىسىمىشا يېزىسى يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا، ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەرقىي ئارال يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ئىشقۇل يېزىسى ئوپا ئۆستەڭ كەنتىنى پاسىل قىلىدۇ، شىمالىي تاغارچى يېزىسى، جەنۇبىي تەرىپى يەكەن ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.5 كىلومېتىر، شەھەر-يېزا تۇتاشقان. يېزا بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە 24 مەمۇرىي كەنت، 112 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، ھازىر بار بولغان دېھقان ئائىلىلىرى 5780 گە، نوپۇسى 31588 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەر 2136ئائىلە، 9573 ئادەم، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 25668 ئادەم، خەنزۇلار 78 ئائىلە، 387نوپۇسى ئادەم.

1981-يىلى 5-ئايدا گۇڭشې ئىنقىلابىي كومىتېتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خەلق گۇڭشېسى باشقۇرۇش كومىتېتى  ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984-گۇڭشې ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، مىشا گۇڭشېسى مىشا يېزا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 

مىشا يېزىلىق پارتكوم جەمىي 44 پارتىيە ياچېيكىسى، 1024 پارتىيە ئەزاسى، 154 نەپەر كەنت كادىرى  بار. ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 53820 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 1.2 مو. 2010-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4220 يۈەن. مىشا يېزىلىق ئورگان ئىشتات ئومۇمىي سانى 61 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە مەمۇرىي شىتاتى 58 بولۇپ، قارا شىتاتلىقتىن ئۈچ ئادەم بار. ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلاردىن 46 كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە مەمۇرىي كادىردىن 41 ئادەم، قارا شتاتلىقتىن  5ئادەم. 

مىشا يېزىسىمىشا يېزىسىغا قاراشلىق 24 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: كېسىمچى كەنتى، تېتىر باغ كەنتى، شامالباغ كەنتى، توغاچ كەنتى، ئاقيەر قۇلغان كەنتى، قەمبەر كەنتى، دۆڭئۆستەڭ كەنتى، چارەك كەنتى، قايماقچى كەنتى، كېپەكخانا كەنتى، توقۇللا كەنتى، قارازاق كەنتى، قوغۇشئېرىق كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى، ئىشلەمچى كەنتى، يالغۇز باغ كەنتى، جىگدەئېرىق كەنتى، ياغاچچىلا كەنتى، ئىنچىكە ئېرىق كەنتى، سىرىغلا كەنتى، قوغۇنچىلا كەنتى، ئارىش كەنتى، چوڭقۇر قىشلاق كەنتى، ئارال قۇلغان كەنتى قاتارلىقلار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#