دۇلدۇل ئىزى تېغى

دۇلدۇل ئىزى تېغى

مارالبېشىدىكى توققۇز ساراي قەدىمىي شەھىرىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا دۇلدۇل ئىزى تېغى دەيدىغان بىر تاغ بار.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇلدۇل ئىزى تېغىقەشقەر مارالبېشىدىكى توققۇز ساراي قەدىمىي شەھىرىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا دۇلدۇل ئىزى تېغى دەيدىغان بىر تاغ بار. بۇ تاغدىكى دۇلدۇل ئىزى توغرىسىدا ئىككى خىل رىۋايەت تارقالغان: بىر رىۋايەتتە، ئىسلام دىنىدىكى تۆت چاھارىياھنىڭ بىرى بولغان ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەينى چاغدا مىنگەن دۇلدۇلنىڭ ئالدى پۇتىنىڭ تۇياق ئىزى مۇشۇ يەردە، كەينى پۇتىنىڭ تۇياق ئىزى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆكتە پەرۋاز قىلغان دۇلدۇل رىۋايىتى شەكىللەنگەن. 

يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، بۇ دۇلدۇل ئىزى غەربكە نومغا ماڭغان تاڭ راھىبى شۈەن زاڭنىڭ مىنگەن ئېتىنىڭ تۇياق ئىزى بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا غەربكە نومغا ماڭغاندا مۇشۇ يەردىن ئۆتكەن. ئۇ يىراقتىن توققۇز ساراي قەدىمىي شەھىرىنى كۆرۈپ، مۇشۇ يەردە ئاتتىن چۈشۈپ ئارام ئالغان، ئېتىنىڭ ئالدى تۇيىقىنىڭ ئىزى بۇ يەردە ھازىرقى دۇلدۇل ئىزىنى شەكىللەندۈگەن.

دۇلدۇل ئىزى تېغى ئەتراپىدا 1000 يىللىق توغراق بولۇپ، توغراق غولىغا ئالتە ئادەم بىرلەشسە ئاران قۇچىقى يېتىدۇ، دەرەخ ئۈستىگە خىلمۇ-خىل لاتىلار ئارتىلغان ھەم چىگىپ قويۇلغان بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا نەزىر- چىراغ، دۇئا-تەگبىر قىلىدىغان، دۇئا قىلىپ بەخىت تىلەيدىغان سېھىرلىك جايغا ئايلانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#