توغراق ئېقىن مىڭئۆيى

بۇ مىڭئۆي توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆلتاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، يۇلتۇزباغ بازىرى تەۋەسىگە توغرا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى توغراق ئېقىن مىڭئۆيى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 胡杨流千佛洞
قاراشلىق رايون شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ مىڭئۆي توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆلتاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، يۇلتۇزباغ بازىرى تەۋەسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ مىڭئۆيلەرنىڭ كۆلىمى كىچىك ھەم تاغ جىلغىسى ئىچىگە جايلاشقان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغان ئىدى. شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئارخېئولوگى ۋۇ بەيلۇن باشچىلىقىدىكى شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى توقسۇ ناھىيەسىدە قەدىمكى خارابىلىقلارنى تەكشۈرگەندە، شۇ جايدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ يول باشلىشى بىلەن تۇنجى قېتىم بۇ مىڭئۆينى تەكشۈرگەن. جىلغىدا تۇرۇپ ئېگىزگە نەزەر سالغاندا قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك تاغ جىنىسلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تاغ ئۈستىگە چىقىپ شەرق تەرەپكە نەزەر سالغاندا پۈتۈنلەي گۈمۈرۈلۈپ كەتكەن، بىر–بىرىگە ئوخشىمايدىغان يەتتە ھۇجرا كۆزگە چېلىقىدۇ.

2009-يىلى شىنجاڭ كۈسەن تەتقىقات يۇرتىدىكىلەر توغراق ئېقىن مىڭئۆيىنى تەكشۈرۈپ، مىڭئۆيلەرنىڭ شەكلى ۋە تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى، ئۇسلۇبى ۋە بېزىلىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، توغراق ئېقىن مىڭئۆيىنىڭ ياسالغان دەۋرىنىڭ ئاخىرقى چېكىنى مىلادىيە 6-ئەسىردىن مىلادىيە 8-، 9-ئەسىرلەرگە توغرا كىلىدۇ، دەپ بېكىتتى. توغراق ئېقىن مىڭئۆيىدە نومۇر قويۇلغان ھۇجرىدىن 137 ى بولۇپ، تامغا مايمۇن، يىلان، ئارقار، بۇغا، ياۋاغاز، توخۇ، ئۆردەك، ئاق قۇ، پاقا، شاتۇتى، توشقان، قۇندۇز قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى تولىمۇ نەپىس ھەم ئۆزگىچە سىزىلغان بولۇپ، مىڭئۆيلەردىكى تام سىزمىلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

 2006 -يىلى توغراق ئېقىن مىڭئۆيى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://www.yardam.com/baike/view/78/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#