دۈرە يېزىسى

دۈرە يېزىسى

دۈرە يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبغا 136 كىلومېتىرلىق ئۇلۇنگۈر دەرياسى سايلىرىغا جايلاشقان. شەرقتە قارا بۇلغىن يېزىسى، جەنۇبىي فۇكاڭ شەھىرى بىلەن قوشنا، شىمالدا مۇڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دۈرە يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا-بازار دەرىجىلىك
يەر مەيدانى 24 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 杜热乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى
نوپۇسى 17 مىڭ ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0906

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۈرە يېزىسىدۈرە يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبغا 136 كىلومېتىرلىق ئۇلۇنگۈر دەرياسى سايلىرىغا جايلاشقان. شەرقتە قارا بۇلغىن يېزىسى، جەنۇبىي فۇكاڭ شەھىرى بىلەن قوشنا، شىمالدا مۇڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 413 كىلومېتىر، مەمۇرىي رايونلىرى 14 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قارىمىقىدا 15 مەمۇرىي كەنت، بۇنىڭ ئىچىدە 7 دېھقانچىلىق كەنتى، 3 چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش كەنتى، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 17 مىڭ ئادەم، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق مەللەتلەردىن قازاق مىللىتى %97 يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك نوپۇسى %51.4 نى قازاقلارنى ئاساس قىلىنغان، ئاز سانلىق مىللەت چوڭ يېزىسى.

دۈرە يېزىسىدۈرە يېزىسى ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ساپ چارۋىچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. 1953-يىلى ھاكىمىيەت قۇرۇلىپ، دۈرە يېزىسىنى مەركەز قىلغان. كۆكتوقاي ناھىيە 3-رايون خەلق ھۆكۈمىتى، رايون قارىمىقىدا ئالتە يېزا قۇرۇلغان. 1958-يىلى يېزىغا ئۆزگەرتىلگەندە 2-، 3-، 4-قاتارلىق ئۈچ يېزا بىر گۇڭشې جايلاشقان بۇلۇپ، دۈرە گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە نامى يۇڭخۇڭ خەلق گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

1978-يىلى يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بۇرۇنقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. دۈرە نامى موڭغۇل تىلىدا ئۈزەڭگە دېگەن مەنىدە بۇلۇپ، جەنۇبى قىرغىقىدىكى تاغ شەكىل-ھالىتىگە ئاساسەن قويۇلغان.

كىلماتى 

دۈرە يېزىسىدۈرە يېزىسى جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇن، شەرقتىن غەربكە تار، ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، بالا ئېرتىش دەرياسى، ئۈلۈڭگۈر دەرياسى يېزا تەۋەسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، قارا ئېرتىش دەرياسى بويىغا ئېقىم تەۋەسى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر، جولئېت دەرياسى بۇرۇلتوقاي چېگرا سىزىقى ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتىر، يېزا يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تاغلىق، دۆڭلۈك، ئاقدالا رايون، ئۇلۇڭگۈر دەرياسى رايونى، ئۈلۈڭگۈر دەرياسى جەنۇبىدىكى قۇملۇق رايونلاردىن ئىبارەت. يېزا بويىچە يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى تەخمىنەن 2900 سائەتكىچە بولىدۇ، بىر يىلدىكى قىراۋسىز مەزگىلى 125-136 كۈن، ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، ھاۋاسى قۇرغاق، ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كىچىك، قىش پەسلى قاتتىق سوغۇق ۋە ئۇزاق، ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق ھەم قىسقا، پەسىللىك ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تېز ئۆرلەپ كېتىدىغان بۇلۇپ، داۋالغۇش زور بولىدۇ. 

تەبىئىي بايلىقى 

دۈرە يېزىسىيېزىنىڭ تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى بىر قەدەر مول، تۇپرىقى سېرىق قۇم تۇپراق، چىملىق تۇپرىقى، قارا تۇپراق، شورلۇق تۇپراق قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ، يېزا بويىچە 95 مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر، 33330 مو تەبىئىي يايلاق، 5000 مو سۈنئىي يايلاق بار. يېزا تەۋەسىدە مول تۆمۈر رۇدىسى، قىممەت باھالىق تاش، چىرىمتال قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار ۋە ئېگىز تاغ ئورمان، جىلغا ئورمىنى، سۆكسۆك ئورمىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، چوڭ سوزاپ قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقى مول.

