ماركا
ماركا-تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، ياسىغان، ئىلغىغان ياكى ساتىدىغان تاۋارنىڭ مۇلازىمەت مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ ياكى مۇلازىمەت قىلغۇچىلار ئۆزى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت جەھەتتە قوللىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ماركا
باشقا نامى Trademark
قۇرۇلمىسى خەت، شەكىل، ھەرىپ، سان
خەنزۇچە نامى 商标
مەقسەت تىجارەتچى تاۋار ماركىسى ياكى مۇلازىمەت
ئاددىيلاشتۇرۇلغان نامى TM

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماركاماركا-تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، ياسىغان، ئىلغىغان ياكى ساتىدىغان تاۋارنىڭ مۇلازىمەت مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ ياكى مۇلازىمەت قىلغۇچىلار ئۆزى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت جەھەتتە قوللىنىدۇ. ماركا خەت، شەكىل، ھەرپ، سان، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، ئاۋاز، رەڭ بىرىكتۈرمىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان، ماركىنىڭ بەلگىسى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، زامانىۋى ئىگىلىكنىڭ مەھسۇلى. دۆلەت تەستىقلاپ رويخەتكە ئېلىنغان ماركا قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ماركىدىن   تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بەھرىمەن بولىدۇ، ماركا مۇلازىمىتىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت ھوقۇقى بېرىلگەندە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى قوغدىلىدۇ.

ماركاماركىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تارىختىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەينى ۋاقتلاردا ماركىغا ھۈنەرۋەن ئۆزى ئىمزا قويغان، سەنئەت ئەسەرلىرى ياكى ئەمەلىي مەھسۇلاتلارنىڭ بەلگىسى بېسىلغان، بۇ بەلگە تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ماركىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇلغان. 

ماركاماركا بىر تىجارەتچىنىڭ مۇلازىمەت بەلگىسى. دۆلىتىمىزنىڭ ماركا قانۇنى بەلگىلىمىسىدە ماركا ئىدارىسى تەستىقلاپ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، مۇلازىمەت ماركسى، كوللېكتىپ ماركا، ئىسپاتلىق ماركا قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بەھرىمەن بولىدىغان ماركىنىڭ مەخسۇس ھوقۇقى ۋە مەشھۇر ماركىدىن ھالقىغان تۈردىكى ماركىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ جاۋابى : ماركا مەلۇم تاۋار ياكى مۇلازىمەت، ئېنىق كونكرېت شەخسلەر ياكى كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان، تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ روشەن بەلگىسى. ماركا تۈزۈمى ئىستېمالچىلارنىڭ مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت سېتىۋېلىشغا ياردەم بېرىدۇ، چۈنكى ماركا مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ خاراكتېرى ۋە سۈپىتىگە ئۇيغۇن. 

ماركاماركا بولسا كارخانىنىڭ شەكىلسىز مۈلۈكى ھېساپلىنىدۇ، ماركىنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنىڭ مۇقىم بولغان ھۆكۈمى يوق. ماركا مەبلەغ سېلىش ياكى تىجارەت قىلىش جەريانىدا، مۈلۈك قىممىتى يەنى ماركا مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كاپىتال مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى كاپىتال قىممىتى ئەمەس، بەلكى شان-شەرەپ جەھەتتە ياكى سۇبيېكتىپ جەھەتتە قىممەتكە ئىگە. كۆپ ئۇچرايدىغان ھۆكۈم قىلىش قىممىتى ئادەتتە ماركىنى بىلىش دەرىجىسى، ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ، ماركا كارخانا ئۈچۈن ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئۆلچەش قىممىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. 

ماركاكەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى مۇكاپاتلىنىدۇ، ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، ھەم پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن ئاكتىپ ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ماركىنى قوغداش ناتوغرا رىقابەتچى، ناچار پەرقلەندۈرگۈچى بەلگە ئارقىلىق سېتىش قاتارلىقلارنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئادىل شارائىتتا، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-سېتىلىشى ۋە خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

ماركا-مەھسۇلاتنىڭ ئوراش-بېزەش كۆرۈنۈشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، نەپىس لايىھەلەنگەن، مەنىسى چوڭقۇر، ئۆزگىچە، خاراكتېرى گەۋدىلىك بولغان، مەھسۇلات ۋە ئوراش-قاچلىشى ياخشى بېزەلگەن ماركىلارنى سېتۋېلىشنى ئىستىمالچىلار خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. 

