ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى

ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغلىنىپ دەسلەپتە يۇقىرى قورساق قىسمى تۇتقاقلىق ئاغرىپ، كېيىن تەدرىجى ئوڭ ترەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىغا مەركەزلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قىزىش، جۇغ-جۇغ بولۇش، ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىق كۈچىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ۋەرەمى زائىد ئەئۋەر شەدىد» دەپ ئاتىلىدۇ.


غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقۇملانمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性阑尾炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن

ھەرخىل مىكروپلار بىلەن ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى سازاڭسىمان ئۆسۈكچىگە تەسىر قىلغاندا، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە شىللىق پەردە ۋە توقۇلمىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ قالايمىقان بولۇشى سەۋەبىدىن

ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن ئاقسىل پارچىلىغۇچى فېرمېنت كۆپ ئاجرىلىپ چىقىرىلىپ، ئاقسىل بىرىكمىلىرى كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاقسىل پارچىلىغۇچى فېرمېنت ۋە ئاقسىل بىرىكمىلىرى ئۈچەينىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكتى ئارقىلىق سازاڭسىمان ئۆسۈكچىگە بارغاندا سازاڭسىمان ئۆسۈكچە شىللىق پەردىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ

گەندە تېشى، پارازىت قۇرت، پارازىت قۇرت تۇخۇمى، ئاقلانغان شال ۋە گەندە تەركىبىدىكى چىقىرىندى ماددىلارنىڭ سازاڭسىمان ئكسۈكچە بوشلۇقىنى توسۇۋېلىش نەتىجىسىدە، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە بوشلۇقى ئىچكى بېسىمى داۋاملىق ئۆرلەپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە سازاڭسىمان ئۆسۈكچە دىۋارىنىڭ قان ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارغا قان يېتىشمەي نېكروزلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە بوشلۇقىدىكى جاراسىملارنىڭ زەخمىلەندۈرۈشىگە شەرت ھازىرلايدۇ. 

ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى1. قىزىتما كۆرۈلىدۇ، كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا كۆپىنچە نورمال بولىدۇ ياكى يەڭگىل دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. كۆپىنچە ℃38 دىن تۆۋەن بولىدۇ. سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يىرىڭلاپ تېشىلگەندىن كېيىن قىزىتمىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەر توڭۇپ تىترەش، يۇقىرى قىزىتما ۋە سېرىقلىق چۈشۈش بولسا، قاپقا ۋېنا ياللۇغىنى ئويلىشىش كېرەك.

2. قورساق ئاغرىش بولىدۇ. دەسلەپكى يۇقىرى قورساق قىسمى ۋە كىندىك ئەتراپى تېلىپ ئاغرىيدۇ، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئاغرىق ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىغا يۆتكىلىپ داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئاغرىيدۇ. بەزى كېسلەلىكلەردە يۆتكىلىشچان قورساق ئاغرىش تىپىك بولماستىن، باشلىنىشتىلا قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنىكى قىسمى ئاغرىيدۇ، شۇڭا، يۆتكىلىشچان ئاغرىش بولمىسا سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئەمەس دەپ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. كېسەللىك جەريانىدا قورساق ئاغرىش تۇيۇقسىز يەڭگىللىسە ئادەتتە سازاڭسىمان ئۆسۈكچە بوشلۇقىدىكى توسۇلۇشنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە تېشىلگەندىمۇ ئاغرىق كېسەللىك جەريانىدا يگڭگىللىشىدۇ. شۇڭا، ئاغرىقنىڭ تۇيۇقسىز يەڭگىللىشى كېسەلنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ ئاساسى دېيىشكە بولمايدۇ.

3. ھەزىم ئەزالىرى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، ئىچى سۈۈش ياكى قەۋزىيەت بولىدۇ. كېيىنكى دەۋردە ئەگەر چوڭ تەرەت كەلمەسلىك، يەل يۈرۈشمەسلىك كۆرۈلسە كۆپىنچە قورساق پەردە ياللۇغى، ئۈچەي پالەچلىكىنىڭ ئىپادىلىرى بولىدۇ. ئەگەر چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىپ قۇرۇق ئىنجىق، شىلىمشىق تەرەت كۆرۈلسە، داس بوشلۇقى يىرىڭلىق ئىششىقى ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك.