11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە دۈرە يېزىسى  ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئامما دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، پارتىيە 16-قۇرۇلتىيى يول كۆرسىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ پارتىيەنىڭ يېزىلارغا قاراتقان تۈرلۈك ئاساسىي لۇشيەنى، فاڭجېن، سىياسەت، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىيەتچىل بۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىنلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك خىزمەت نىشانى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

2013-يىلى يېزا بويىچە مالىيە كىرىمى 3 مىليون 470 مىڭ يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8928 يۈەن، 2012-يىلىدىكىدىن 1429 يۈەن كۆپەيگەن. ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان. مالىيە كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن، پۈتۈن يېزا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۈچلۈك مەدەت بېرىلگەن.

يېزا ئىگىلىكى 

دۈرە يېزىسى2013-يىلى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەركىزى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ تەڭشەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ زىچ چۆرىدەپ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ئۈچ چوڭ يېتەكچى كەسىپنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ يېزا بويىچە 8133 گېكتار يەر «تۆتنى ماشىنلاشتۇرۇش»، «يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت» قىلىشتىن ئىبارەت ئاشلىق ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ نىسبىتىنى تەڭشەش 20:31:49 بولغان. گازىر تاۋۇزى، گازىر قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان مەھسۇلات قىممىتى «مىڭ يۈەنلىك ئېتىز» تېرىش كۆلىمى 6000 گېكتار.

2013-يىلى يېزا بويىچە سۇ تىجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 5693 گېكتار. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سىياسىتى تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا كۆلىمى 80 مىڭ موغا يەتكەن. ئۆزگىچە زىرائەت، ئىقتىساد، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى يېڭى سورتىنى كېڭەيتىش تەجرىبە ئېتىزى 19 گېكتار، بېدە يۇقىرى ھوسۇللۇق تولۇق ئاپتوماتىك تېمىتىپ سۇغىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

چارۋىچىلىقى 

دۈرە يېزىسى2013-يىلى يېزا چارۋا ئەڭ كۆپ بېقىلىش مىقدارى 302 مىڭ تۇياققا يەتكەن. بورداق چارۋا سانى 40 مىڭ تۇياق، ئالتاي نەسىللىك قويىنى يېتىلدۈرۈش 2800 تۇياققا يەتكەن. بىر يىلدا كالىنىڭ توڭلىتىلغان سپېرما بىلەن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇلىشى يۇقىرى، چارۋا ئىممۇنىتېت نىسبىتى ٪99.99 غا يەتكەن. يېزا بويىچە چىقىم قىلىنغان چارۋا مىقدارى 120 مىڭ تۇياق (دانە) قا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل قوزا 40 مىڭ تۇياق.

ئەمگەك كۈچى

ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى داۋاملىق كۈچەيىلگەن. ئەمگەك كۈچلىرى بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىقى بولغان ئەھۋالدا تەربىيىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك-مۇلازىمەتنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ ئەمگەك ئۇچۇرلىرىنى يىغىش يېتەكلەش، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى باقمىچىلىق، ترانسپورت، بىناكارلىق، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرگە يۆتكەش. 2013-يىلى  يېزا ئەمگەك كۈچى تەربىيەلەنگەنلەر 1494 ئادەم، يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرى 1366 ئادەم.

دۈرە يېزىسى2013-يىلى ئاساسىي ئۇل مۇئەسسەسىلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشكەن، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستىقبالى بار. 

يېزا ئىگىلىك جەھەتتە: جەنۇب-شىمال غول ئۆستىڭى سۇ سىڭمەس ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش باشلانغان. رېمونت قىلىش سۇ چىقىرىش پونكىتى بىر، لاتقىلارنى تازىلاش 12 كىلومېتىر، چابۇلا كەنتى 533 گېكتار تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىش تۈرى تاماملانغان. 

چارۋىچىلىق جەھەتتە: 450 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 0.02 گېكتارلىق چارۋىچىلىق بازىرىدىن بىرى؛ 2 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرۇش ۋە رېمونت قىلىنغان چارۋا يولى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېڭىدىن مۇقىم شەكىللىك توڭلىتىلغان سپېرما بىلەن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتى 8 گە يەتكەن، ھەرىكەتچان توڭلىتىلغان سپېرما بىلەن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتى، ئۈچ چىغىر يول كۆۋرۈكىدىن 4 ى، چارۋىچىلىققا ئىشلىتىلدىغان ئالتە قۇدۇق قېزىلغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#