تاجسىمان قان تومۇر قېتىشىش

تاجسىمان قان تومۇر قېتىشىش

تاجسىمان قان تومۇر قېتىشىش-مىجەزنىڭ ماددىلىق بۇزۇلۇشى، بولۇپمۇ سەۋدا ماددىسى بىلەن قويۇق بەلغەمنىڭ ئارتىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك ساھەسى ئېغىرلىشىش، ئاسان ھارىدىغان، يۈرەك سالىدىغان بولۇپ قېلىش، قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى تاجسىمان قان تومۇر قېتىشىش
كېسەللىك سەۋەبى مىجەزنىڭ ماددىلىق بۇزۇلۇشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 40 ياشتىن ئاشقان سېمىز ئادەملەر
ئاساسلىق ئالامىتى قان بېسىمى ئۆرلەش،يۈرەك سېلىش
خەنزۇچە نامى 冠状动脉硬化
خەنزۇچە قىسقارتىلما نامى 冠心病

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاجسىمان قان تومۇر قېتىشىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە 40 ياشتىن ئاشقان، بىر قەدەر سېمىز كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان، مىجەزنىڭ ماددىلىق بۇزۇلۇشى، بولۇپمۇ سەۋدا ماددىسى بىلەن قويۇق بەلغەمنىڭ ئارتىپ كېتىشى، ئۇزاق مەزگىل ھەرىكەتنى ئاز قىلىپ، مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: يۈرەك ساھەسى ئېغىرلىشىش، ئاسان ھارىدىغان، يۈرەك سالىدىغان بولۇپ قېلىش، بەزىدە يۈرەك رىتىمسىزلىشىش، يۈرەك ساھەسى يەڭگىل ئاغرىش ۋە تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىش، بەزىدە قان بېسىمى ئۆرلەش، لابوراتورىيەلىك تەكشۈرگەندە قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: خاسىڭ مېغىزى 50 گىرام، ئاچچىقسۇ 50 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: خاسىڭنى تازىلاپ، ئاچچىقسۇغا بىر كېچە چىلاپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تاجسىمان قان تومۇر قېتىشىشتەركىبى: لوكى مەغسۇل، قۇستە تەلخ، ئىزخىر چېچىكى، تىرمىس، ھەببۇلغار، شۇمشا، قارىمۇچ 30 گىرامدىن، رەۋەندە 45 گىرام، ھەسەل ئىككى ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئاق سەندەل، گۈلى گاۋزىبان، قىرقىلغان پىلە 10 گىرامدىن، ئەرىقى گۇلاب، ئەرىقى بىدمىشكى 10 مىللىلىتىردىن، زەپەر 5. 1 گىرام، قەنت 170 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئەرەقلەر بىلەن قەنتنى قىيام قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، قىيامغا سېلىپ خېمىر قىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرام تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#