سۈن جىنلۇڭ

سۈن جىنلۇڭ

سۈن جىنلۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي جۇڭشياڭدىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو «شىنجيەن» گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مىنىستىر دەرىجىلىك، ئاپتونوم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سۈن جىنلۇڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇبېي جۇڭشياڭ
بەدەن ئېغىرلىقى ھۆكىمەت ئەمەلدارى
خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى 1982-يىلى 8-ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 孙金龙
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1962-يىلى 1-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى
پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتى 1986-يىلى 4-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈن جىنلۇڭسۈن جىنلۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي جۇڭشياڭدىن، 1982-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە-پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتىنىڭ مالىيە-پۇل مۇئامىلە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى، ئالىي ئىنژېنېر.

1978-يىلى 10-ئايدىن 1982-يىلى 8-ئايغىچە ۋۇخەن گېئولوگىيە ئىنستىتۇتى كان تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ چارلاش-قېزىش كەسپىدە ئوقۇغان.

1982-يىلى 8-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلىرى ئىدارىسى گېئولوگىيە 3-چوڭ ئەترىتىنىڭ 1-شۆبە ئەترىتىدە ئىشلىگەن.

1983-يىلى 8-ئايدىن 1986-يىلى 8-ئايغىچە ۋۇخەن گېئولوگىيە ئىنستىتۇتى بېيجىڭ ئاسپىرانتۇرىيەسى قېزىش قۇرۇلۇشى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

1986-يىلى 8-ئايدىن 1989-يىلى 7-ئايغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلىرى ئىدارىسى چارلاش قۇرۇلۇشى چوڭ ئەترىتىنىڭ تېخنىك مەسئۇلى، مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان.

1989-يىلى 7-ئايدىن 1991-يىلى 7-ئايغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلىرى ئىدارىسى چارلاش قۇرۇلۇشى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە باش ئىنژېنېرى بولغان.

1991-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 6-ئايغىچە جۇڭگو گېئولوگىيە قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، پاكىستاندا CRBC تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولغان.

1992-يىلى 6-ئايدىن 1993-يىلى 2-ئايغىچە جۇڭگو گېئولوگىيە قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان.

1993-يىلى 2-ئايدىن 1995-يىلى 1-ئايغىچە جۇڭگو گېئولوگىيە قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1995-يىلى 1-ئايدىن 1995-يىلى 10-ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياشلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

1995-يىلى 10-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1993-يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلى 6-ئايغىچە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىدا ئوقۇغان.

1998-يىلى 11-ئايدىن 2001-يىلى 6-ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2001-يىلى 6-ئايدىن 2001-يىلى 12-ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە-پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتى پۇل مۇئامىلىشۇناسلىق كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىشلەۋېتىپ ئېرىشكەن، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان.

2001-يىلى 12-ئايدىن 2003-يىلى 4-ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

2003-يىلى 4-ئايدىن 2003-يىلى 5-ئايغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

2003-يىلى 5-ئايدىن 2003-يىلى 7-ئايغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

2003-يىلى 7-ئايدىن 2005-يىلى 3-ئايغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2005-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 5-ئايغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خېفېي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2005-يىلى 5-ئايدىن 2011-يىلى 7-ئايغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خېفېي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2011-يىلى 7-ئايدىن 2011-يىلى 9-ئايغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خېفېي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2011-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 4-ئايغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2013-يىلى 4-ئايدىن 2016-يىلى 2-ئايغىچە خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2016-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو «شىنجيەن» گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مىنىستىر دەرىجىلىك.

پارتىيە 17-نۆۋەتلىك، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى. 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#