ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل بايراق بالىلار باغچىسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل بايراق بالىلار باغچىسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل بايراق بالىلار باغچىسى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان كۆپ مىللەتلىك، ياتاقتا يېتىش تۈزۈمىدىكى بالىلار باغچىسى بولۇپ، 1949-يىلى قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل بايراق بالىلار باغچىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1949-يىلى
ئورنى ئۈرۈمچى
خەنزۇچە نامى 乌鲁木齐市红旗幼儿园
مەكتەپ تۈرى باللار باغچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل بايراق بالىلار باغچىسىئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل بايراق بالىلار باغچىسى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان كۆپ مىللەتلىك، ياتاقتا يېتىش تۈزۈمىدىكى بالىلار باغچىسى بولۇپ، 1949-يىلى قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4900 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3000 كۋادرات مېتىر، پائالىيەت مەيدانى 2150.5 كۋادرات مېتىر بولۇپ، رايونىمىزدىكى «قوش تىل» لىق ئوقۇتۇش تەجرىبە بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىرى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل بايراق بالىلار باغچىسى 1949-يىلى دىخۇا شەھەرلىك 2-قىزلار مەكتىپىنىڭ شۆبە بالىلار باغچىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 1955-يىلى ھازىرقى ئورنىغا كۆچكەن. 1966-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن.  1999-يىلى 10 سىنىپ بولۇپ، بالىلار سانى 521 نەپەر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 81 نەپەر.

بالىلار باغچىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى: باللارغا دەرىسلەردىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىىش، ئاتا-ئانىلار رازى قىلىپ يېڭى ئىدىيە، مائارىپ تەرەققىيات داۋامىدا جەمئىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىش.

بالىلار باغچىسىنىڭ نىشانى: شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە رايون ئەھۋالى، ئېسىل ئەنئەنىسى توغرىسىدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭدا مەدەنىيەتلىك، ساپالىق باللارنى تەربىيەلەپ چىقىش.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل بايراق بالىلار باغچىسى1989-يىلدىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 11 دۆلەتتىن كەلگەن 100 گە يېقىن ئېكسكۇرسىيىچىنى كۈتۈۋالغان. 90 نەچچە تۈرلۈك (قېتىم) ھەر دەرىجىلىك شەرەپ ناملىرىغا ئېرىشكەن. بالىلارنىڭ ھۆسن خەت، رەسىم ئەسەرلىرى ھەر يىلى مۇكاپاتلانغان. يېقىنقى بەش يىلدا جۇڭگو، سىنگاپوردىكى مۇسابىقىلىرىدە 119 نەپەر ئادەم ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېداللارغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#