ئىلى مال دوختۇرلۇق مەكتىپى

ئىلى مال دوختۇرلۇق مەكتىپى غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان. خەنزۇ تىلى، قازاق تىلى، ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ. دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. 1956-يىلى قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئىلى مال دوختۇرلۇق مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1956-يىلى
مەكتەپ تۈرى كەسپىي مەكتەپ
خەنزۇچە نامى 伊犁兽医学校
ئايرىمىسى ئوتتۇرا تېخنىكوم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىلى مال دوختۇرلۇق مەكتىپى غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان. خەنزۇ تىلى، قازاق تىلى، ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ. دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. 1956-يىلى قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن كۆلىمى 382000 كۋادرات مېتىر. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 28932 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ 20 تەجرىبە مەشغۇلات ئىشخانىسى، ئۈچ مەكتەپ سىرتىدىكى پراكتىكا بازىسىغا ئىگە بولۇپ، ساقلىنىۋاتقان كىتاب 40000 دىن ئاشىدۇ. 1999-يىلى خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان ئوقۇغۇچى 900 نەپەردىن ئېشىپ، ئىشچى-خىزمەتچى 176نەپەرگە يەتكەن. 

ئىلى مال دوختۇرلۇق مەكتىپى 1956-يىلى قۇرۇلغان. ئەينى چاغدىكى مەكتەپ نامى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مال دوختۇرلۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىك مەكتىپى بولۇپ، 1957-يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مال دوختۇرلۇق مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1960-يىلى ئىلى يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەربىيىلەش سىنىپى ۋە باغۋەنچىلىك مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك مەكتىپى دەپ ئاتالغان. كېيىنكى يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، باغۋەنچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل كەسىپ ئايرىلىپ چىقىپ، مال دوختۇرلۇق مەكتىپى دېگەن نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1962-يىلى قايتىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مال دوختۇرلۇق مەكتىپى دەپ بېكىتىلگەن. 

 مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە ھەرخىل تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ ھالدا قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر، قازاق يېزىقىدىكى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ خىل ئوقۇتۇش، تەتقىقات نەتىجىلىرى، دۆلەت، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1994-يىلى يېزا ئىگىىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ب د ت ئاشلىق مەھكىمىسى ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى دەپ بېكىتىلگەن. 

 چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق، ئوتلاقچىلىق، چارۋىچىلىقنى باشقۇرۇش، يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىقتىسادىي چارۋىلارنى كۆپەيتىش قاتارلىق توققۇز كەسىپ تەسىس قىلىنغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#