ئەركەشتام پورتى
ئەركەشتام پورتىنىڭ ئەسلى نامى «سىمقانا پورتى»، جۇڭگو نىڭ غەربىي چېگراسىدىكى بىرىنچى كەنت شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسى نىڭ جىغىن يېزىسى دىكى سىمقانا كەنتىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەركەشتام پورتىنىڭ ئەسلى نامى «سىمقانا پورتى»، جۇڭگونىڭ غەربىي چېگراسىدىكى بىرىنچى كەنت شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسى نىڭ جىغىن يېزىسى دىكى سىمقانا كەنتىگە جايلاشقان، ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′58°73، شىمالىي پاراللېل ′42°39، جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى بىر پورت. چېگرا ئېغىزى ئۇلۇغچات ناھىيەسى دىن 140 كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئەركەشتام پورتى 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋاقىتلىق ئېچىلىپ مال توشۇلغان، 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ پورت دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن، 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ پورتقا تەخمىنەن 4000 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. 2011-يىلى بۇ چېگرا ئېغىزى ئۇلۇغچات ناھىيەسى بازىرىغا ئارىلىقى 3 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى ئورۇنغا كۆچۈرۈلگەن.
ئەركەشتام پورتىئۇلۇغچات ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 153 كىلومېتىر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئاتۇش شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 250 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2830 مېتىر. پورت ئۇدۇلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئوش ئوبلاستى، ئوش ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولغان ئوش بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 220 كىلومېتىر.
ئەركەشتام پورتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى قىزىلسۇ ئوبلاستى مەركىزى بولغان ئاتۇش شەھىرى دىن باشلىنىپ، قىزىلسۇ دەرياسى ئېقىنىغا قارشى يۆلىنىشنى بويلاپ غەربكە مېڭىپ ساخاچاتقىچە، جىغىن دەرياسىنى بويلاپ غەربىي شىمالغىچە، جىغىن يېزىسى دىن غەربىي جەنۇبقىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3221 مېتىر كېلىدىغان قىزىلتاۋ بىلەن دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3055 مېتىر بولغان قىرىق كۈنگەي تاۋ ئارىسىدىكى قاراسايدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەپ ماڭىدۇ.
ئەركەشتام ئەسلى جۇڭگونىڭ پامىر كىندىكى بولۇپ، غەربىي خەن سۇلالىسى دىن تاكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ، ئىزچىل تۈردە مەملىكىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش يولى بولۇپ كەلگەن.
ئەركەشتام پورتى بىلەن تورغات پورتى ئەسلىدە جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەبىئىي تاغ ئېغىزى بولۇپ، چېگرا پورتى قىلىنغان، 1884-يىلى «جۇڭگو-روسىيە قەشقەر چېگرىسىنى داۋاملىق تەكشۈرۈش كېلىشىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.