چورۇقباغ

چورۇقباغ

چورۇقباغ تاجىك لارنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق ۋە ئىلمە توقۇلما تېخنىكىسىنىڭ راۋاجى بولۇپ، ئۇ مىللىي خاسلىقى، نەپىسلىكى، يارىشىملىقى بىلەن تاجىك ئەر–ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئاياغ كىيىمى بولغان چورۇقنىڭ بۇقۇشى. چورۇقباغ تاجىك كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى يارقىن نامايەندىلەرنىڭ بىرى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چورۇقباغ تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق ۋە ئىلمە توقۇلما تېخنىكىسىنىڭ راۋاجى بولۇپ، ئۇ مىللىي خاسلىقى، نەپىسلىكى، يارىشىملىقى بىلەن تاجىك ئەر-ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئاياغ كىيىمى بولغان چورۇقنىڭ بۇقۇشى. چورۇقباغ تاجىك كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى يارقىن نامايەندىلەرنىڭ بىرى.

چورۇقباغ ساپ مەشۇتتىن رەڭلىك توقۇلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر مېتىر،كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بويىغا ھەرخىل يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مۇنچاقلار تۇتۇلۇپ، قوي كۆزى، ئىت قۇيرۇقى، غىش شەكىللىك گۈل، پۆپۈك چىقىرىلىدۇ. چورۇقباغ توقۇشتا ئۇزۇنلۇقى 45 ~ 50 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى ئىككى مىللىمېتىر كېلىدىغان ئارچا ياكى غوج دەرىخىنىڭ پىشقان چىۋىقىدىن ئىككى دانە زىخ ياساپ، زىخنىڭ ئىككى ئۇچى سىلىقلاشتۇرۇلۇپ، يېپىلىپ ئوڭ قول بارمىقى بىلەن گۈل نۇسخىسىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ بىر-بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ توقۇلىدۇ.

چورۇقباغ توقۇش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، توقۇلۇشىنىڭ سىپتىلىقى، مىللىي خاسلىقى، تۇرمۇشقا يېقىنلىقى بىلەن قول ھۈنەر-سەنئىتىدەئالاھىدە قىممەتكە ئىگە. چورۇقباغ توقۇش توقۇغۇچىدىن ئىنچىكىلىكنى، سىپتىلىقنى، ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان نەپىس سەنئەت. شۇڭا، ئۇ تاجىكلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#