ئېلزابېت Ⅰ

ئېلزابېت Ⅰ

ئېلزابېت Ⅰ ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمرانلاردىن بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ 45 يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە ئەنگلىيە نىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى گۈللىنىپ، پەن-تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، ئەنگلىيە دۇنيادىكى دېڭىز-ئوكيان دۆلەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئېلزابېتⅠ
باشقا نامى Elizabeth Tudor،童贞女王、荣光女王、英明女王
تۇغۇلغان ۋاقتى 1533-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 伊丽莎白·都铎
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1603-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلزابېت Ⅰئېلزابېت Ⅰ ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمرانلاردىن بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ 45 يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە ئەنگلىيە نىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى گۈللىنىپ، پەن-تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، ئەنگلىيە دۇنيادىكى دېڭىز-ئوكيان دۆلەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. 

كورۇلىۋا ئېلزابېت ياشىغان مەزگىللەردە، ئەنگلىيە نىڭ كوروللىرى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگلىيە نىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى كورۇلىۋاغا مەنسۇپ.

كورۇلىۋا ئېلزابېت 1533-يىلى ئەنگلىيە دىكى گرېنۋىچتا تۇغۇلغان. ئاتىسى ھېنرى Ⅷ ئىلگىرى ئەنگلىيە دە ئىسلاھات يۈرگۈزگەن، ئانىسى ئاننى ھېنرى Ⅷ  نىڭ ئىككىنچى خوتۇنى ئىدى. ئانىسى ئاتىسى تەرىپىدىن بۇزۇقچىلىق قىلغان دېگەن گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا، ئېلزابېت ئاران 3 ياشتا ئىدى. ئەنگلىيە پارلامېنتى شۇ سەۋەبتىن ئۇنى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا دەپ جاكارلىغان، چۈنكى ئۇلار ھېنرى Ⅷ نى بىرىنچى خوتۇنى بىلەن رەسمىي ئاجراشمىغان دەپ قارايتتى. شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ، ئېلزابېت يەنىلا تەربىيەگە ئېرىشىپ، خېلى كۆپ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنەلىگەن. 

ھېنرى Ⅷ  ئۆلگەن چاغدا ئېلزابېت 13 ياشتا بولۇپ، تەختكە ھېنرى Ⅷ نى ئوغلى ئېدۋارد Ⅵ، كېيىن قىزى مارى ۋارىس بولغان. ئېرۋارد Ⅵ بىلەن مارى ھەر ئىككىسى كاتولىك دىنى ۋە پاپالارنى قوللاپ، پروتېستانت دىنىنى باستۇرغان بولۇپ، تەخمىنەن 300 نەپەر پروتېستانتنى ئۆلتۈرگەن. كورۇلىۋا مارى 1558-يىلى ۋاپات بولىدۇ، 25 ياشلىق ئىلزابېت تەختكە ئولتۇرۇپ ئېلزابېت Ⅰ دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئېلزابېت Ⅰ دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر مەسىلە كشىنى پەرىشان قىلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى دىنىي پارچىلىنىش ۋەزىيىتى ئىدى. ئېلزابېت Ⅰ بۇ قىيىن مەسىلىنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلغان. پروتېستانت دىنى ئەنگلىيە نىڭ دۆلەت دىنى دەپ جاكارلاپ، مۇلايىم پروتېستانت دىنى مۇخلىسلىرىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋەتكەن. پۇرىتان مۇخلىسلىرى تېخىمۇ ئوميۈزلۈك، تېخىمۇ ئۇزۈل-كېسىل دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. 

رىم پاپاسى ۋە كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى بولغان، پاپا ئېلزابېتنى تەختتىن چۈشۈرۈشنى ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى جاكارلىغان. لېكىن ئەنگلىيە خەلقى كورۇلىۋا ئېلزابېتنى قوللايتتى، چۈنكى رىم پاپاسىغا ئىتائەت قىلىدىغان دەۋر ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتكەنىدى. 

ئېلزابېت Ⅰئېلزابېت Ⅰ كۈچلۈك كېمە ئەترىتى قۇرغان. ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپ Ⅱ گوللاندىيە دىكى ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى باستۇرۇشقا باشلىغان، گوللاندىيە دىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى پروتېستانت دىنى مۇخلىسلىرى بولغاچقا، ئېلزابېت گوللاندىيە نىڭ ئىسپانىيە گە زەربە بېرىشىگە ياردەم بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر يوسۇندا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 

ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپ  Ⅱ نىڭ بىر قەدەر قۇدرەتلىك فلوتى بار بولۇپ، «يېڭىلمەس فلوت» دەپ ئاتىلاتتى، لېكىن ئەنگلىيە نىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۈچى ئىسپانىيە نىڭكىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. ئەنگلىيە فلوتىنىڭ قورال-ياراغلىرى خىل، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئىسپانىيە نىڭ «يېڭىلمەس فلوتى» نى مەغلۇپ قىلىپ، ئەنگلىيە نىڭ ياۋرۇپادىكى دېڭىز زومىگىرىنىڭ ئورنىنى ئورناتقان.

ئېلزابېت توي قىلمىغان ھەمدە ۋارىسىمۇ بەلگىلىمىگەن. ئۇ تەخت ۋارىسى بېكىتىشتىن بىزار ئىدى، چۈنكى، ئۇ تەخت ۋرىسىنىڭ ئۆزىگە قارشى سۈيىقەست ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدىن قورقاتتى. ئەنگلىيە نىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ئېلزابېت Ⅰ يەتمىش ياشقىچە ياشىغان. بۇ ئۇزاق مەزگىل ئەنگلىيە نى نۇرغۇن قالايمىغانچىلىقلاردىن ساقلاپ قالغان، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى كۈرەشتىن قۇتۇلدۇرغان ئىدى. 

ئېلزابېت ناھايىتى ئەقىللىق، سىياسىي كاللىغا ئىگە، ئېھتىياتچان ھەمدە كونسېرۋاتىپراق ئىدى. ئۇ ئۇرۇش قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن بىزار ئىدى، خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش ئۆزى بىلەن پارلامېنت بىلەن ھەمكارلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتى ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتىدىن كۆپ ئىدى.

ئۇ توي قىلىشنى خالىمايتتى، بىراق ئەرلەرگە ئۆچ ئەمەس ئىدى، ئەكسىچە ئەرلەر بىلەن مۇڭدىشىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئەرلەرگە ھەمراھ بولۇشنى بىر خىل بەھرىمەن بولۇش دەپ بىلەتتى. 

ئۇ كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ شوتلاندىيە بىلەن ئەنگلىيە نى بىر بىرلىككە كەلگەن دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. بىراق بۇ خىل تاللاشنىڭمۇ نۇقسانى بار ئىدى. چۈنكى جامېس Ⅵ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى چارلېز Ⅰ نىڭ خاراكتېرى ھوقۇق ئىگىلەش قارىشى بىلەن ئەنگلىيە خەلقنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى زور ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن چارلېز Ⅰ دەۋرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#