ئارش يېزىسى

ئارش يېزىسى

ئارش يېزىسى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى گە جايلاشقان، كېرىيە ناھىيەسى بازىرىغا 13 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئارش يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 67.76 كۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿日希乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
تەۋە رايون كېرىيە ناھىيەسى
رايۇن نۇمۇرى 0903

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەنت رەھبەرلىرىئارش يېزىسى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى گە جايلاشقان، كېرىيە ناھىيەسى بازىرىغا 13 كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقىي تەرىپى ئارال يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى لەڭگەر يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا ھەيۋەتلىك كۇئىنلۇن تېغى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي بىلەن كۆكيار يېزىسى تۇتىشىدۇ، كېرىيە دەرياسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قۇرۇپ قالغان دەرەخلەرنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 32 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ مو، چۆل-جەزىرلەرنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 63.47 مىڭ مو كېلىدۇ. يېزا بويىچە توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، يايلىغان كەنتى، يېڭىئېرىق كەنتى، بەشتاش كەنتى، ئارىش كەنتى، شىرىكە كەنتى، ئاۋاپ كەنتى، يەتتە دۆڭ كەنتى، قوشلاش كەنتى، جىگدەكېچىك كەنتى قاتارلىقلا بار. 

يېزا تەكشۈرۈشىئارش يېزىسىنىڭ سۇ بايلىقى مول، سۇغىرىش كۆلىمى 32 مىڭ مو؛ ئورمان كۆلىمى 13951 مو؛ چوڭ تىپتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش تايانچ بازىسى بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە يەر بايلىقى ئىنتايىن مول، يەر تۈز، تۇپراق كۆپىنچە قوڭۇر چۆل تۇپراق، تۇپراق بىر قەدەر نېپىز، تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىلارنىڭ تەركىبى بىرقەدەر تۆۋەن، سۇ ۋە ئوغۇت ساقلاش ئىقتىدارى ناچار، لېكىن يەر ۋە ئوغۇت بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ياخشى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈك،  ئۈنۈملۈك يىغىندى تېمپېراتۇرا يۇقىرى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ھاۋا قۇرغاق، ئىسىقلىق ئېنېرگىيەسى تۇلۇق، ياڭاق ئۆسىتۈرۈلىدۇ، ياڭاق، ئانار ئىشلەپچىقىرىش تەبىئىي ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزگىچە ئېكولوگىيلىك مۇھىت ھازىرلانغان، ياڭاق، ئانار مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئانارنىڭ رەڭگى ياخشى، مەيلى تەبىئىي بايلىق ياكى بازار شارائىتى جەھەتتە بولسۇن، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە . ئارش يېزىسىنىڭ يەنە مول ئوت-چۆپ بايلىقى بۇلۇپ، تەخمىنەن 67945 مو تەبىئىي ئوتلىقى بار، تىۋىتلىق ئۆچكە بېقىشقا ماس كېلىدۇ، تىۋىت سېتىش ئارقىلىقمۇ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدۇ.

ياشانغانلاردىن ھال سوراشئارش يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قولدا چىڭ تۇتۇش» ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك فاڭجېنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ناھىيە بويىچە ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى مەركەز قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە كەسىپلەردىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىپ، پۈتۈن يېزىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەدەنىيەتلىك كەنتلەرنى بەرپا قىلغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#