بوغاز يېزىسى

بوغاز يېزىسى

بوغاز يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى، شەھەر جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى بوغاز يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
پىنيىنچە يېزىلىشى nán hú xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 南湖乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل شەھىرى
نوپۇسى 2778 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوغاز يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى، شەھەر جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۆزىگە قاراشلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، شىمالىي راھەتباغ يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتە بۇلۇڭتوغراق يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي تەرىپى قارا دۆۋە يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇب تەرىپى لوپنور كۆلى بىلەن قوشنا، قارىمىقىدا ئۈچ مەمۇرىي كەنت، توققۇز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 15 پونكىت بار.

2005-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 2778 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تەخمىنەن % 30 نى ئىگەللىگەن، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2516 ئادەم، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ھەر قايسى مەمۇرىي كەنتلەر تۇرۇشلۇق جايىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بەش كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر.

2005-يىلى، پۈتۈن يېزا بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 10 مىڭ 600 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مو، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3989.89 يۈەنگە يەتكەن.

بوغاز يېزىسىبوغاز يېزىسىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مۇھىتى، بوغاز يېزىسىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان. بوغاز يېزىسى بىلەن قوشنا بولغان لوپنۇرنىڭ ساياھەت بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، چېگرا ئىچىدىكى مەنزىرىسى، سىرلىق يارداڭلىق يەر شەكلىگە ئىگە، كەڭ كەتكەن قۇملۇق مەنزىرىسى ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى بىلەن تەمىنلىگەن، شەرقىي چوڭ جىلغا، بىپايان چۆل، پەس تاغلار، كۆكۈچ كۈل رەڭ تاغلار، چوققا توپى ئىچىدە بۇلۇت ۋە تۇمانلار، بۇ يەردىكى شىپاڭ ۋە راۋاقلار، ئېگىز-پەس تاغ باغرىدا، قىزىل، توق كۆك، ئاپئاق، سېرىق ھەر خىل رەڭدىكى تاشلار،تېخىمۇ سىرلىق تۈس قوشقان.

يارداڭ يەر شەكلى ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات ھالىتىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن. بۇ رايوندا بەزى يارداڭ توپى قۇم ئاستىدا، بەزى يارداڭ توپى بولسا شامالدا يىمىرىلگەن، تارىشا جىنس بىلەن ئورتاق قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان. كىچىك رايوننىڭ گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى كۆپ خىل، شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدە ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە بۇ خىل گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش تېخى ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇڭا دۇنيا دەرىجىلىك «يارداڭ مۇزېيى» دەپ ئاتالغان.

نەنخۇ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىسلام گۈمبەزلىرى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەك ۋە ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق مەدەنىيەتلىرى بار، يەنە قۇم بىلەن داۋالاش، قۇم قىر بايلىقى، 10 مىڭ مو ياۋا يۇلغۇنلۇق ۋە توغراقلىق، قەدىمكى قوغۇن ساقلاش خارابىسى بار، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت تەرەققىيات ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن.

ئالاھىدە بولغان جۇغراپىيىلىك كىلىمات شارائىتى، بۇ يېزىنىڭ قوغۇن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولىشىغا تۈرۈتكە بولۇپ قالغان.

جەنۇبى شىنجاڭ رايونى قۇمۇل شەھىرىنىڭ بوغاز يېزىسى، قۇمۇل قوغۇنىنىڭ ماكانى. 

بوغاز يېزىسىدىن چىققان قۇمۇل قوغۇنىيىلدا ھۆل-يېغىن ئاز، ھاۋاسى نەم، كۈن نۇرى يېتەرلىك، يەر ئاستى سۇ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي زاپىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 720 مىليون كۇب مېتىر، يىلىغا 17 مىليون 620 مىڭ كۇب مېتىر سۇ ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. ياز پەسلىدە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 20 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43 ~ 45 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، قوغۇن ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدە كىلىمات شارائىتى ئىگە. بۇ يېزىنىڭ قوغۇن تېرىش تارىخى ئۇزۇن، قوغۇنى سۈپەتلىك ۋە تەملىك بولغانلىقتىن، قوغۇن بىلەن دۇنياغا داڭلىق، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كاڭشى خانغا قوغۇن ھەدىيە قىلغان جاي.

2002-يىلى، بۇ يېزا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيانسىز قوغۇن بازىسى قۇرۇش ۋە مەھسۇلات تەستىقىدىن ئۆتكەن.

2000-يىلىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش ئەگىشىپ، زىيانسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، بۇ يېزىنىڭ  قۇمۇل قوغۇنى ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى گۈزەل، رەڭگى چىرايلىق، تەركىبىدە شېكەر مىقدارى باشقا قوغۇنغا قارىغاندا 3~5 گىرادۇس يۇقىرى. تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى % 21 كە يەتكەن، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 30 مىڭ توننىغا يېقىن بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىلغان.

بوغاز يېزىسى تەۋەسىدە مىس، ئالتۇن، كۆمۈر، كالىي تۇز  قاتارلىق مول كان بايلىقى، يەنە سىلىتسىيلاشقان ياغاچ، شامال لىڭ تاش، چۆل قاشتېشى قاتارلىق مول غەلىتە تاش بايلىقى بار.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#