بور

بور ئاتوم قۇرۇلمىسى نەزەرىيەسىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. بور 1885 يىلى كوپېتھاگېندا تۇغۇلۇپ، 1911 يىلى كوپېتھاگېنئۇنىۋېرسىتېتىدە فېزىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن كېمبىد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئېلېكتروننى كەشپ قىلغان ئەنگلىيە لىك ئالىم تومۇننىڭ رەھبەرلىىكىدىكى تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بور
باشقا نامى Niels Henrik David Bohr
تۇغۇلغان ۋاقتى 1885-يىلى
كەسپى فىزىكا ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 尼尔斯·亨利克·戴维·玻尔
دۆلەت تەۋەلىكى دانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1962-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوربور ئاتوم قۇرۇلمىسى نەزەرىيەسىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. بور 1885 يىلى كوپېتھاگېندا تۇغۇلۇپ، 1911 يىلى كوپېتھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدە فېزىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن كېمبىد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئېلېكتروننى كەشپ قىلغان ئەنگلىيە لىك ئالىم تومۇننىڭ رەھبەرلىىكىدىكى تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇزۇن ئۆتمەي مانچىستېرغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئاتوم يادروسىنى كەشىپ قىلغان رۇسېرفورد بىلەن بىللە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. رۇسېرفورد (ئىلگىرىكىسگە ئوخشمايدىغان قارىشى) ئاتومنىڭ ناھايىتى زىچ بولغان مۇسبەت ئېلېكترونلۇق كىچىك يادروسى بولىدۇ، ئۇ ئاتوم يادروسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتوم يادروسىغا ئاتومنىڭ ھەممە ماسسىسى دېگۈدەك توپلاشقان بولىدۇ؛ ئاتوم يادروسىنىڭ ئەتراپىدا ھەم يېنىك ھەم كىچىك مەنپىي ئېلېكترون بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ بىلەن بور ناھايىتى تېزلا ئاتوم قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى يېڭى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

بوربور مۇنداق دېگەنىدى: ئاتومنىڭ قۇرۇلمىسى خۇددى كىچىكلىتىپ قويغان قوياش سىستېمىسىغا ئوخشىشىدۇ. ئېلېكترون ئاتوم يادروسى (قۇياشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ) نىڭ ئەتراپىدىكى ئوربىتا بويىچە ئايلىنىدۇ. لېكىن قوياش ئايلىنىۋاتقان پلانېتلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن ئاتۇم يادروسىنى مەركەز قلىپ ئايلىنىۋاتقان ئېلېكترونلارنىڭ ئايلىنىدىغان ئوربىتلىرىنىڭ مەلۇم ئېنېرگىيىسى بولىدۇ. ئاتۇم بىر وربىنىدىن يەنە بىر ئوربىتىغا ئۆتكەن چاغدا نۇر چاقنىغانلىقى ئاتوم ئاتلاش ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. 

بورنىڭ نەزەرىيەسى كلاسسىك فىزىكا نەزەرىيەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نۇرغۇن ئالىملار، مەسىلەن ئېينىشتېيىن قاتارلىقلار بورنىڭ نەزەرىيەسىنى ياقلايدىانىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ نەزەريىسىنى ئېلىم پەن گۆھىرى دەپ ھېسابلىغانىدى. ھېلىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بورنىڭ نەزەرىيەسىنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرى ھېسابتا يەنە ئۇنىڭ نەزەريىسىنى قوبۇل قىلغانىدى. 1922 يىلى، بور ئاتوم قۇرۇلمىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى تۈچەيلىدىن نوبىلفىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1920 يىلى كوپېنھاگېن نەزەرىيەۋى فىزىكا تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان چاغدا، بور مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. بورنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇ تەتقىقات ئورنى زور تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر ياش ئالىملارنى قوبۇل قىلىپ، ناھايىتى تېزلا دۇنيا ئاتوم فىزىكىسى مەركىزىگە ئايلانغان. 

لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بورنىڭ نەزەرىيەسى يەنە تۈرلۈك قىيىم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. ھىدوروگېن ئاتومى پەقەت ئېلېكتروندىنلا ئىبارەت دەپ قارىغان، لېكىن بۇ باشقا ماددىلارغا ئىشلىتىلمەيتتى. ئالىملار بورنىڭ ئۆز نەزەرىيەسىنى تۈزىتىۋېتىلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۈزىتەلمىگەنىدى. 

بۇ قىيىن مەسىلىنى خېسىنبو ھەل قىلدى. خېسبو كوپېھاگېندا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ بور بىلەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق ناھايىتى زور نەتىجىگە ئېرىشكەن. بورمۇ خېستبو ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى قاراشنى قارشى ئالغان. 

1930 يىلى، بور ئۆزىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى ئاتوم يادروسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا مەركەزلەشتۈرگەن. ئۇ يادرو رېئاكسىيىسى داۋامىدا ئاتوم يادروسى قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۇنجى قېتىم رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت ئۇراننىڭ ئىزوتوپى ئۇران 235 بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئاتومنىڭ پارچىلىنىشىغا مەسئۇل بولغان، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ نەزەرىيە ئاتوم بومبىسى ياساشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#