1. ماركا قانۇنى بەلگىلىمىسى بويىچە، تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى ماركا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ : 

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، ئارمىيە بايرىقى، ئوردېنىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋە مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق مۇئەييەن جاينىڭ نامى ياكى سىمۋوللۇق ئىمارەتنىڭ نامى، شەكلىگە ئوخشايدىغان بەلگە؛ 

(2) چەت ئەللەرنىڭ دۆلەت نامى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، ئارمىيە بايرىقىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلەر، ئەمما شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتى قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(3) ھۆكۈمەتلەر ئارا قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نامى، تۇغ بەلگىسىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلەر، لېكىن شۇ تەشكىلات قوشۇلغانلىرى ياكى ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ قويمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ 

(4) ھۆكۈمەتنىڭ بەلگە، تەكشۈرۈش تامغىسىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن ھوقۇق بېرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ 

(5) «قىزىل كرېست»، «قىزىل ھىلال ئاي» نىڭ نامى، بەلگىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىرىنى؛

(6) مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرى بارلىرىنى؛

(7) كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان ھەمدە ئالدامچىلىق خاراكتېرى بارلىرىنى؛ 

(8) سوتسىيالىستىك ئەخلاق ۋە كەيپىياتقا زىيانلىق ياكى باشقا ناچار تەسىرى بارلىرىنى. 

2. ئىشلىتىش ئارقىلىق روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنمىغان ھەم پەرق ئېتىشكە قۇلايلىق بولمىسا، ماركىنى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ : 

(1) ماركىنىڭ ئورتاق نامى، نۇسخا، تىپ نومۇرى؛ 

(2) پەقەت ماركىنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ماتىرىيالى، ئىقتىدارى، رولى، ئېغىرلىقى، سانى، ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدىغان بولۇپ قالسا؛

(3) روشەن ئالاھىدىلىكى بولمىغان بەلگە.

3. كۆپەيتىلگەن، نۇسخىلانغان، تەقلىد قىلىنغان ياكى باشقىلار تەرجىمە قىلغان، جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرمىغان مەشھۇر ماركىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ : 

ماركا نامى قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ 

(1) ئاسان پەرق ئەتكىلى، ئاسان ئوقۇغىلى، ئوڭاي چۈشەنگىلى، ئاسان ئەستە قالدۇرغىلى، ئوڭاي يازغىلى بولدىغان؛ 

(2) ئالاھىدىلىكى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان؛ 

(3) ئىسىم بىلەن بىر گەۋدە بولغان؛

(4) ئىستېمال ئوبيېكتلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى ئويلاشقان؛

(5) نامى، مەنىسى بار بولغان؛ 

ماركا نامىنىڭ تەقلىدىي ئۇسۇلى 

(1) تونۇشتۇرۇش، چۈشەندۈرۈشى شەكلى؛

(2) ئوخشىتىش شەكلى؛

(3) بېشارەت شەكىللىك؛

(4) سىمۋول شەكىللىك؛

(5) ھوقۇق شەكلى؛

ماركا قۇرۇلمىسى

1. يازما ماركا؛

2. شەكىللىك ماركا؛

 شەكىلدىن تۈزۈلگەن ماركا يەنە تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ :

(1) بەلگىلىك ماركا : مەلۇم ئاددىي بەلگە ئارقىلىق تۈزۈلگەن رەسىملىك ماركا؛ 

(2) گېئومېتىرىيىلىك شەكىللىك ماركا : بىر قەدەر ئابستراكت شەكىل ئارقىلىق تۈزۈلگەن ماركا؛

(3) تەبئىي شەككىلىك ماركا : ئادەملەر، ھايۋانات-ئۆسۈملۈك، تەبىئەت مەنزىرىسى قاتارلىق تەبىئىي جىسىم تەسۋىرىنى ئوبيېكت قىلغان ماركا.

3. ھەرپلىك ماركا؛

4. سانلىق ماركا؛

5. ئۈچ ئۆلچەملىك ماركا؛

6. رەڭدىن بىرىكتۈرۈلگەن ماركا؛

7. بىرىكمە ماركا؛

8. ئاۋاز بىرىكتۈرۈلگەن ماركا؛

9. پۇراق بىرىكتۈرۈلگەن ماركا؛

10. ئورۇن ماركىسى؛

1. مال ماركىسى؛

2. مۇلازىمەت ماركىسى؛

3. كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى؛

تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە تۈرگە ئايرىلىشى :

