ئىئوردانىيە
ئىئوردانىيە ھاشىمىت پادىشاھلىقى (The Hashemite Kingdom of Jordan) قىسقارتىلىپ ئىئوردانىيە دېيىلىدۇ. ئىئوردانىيە ئەرەب يېرىم ئارىلى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىئوردانىيە ھاشىمىت پادىشاھلىقى (The Hashemite Kingdom of Jordan) قىسقارتىلىپ ئىئوردانىيە دېيىلىدۇ. دۆلەت نامى ئىئوردان دەرياسىدىن كەلگەن. ئىئوردان سۆزى ئىبراي تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <جىددىي ئاققان سۇ> ياكى <ئۆركەشلىمەك> بولىدۇ.
ئىئوردانىيە ئەرەب يېرىم ئارىلى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 91 مىڭ 390 كۋادرات كىلومېتىر (ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېلىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى دېڭىز يۈزىدىن 600-1000 مېتىر ئېگىز بولغان ئېگىزلىكلەردىن ئىبارەت.
ئىئوردانىيەنىڭ ئاھالىسى 7 مىليون 590 مىڭدىن ئاشىدۇ (2015)، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا تۈركمەن، ئەرمەن قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. ئىئوردانىيەدىكى پەلەستىنلىكلەر بىر مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ %90 دىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ.
ئىئوردانىيەنىڭ يەر مەيدانى 91.390 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7 مىليون 590 مىڭ. بۇنىڭ %40 ى ئىئوردانىيىلىك ئەرەبلەر،%55 ى پەلەستىنلىك ئەرەبلەر، قالغىنى چېركەس تۈركلىرى، تۈركىيە تۈركلىرى ۋە چېچېنلەر تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى ئاممان، پۇل بىرلىكى دىنار.
ئورنى
ئىئوردانىيەنىڭ غەربىي تەرىپىدە شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان ئىئوردان دەريا ۋادىسى، ئۆلۈك دېڭىز ۋادىسى، ئەرەب ۋادىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋادا بار. بۇلارنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى دېڭىز يۈزىدىن پەس تۇرىدۇ. ۋادىلارنىڭ شەرقىدە ئېگىزلىكى 1000-1400 مېتىر كېلىدىغان تاغلىقلار بار. دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبى تەرەپلىرىگە قۇملۇقلار جايلاشقان.
كىلماتى
ئىئوردانىيەنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك بەلباغ چۆللۈك ئىقلىم تىپىغا، غەربىدىكى تاغلىقلار يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىدىكى رايونلارنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 500-700 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. شەرقىي جەنۇبى رايونلىرىدا 50 مىللىمېتىر كېلىدۇ.
ئىئوردانىيە ئەسلى پەلەستىننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىلا نەيبىت خەلقلىرى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرغان. 16-ئەسىرگە كەلگەندە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىن كېيىن ئەنگلىيە نىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1921-يىلى ئەنگلىيە ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن جاينى ئىككىگە ئايرىغان. ئۇنىڭ غەربى پەلەستىن، شەرقى ئىئوردانىيە دەپ ئاتالغان. 1947-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت نامىنى ھاشىم ئىئوردانىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن، 1977-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.
دۆلەت بايرىقى
ئىئوردانىيە ھاشىمىت پادىشاھلىقىئىئوردانىيە ئەسلى پەلەستىننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1921-يىلى ئەنگلىيە ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىش ئاساسىدا ئىئوردانىيەنى پەلەستىندىن ئايرىۋەتكەن. 1946-يىلى ئىئوردانىيە مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت ئىسمىنى ئىئوردانىيە ھاشمىت پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرگەن. ئىئوردانىينىڭ دۆلەت بايرىقىنى دۆلەت مۇستەقىل بولغاندا پادىشاھ ئابدۇللا تۈزۈپ بەرگەن، ئۇ ئەنئەنىۋى پەلەستىن بايرىقى بولۇپ، ئۈستىدىن ئاستىغىچە قارا، ئاق ۋە يېشىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان.
دۆلەت گېربى
ئىئوردانىيە ھاشىمىت پادىشاھلىقىئىئوردانىيە دۆلەت گېربىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا قانات قېقىۋاتقان ھەيۋەتلىك سالاھىدىن شۇڭقىرى ھاۋا رەڭ يەر شارىدا باش كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئىسلام دىنىنڭ تەسىرى پۈتۈن يەر شارىغا تاقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇقەددەس شۇڭقارنىڭ ئىككى يېنىغا بىردىن دۆلەت بايرىقى قادالغان. ئالتۇن دەستىلىك زۇلپىقار بىلەن ئالتۇن رەڭلىك ئوقيا ئىئوردانىينىڭ شەرەپلىك تارىخى ۋە پادىشاھ جەمەتىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى بىلدۈرگەن؛ بۇغداي باشاقلىرى بىلەن پالما يۇپۇرمىقى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاشلىق بىلەن تىنچلىقنى بىلدۈرۈپ ئوخشاشلا مۇھىملىقنى ئىپادىلگەن.
ئىئوردانىيە ئىقتىسادتا كان-سانائىتى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. بولۇپمۇ فوسفورلۇق مىنېرال ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
يېزا ئىگىلىكى
ئىئوردانىيە ئاھالىسىنىڭ %80 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، كۈنجۈت، تاماكا، ئۈزۈم قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىچىلىكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ، مېۋە ئېكسپورت قىلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ.
سانائىتى
پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدە توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، سوپۇن، تاماكا، سېمونت، ئەينەك، نېفىت ئايرىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.