زەمچە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سولفات كىسلاتا تۇزى تۈرىدىكى رودا تېشىنى پىششقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كىرىستال ماددىدىن ئىبارەت .
ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ، قان توختىتىش ، قۇرۇش ، چىرىشكە قارشى تۇرۇش ئېغىز يارىسىنى، چىش مىلىكى بوشاپ كېتىشتىن، قان سىيىش، سۆزنەك كېسىلىنى يوق قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
باكتىرىيىنى تورمۇزلاش تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيىسى ، شەكلى ئۆزگىرىشچان ، تاياقچە باكتىرىيەلەرنى تورمۇزلايدۇ . يېشىل رەڭلىك زەنجىرسىمان شارچە باكتىرىيىسى ، قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتىرىيىسى قاتارلىق باكتىرىيىلەرگە نىسبەتەن تورمۇزلاش تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك .
1. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەمچىنى يۇمشاق ئىزىپ، بىر ئاز سۇدا ئېرىتىپ بۇرۇنغا تېمىتسا بۇرۇننىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.
2.زەمچىنىڭ سۈيىنى كۆزگە قايتا – قايتا تىمىتسا كۆزدىكى نېپىز ئاق پەردىنى يوقىتىدۇ.
3. زەمچىنى زەيتۇن مېيىدا قاينىتىپ قۇلاققا تىمىتسا قۇلاق ئېغىرلىقىنى يوق قىلىدۇ.
4. زەمچىنى پۇپەل بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سالايە قىلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ چىشقا سەپسە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. چىش تۈۋىنى چىڭىتىدۇ.
5. تۇز، موزا، قىزىل ەۈل سىركە قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا يامرايدىغان يىرىڭلىق چاقىلارنىڭ يامرىشىنى توسۇيدۇ.
6. زەمچىنى ئەرقى گۈلدە نەمدەپ ئوتتا كۆيگەن جايغا چاپسا ئاغرىق پەسەيتىپ قاپارتقۇ ھاسىل بولۇشتىن ساقلايدۇ.
7. زەمچىنى يۇمشاق ئېزىپ يۇڭ ياكى لاتىغا ئوراپ ھەمەل قىلسا بالىياتقۇ قېنىنى توختىتىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ھۆللىكىنى قۇرۇتۇپ نورمال ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئىچىدىن ئىستىمال قىلىش توغرا كەلسە مۇناسىپ تۈزەتكۈچىلەر بىلەن بىللە ئىشلىتىش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.