4. تۆۋەنكى قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىدۇ، ئاددىي سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدا قورساق مۇسكۇلىنىڭ جىددىيلىشىشى بولمايدۇ. قورساق مۇسكۇلىنىڭ كۆرۈنەرلىك جىددىيلىشىشى ياللۇغلىنىشىنىڭ سازاڭسىمان ئۆسۈكچە سىرتىغا كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

5. قورساقنى باسقاندا ئاغرىش، قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مۇھىم ئالامەت بولۇپ، كۆپىنچە ئوڭ تەرەپ يانپاش سۆڭەك ئالدى يۇقىرىقى قىرى بىلەن كىندىك تۇتاشقان سىزىقىنىڭ ئوتتۇرا سىرتقى ئۈچتىن بىر قىسىمى قىسمى تۇتاشقان ئورۇننى باسقاندا ئاغرىش ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.

6.بارماق بىلەن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ئاغرىش توچكىسىنى چوڭقۇر بېسىپ تېزلا قويۇپ بەرگەندە، بىماردا قاتتىق ئازابلىنىش چىراي قىياپىتى كۆرۈلىدۇ.

7.بىمارنى سول يېنىنى بېسىپ ياتقۇزۇپ، ئوڭ پۇتىنى ئارقىغا سوزۇش ھەرىكىتىنى قىلدۇرغاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ.

8. قول بىلەن سول تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى ئوڭ تەرەپكە قارىتىپ باسقاندا، ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئاغرىيدۇ.

9.سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يىرىڭلىق ئىششىقى كۆرۈلگەن بىمارلاردا قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى تۇتقاندا ئاغرىيدىغان مونەك پەيدا بولىدۇ.

سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ئاددى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى

بۇ دەسلەپكى دەۋردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، ياللۇغلىنىش پەقەت شىللىق پەردە ۋە شىللىق پەردە ئاستى قەۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سازاڭسىمان ئۆسۈكچىگە يەڭگىل دەرىجىدە قان تولىدۇ. پارقىراقلىقى يوقىلىدۇ. سىرتقى يۈزىگە ئاز مىقداردا تالالىق ئاقسىل ۋە سىرغىپ چىققان ماددىلار يېپىشقان بولىدۇ. شىللىق پەردىدە ئۈزە يارا بولىدۇ.

ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغلۇق سازاڭ ئۆسۈكچە ياللۇغى

ياللۇغلىنىش تەدرىجىي ئېغىرلىشىپ، كېسەللىك ئۆزگىرىشى شىللىق پەردىدىن كېڭىيىپ مۇسكۇل ۋە سىرتقى پەردىگە بارىدۇ. سازاڭ ئۆسۈكچىنىڭ ئىششىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدە قان تولىدۇ. سىرتقى يۈزىگە يىرىڭلىق ئاجراتما ماددىلار چاپلاشقان ۋە كۆپ مىقداردا تالالىق ماددىلار يېپىشقان بولىدۇ. شىللىق پەردىدىكى يارا كېڭىيىدۇ. قورساق بوشلۇقىدا سۇيۇق يىرىڭ بولىدۇ. جاراسىم ئۆستۈرۈلسە مەنفى نەتىجىدە چىقىدۇ.

نېكروزلىنىش تىپلىق سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى

سازاڭسىمان ئۆسۈكچە تېمىدا نېكروزلىنىش ھەتتا تېشىلىش بولىدۇ. قورساق بوشلۇقىدا يىرىڭ بولۇپ، چىرىگەن سېسىق پۇراق چىقىدۇ. جاراسىم ئۆستۈرۈلسە كۆپىنچە مۇسبەت چىقىدۇ. ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆز ۋاقتىدا داۋالىسا، تارقىلىپ شۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ. تاتۇق قالدۇرماي ساقىيىدۇ. ئەگەر داۋالاش مۇۋاپىق بولمىسا، سوزۇلما سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. نېكروزلىنىش تىپلىق سازاڭسىمان ئۆسۈكچە تېشىلگەندىن كېيىن كۆپىنچە چەكلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى تارقىلىپ كېتىپ يامراش خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋالاش مۇۋاپىق بولسا، تاتۇق قالدۇرماي ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر داۋالاش مۇۋاپىق بولمىسا، ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ سوزۇلما خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنى، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يېرىلىش، نېكروزلىنىش، قورساق پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


 تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن


دەسلەپتە يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش، ئاغرىق تەدرىجى ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىغا مەركەزلىشىش، قىزىش، جۇغ-جۇغ بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىق كۈچىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

 قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن 

قان رايىنى تەكشۈرگەندە، ئاددىي سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدا ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئومۇمىي سانى ۋە نېيترال دانىلىق ھۈجەيرىلەر يەڭگىل دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ، ئەگەر ياللۇغلىنىش ئېغىر بولسا كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ.

1. ئۆپكە ياللۇغى ۋە كۆكرەك پەردە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆپكىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ ياللۇغى ۋە دىئافراگما كۆكرەك پەردە ياللۇغى قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ قوشۇلۇپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تۇتقاندا قورساق مۇسكۇلى جىددىيلىشىش، باسقاندا ئاغرىش بولىدۇ. كىچىك بالىلاردا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەمما ئۆپكە ياللۇغى ۋە كۆكرەك پەردە ياللۇغى جىددىي باشلىنىپ تۇيۇقسىز توڭۇپ تىترەيدۇ، يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ، يۆتىلىدۇ، كۆكرەك ئاغرىيدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ، كۆكرەكنى تىڭشاپ تەكشۈرگەندە سۈركىلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ، ئۆپكىدىن خىرىپ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، نەپەس تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ. سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدا يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش بولمايدۇ، ئۆپكىدىن خىرىپ ئاڭلانمايدۇ.

2.ئۆتكۈر ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىق كۈچىيىش ئالامەتلىرى دەسلەپكى دەۋردىكى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغىدا پاكىز بولمىغان سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېگەنلىك تارىخى بولىدۇ. قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش كۆرۈنەرلىك بولۇپ، قورساق ئاغرىشتىن بۇرۇن پەيدا بولىدۇ. قورساقنى باسقاندا ئاغرىش كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلەشمەيدۇ. چوڭ تەرەتنى تەكشۈرگەندە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ۋە ئاق قان ھۈجەيرىلىرى تېپىلىدۇ.

3. چەكلىك ئۈچەي ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

چەكلىك ئۈچەي ياللۇغىدىكى كۆپ قېتىم قورساق ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. دائىم ئىچى سۈرىدۇ، تۆۋەن قىزىتما بولۇپ، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. قورساق تۇتقاقلىق مۇجۇپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىق يۆتكەلمەيدۇ، قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىپ، ئاغرىش كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ، باسقاندا ئاغرىيدىغان يەرلىك ئورۇن بەدەن تۇرقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ تەكشۈرگەندە، كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ئۈچەي شىللىق پەردە سىزىقىنىڭ قوپال قالايمىقانلىقى، پۈرمىلىرىنىڭ يوقالغنالىقى كۆرۈنىدۇ. بەزىدە يۇمىلاق كەمتۈكلۈك كۆرۈنىدۇ. قىسمەن كېسەللىكلەردە كىچىك ئۈچەي بوشلۇقى تارايغانلىقتىن گىرۋەكلىرى رەتسىز، ئىنچىكە تۇتام شەكىللىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

4. ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنى ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۈچەي بېغىش لىمفا تۈگۈنى ياللۇغىدىكى بالىلاردا كۆپ ئۇچراش، يۇقىرىقى نەپەس يولىنىڭ ياللۇغلىنىش تارىخى بولۇش، قورساق ئاغرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە يۇقىرى قىزىتما بولۇش، قۇسۇش ناھايىتى ئاز كۆرۈلۈش، تۆۋەنكى قورساق قىسمىدىكى ئاغرىش دائىرىسى كەڭرەك بولۇش، ئۈچەي بېغىشى يۆنىلىشىنى بويلاپ باسقاندا ئاغرىش ۋە قورساق مۇسكۇلىنىڭ جىددىيلىشىشى كۆرۈنەرلىك بولماسلىق، بەزىدە ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنچىلىرىنىڭ چوڭايغانلىقى مەلۇم بولۇش، ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش، ئەگەر يانپاش قارىغۇ ئۈچەي قىسمىدىكى يالغۇز لىمفا تۈگۈنچىسىدىلا بولسا تۇتقاندا ئاغرىش، ئاغرىش ئوڭ تەرەپ قورساق تۆۋەنكى قىسمىدا چەكلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرىدۇ.

