ۋاڭ خۇنىڭ

ۋاڭ خۇنىڭ

ۋاڭ خۇنىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955 ـ يىلى 10 ـ ئايدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لەيجۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاڭ خۇنىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسى لەيجۇ شەھىرى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى
پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتى 1984 ـ يىلى 4 ـ ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 王沪宁
مىللىتى خەنزۇ مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1955 ـ يىلى 10 ـ ئاي
خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى 1977 ـ يىلى 2 ـ ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاڭ خۇنىڭۋاڭ خۇنىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955 ـ يىلى 10 ـ ئايدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لەيجۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1977 ـ يىلى 2 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 ـ يىلى 4 ـ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانت، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى، پىروفېسسور.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

1972 ـ يىلىدىن 1977 ـ يىلىغىچە شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كادىرلار مەكتىپىنىڭ چەت ئەل تىلى كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 

1977 ـ يىلىدىن 1978 ـ يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 

1978 ـ يىلىدىن 1981 ـ يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 

1981 ـ يىلىدىن 1989 ـ يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنتى، پىروفېسسورى (بۇ مەزگىلدە 1988 ـ يىلىدىن 1989 ـ يىلىغىچە ئامېرىكا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلى شۆبە مەكتىپىنى زىيارەتچى ئالىم بولۇپ ئوقۇغان) بولغان؛

ۋاڭ خۇنىڭ 1989 ـ يىلىدىن 1994 ـ يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى؛ 

1994 ـ يىلىدىن 1995 ـ يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 

1995 ـ يىلىدىن 1998 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى سىياسىي گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 

1998 ـ يىلىدىن 2002 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 

2002 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 

2007 ـ يىلىدىن 2012 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 

2012 ـ يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

پارتىيە 16 ـ، 17 ـ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنجاڭ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 

http://www.uycnr.com/zl/zhongguorenwu/201212/t20121210_418993.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/159348.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#