1. تىجارەت ماركىسى؛

2. ئىسپاتلىق ماركا؛

3. دەرىجىلىك ماركا؛

4. گۇرۇپپىلىق ماركا؛

5. ئۇرۇقداش ماركىلار؛

6. زاپاس ماركا؛

7. مۇداپىئە ماركىسى؛

8. بىرلەشمە ماركا؛

دەرىجىسى 

1. ئادەتتىكى ماركا؛

2. شەھەر دەرىجىلىك داڭلىق ماركا؛

3. ئۆلكە دەرىجىلىك داڭلىق ماركا؛

4. مەشھۇر ماركا؛

«ماركا قانۇنى» نىڭ 23-ماددىسىدا، رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولۇپ، تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇش قەرەلى توشۇشتىن ئىلگىرى 12 ئاي بولىدۇ ھەمدە داۋاملىق ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ھەر قېتىملىق كۈچكە ئىگە مۇددىتى يەنىلا 10 يىل بولىدۇ. داۋاملىق ئىشلىتىش قېتىم سانى چەكلەنمەيدۇ. ئەگەر بۇ مۆھلەت ئىچىدە ئىلتىماس سۇنمىسا، ئالتە ئاي ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ. ئەگەر ئازادە مۇددىتى ئىچىدە يەنىلا داۋاملىق ئىشلىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرغان بولسا، ماركا ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىشى كېرەك. 

1. يەككە تىجارەتچىلەر «يەككە سودا-سانائەتچىلەر تىجارەت كىنىشكىسى» نى تىزىمغا ئالدۇرغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نامىدا ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، يەنى ئۈستىدە تىزىملاش كىنىشكىسى بولىدۇ. مەسئۇل كىشى نامىدا ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. مەسئۇل كىشىنىڭ نامى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك : 

(1) مەسئۇل كىشىنىڭ كىملىكى؛ 

(2) تىجارەت كىنىشكىسى.

2. شېرىكلەشكەن شەخسلەر ئۆزىنىڭ «تىجارەت كېنىشكىسى» نى تىزىملىتىشقا بولىدۇ، ھۆججەت تىزىملاتقان دۇكان نامى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگانلارغا تىزىملىتىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى بارلىق شېرىكلەشكۈچىلەر نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. بارلىق شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ نامىدا كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك : 

(1) شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ كىملىكى؛ 

(2) تىجارەت كىنىشكىسى؛

 (3) شېرىكلىك كېلىشىمى.

3. يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ھۆددە توختامىنى كېلىشىم تۈزسە بولىدۇ ياكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر نامىدا كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك : 

(1) كېلىشىم تۈزگۈچىنىڭ كىملىكى؛

(2) ھۆددىگە ئېلىش توختامى. 

4. باشقا قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالغان تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبىئىي شەخسلەر ئۆزىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى ئورگان تارقاتقان تىزىملاش ھۆججىتىدە بېسىلغان تىجارەتچى نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك :

(1) باشقۇرغۇچى كىملىكى؛

(2) ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى ئورگان تارقاتقان تىزىملاش ھۆججىتى.

5. تەبىئىي شەخسنىڭ ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى چوقۇم ئۆزىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ياكى مۇناسىۋەتلىك تىزىملاش ھۆججىتى تەستىقلانغان تىجارەت دائىرىسى بىلەن چەكلىنىدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ. 

6. «ماركا قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىغا قارىتا، رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى ماركا ئىدارىسى قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرىدۇ. 

ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى

1. تىزىمغا ئالدۇرۇش تەييارلىقى؛

2. ماتېرىيال تەييارلاش؛

3. ئىلتىماس قىلىشنى باشلاش؛

4. تاۋار ۋە مۇلازىمەت تۈرى بويىچە ئىلتىماس قىلىش؛ 

5. ئىلتىماس قىلىش كۈنىنى بېكىتىش؛ 

6. ماركىنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش؛ 

7. ماركىنى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار؛ 

ماركا نامى ۋە ماركا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولىدۇ، ماركا نامى ماركىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ياكى بىر مەزمۇنى بولالايدۇ، لېكىن بەزىدە ماركا ۋە ماركا نامى، رولى ۋە خاراكتېرى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى مۇنداق : 

1. ماركا ئاساسلىقى تاۋارنىڭ ئىناۋىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ماركا ھوقۇقى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا تەۋە.

2. ماركا «ماركا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە رويخەتكە ئېلىش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇنىڭ مەخسۇس ھوقۇقى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كۈچكە ئىگە ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئۈنۈمى بار.

3. دۆلىتىمىزدە، ماركا ھوقۇقى مەخسۇس ماركا قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ؛ 

1. بىر دۆلەتنىڭ ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش؛ 

2. ياۋروپا ئىتتىپاقى ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش؛

3. مادرىد ماركىسنى رويخەتكە ئالدۇرۇش؛

4. ئافرىقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش؛ [0]

 

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#