5. ئوڭ تەرەپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقنىڭ يېرىلىشىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئوڭ تەرەپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ھامىلىدارلىقىدىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلىشتىكى نورمالنى ھەيىز كېلىش ۋاقتى ئېشىپ كېتىش ۋە جىنسىي يولىدىن قالايمىقان قان كېلىش تارىخى بولۇش، قورساقنىڭ ئاغرىشى تۇيۇقسىز ھەم قاتتىق بولۇش، چىرايى تاتىرىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، قورساق مۇسكۇلىنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسى يەڭگىلرەك بولۇش، يۆتكىلىشچان بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش، ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ بوينىنى كۆتۈرگەندە ئاغرىق كۆپىيىش، بالىياتقۇ قوشۇمچە ئەزالىرىنىڭ بىر تەرىپى چوڭايغان بولۇش، قورساق بوشلۇقى ياكى ئارقا گۈمبەز قىسمىدىن فونكسىيە قىلىنسا ئۇيمايدىغان قان بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

6. ئوڭ تەرەپ تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى تولغىنىشىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئوڭ تەرەپ تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى تولغىنىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئوڭ تەرەپ تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى تولغىنىشتىكى قورساق تۇيۇقسىز داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئاغرىش، ئاغرىش ناھايىتى قاتتىق بولۇش، ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە خالتىلىق مونەكچە پەيدا بولۇش، خالتىلىق ئىششىق چوڭ بولسا كېسەللىك تارىخىنى سوراش ياكى قورساقنى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە چوڭ خالتىلىق مونەكچە قولغا ئۇرۇنۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

7. ئۆتكۈر تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆتكۈر تۇخۇم توشۇش نەيچە ياللۇغىنىڭ دەسلىپىدىلا تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئاغرىش، ئورنى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىكى ئاغرىش ئورنىدىن تۆۋەن بولۇش، كۆپىنچە ئىككىلا تەرەپتە بولۇش، قىزىتمىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇش، ئاق خۇن كۆپىيىش تارىخى بولۇش، جىنسىي يولنى تەكشۈرگەندە، ئاق خۇن كۆپ بولۇپ، بالىياتقۇنى تەكشۈرگەندە ئاغرىق كۈچىيىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

8. تۇخۇمدان پۈۋەكچىسى يېرىلىشىتن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

تۇخۇمدان پۈۋەكچىسى يېرىلىشتىكى ياش توي قىلمىغان قىزلاردا كۆپ ئۇچراش، قورساق بوشلۇقىدا بولۇپمۇ ئوڭ تەرەپتە قاناش بولغانلىقتىن قورساق پەردىسى غىدىقلىنىپ قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىش، ھەيز كەلگەندىن كېيىن ئىككى ھەپتە ئىچىدە كۆرۈلۈش، باشلىنىشتىلا قورساق تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىش، دەسلەپتە ئېغىر بولۇپ كېيىن يەڭگىللەش، قورساقنى باسقاندا ئاغرىق يەڭگىل بولۇش، تېمپېراتۇرا ۋە ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۇقىرىلىشى كۆرۈنەرلىك بولماسلىق، جىنسىي يولىدىن ئاز مىقداردا قان كېلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

9. ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ تېشىلىشىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ تېشىلىشىدە تېشىلگەن ئورۇن كىچىكرەك بولسا، ئىچىدىكى ماددىلار ئوڭ تەرەپ بوغماق ئۈچەي يان ئېرىقىنى بويلاپ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىغا ئېقىپ كىرسە، ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا باسقاندا چەكلىك ئاغرىش، مۇسكۇللار جىددىيلىشىش، بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش قاتارلىقلار بولۇش، باشتىن-ئاخىر يۇقىرىقى قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش بولۇش، كۆپىنچە يارا كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، تېشىلىشىتن بۇرۇن يارا كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى بولۇش، تېشىلگەندىن كېيىن قورساق ئاغرىش كۈچىيىش، جىگەرنىڭ بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى كىچىكلەش ياكى يوقىلىش، قورساق قىسمىنى رېنتگېندە تەكشۈرگەندە دىئافراگما ئاستىدىن ئەركىن ھاۋا كۆرۈنۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

10. ئوڭ تەرەپ سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىگە تاش چۈشۈشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئوڭ تەرەپ سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىگە تاش چۈشۈش كېسەل باشلانغاندا قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىش، قورساقنى باسقاندا ئاغرىق ۋە مۇسكۇللارنىڭ تەرەڭلىكى يەڭگىلرەك بولۇپ، قورساقنىڭ ئاغرىش دەرىجىسى بىلەن ماس كەلمەسلىك، بەل قىسمىنى چېكىپ تەكشۈرگەندە ئاغرىش كۆرۈنەرلىك بولۇش، سۈيدۈكەت كۆپ مىقداردا قىزىل قان ھۈجەيرىسى بولۇش، رېنتگېندە تاشنىڭ سايىسى كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

11. ئۈچەي كېزىكى يارىسىنىڭ تېشىلىشىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

كۆپ ساندىكىسى يانپاش ئۈچەينىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى 50 سانتىمېتىر دائىرە ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. ئۈچەي كېزىكى يارىسىنىڭ تېشىلىشى كۈز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلۈش، قورساقتىكى ئاغرىق تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، داۋاملىشىش خاراكتېرلىك بولۇش، قورساق ئاغرىشتىن بۇرۇن يۇقىرى قىزىتما بولۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئېسىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە قورساق بوشلۇقىدا ئەركىن ھاۋا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

12.ئۆتكۈر ئۆت خالتا ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئەگەر ئۆت خالتىسىنىڭ ئورنى تۆۋەنرەك بولسا باسقاندا ئاغرىش ۋە مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىششى دەرىجىسى ئوڭ تەرەپ قورساق تۆۋەنكى قىسمىدا بولىدۇ. سازاڭسىمان ئۆسۈكچىنىڭ ئورنى سەل يۇقىرىراق بولسا، ئۇنىڭ باسقاندىكى ئاغرىش ئورنى ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمىدا بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئۆت خالتا ياللۇغىدا داۋاملىق قايتا-قايتا قوزغىلىش تارىخى بولۇش، چوڭايغان ئۆت خالتىسىنى تۇتۇپ بىلگىلى ياكى ئاۋازدىن تېز دولقۇندا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى1. دەسلەپكى مەزگىلدە يەنى ئاددىي سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىغا قارىتا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

2.كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا يەنى ھەرە كۆنىكسىمان تىپى ۋە نېكروزلىنىش تىپىغا تەرەققىي قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

3.كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىلدە يەنى ئاددىي تىپلىق سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىغا قارىتا ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، قان تازىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىرىدن، ئەرقى گۈل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىرىدن، شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىرىدن، نېلۇپەر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

بابۇنە، ئىكىلىلمىلىك، ئىتئۈزۈمى، شۇمشا، ئاق لەيلى گۈلى، ھەمىشىباھار، بىنەپشە 10 گرامدىن، ئارپا ئۇنى 20 گرام ئېلىپ، سوقۇپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىغا چېپىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ ھەرە كۆنىكسىمان تىپى ۋە نېكروزلىنىش تىپى قاتارلىقلاردا كېسەللىك ئەھۋالى ناھايىتى جىددىي بولۇپ، يېرىلىپ كېتىشنىڭ ئېھتىمالى بولىدۇ. شۇڭا ئوپېراتسىيە قىلىپ سازاڭسىمان ئۆسۈكچىنى ئېلىۋېتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش مەقسىتىدە مەجۇنى ئامىلە نۇشىدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=825

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#